شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئىزدىنىش قولىڭىزدا

2015-03-13 02:18:28 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر
بىر ئىشسىز كىشى بىر كۈنى Microsoft شىركىتىگە كېلىپ،ئىشىك باقىدىغان خىزمەتنى قىلماقچى بوپتۇ. دېرىكتۇر ئۇنىڭدىن يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى بىردەم يەر سۈپۈرگىلى ساپتۇ…ئەمگەك كۈچى بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:_بۇ خىزمەت سىزنىڭ بولدى، ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىڭىزنى ئېيتىپ بىرىڭ،كېيىن مەن سىزگە بىر جەدۋەل ئەۋەتىمەن،سىز ئۇنى ياخشى تولدۇرۇڭ.ئاندىن سىزنىڭ خىزمەتكە چۈشىدىغان كۈنىڭىز ۋە ۋاقتىڭزنى ئۇقتۇرىمەن ،_دەپتۇ._مېنىڭ كومپيوتىرىم يوق،ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانماممۇ يوق،_دەپتۇ ھىلىقى كىشى.ئەمگەك كۈچى بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتىن ناھايىتى ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى،ئەگەر ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى بولمىسا بۇ خىزمەتكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.خىزمەتنىڭ قولدىن كەتكىنىدىن كەيپى ئۇچقان بۇ كىشى نېمە قىلارىنى بىلمەي كېتىپ قاپتۇ.ئۇنىڭ يانچۇقىدا پەقەت 10 دوللارلا بار ئىكەن.ئۇ تاللا بازىرىغا بېرىپ بىر يەشىكى ئون كىلولۇق پەمىدۇردىن بىر يەشىك سىتۋاپتۇھەمدە بۇ پەمىدۇرنى ئۆيمۇ_ئۆي يۈرۈپ سېتىپتۇ.2سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پەمىدۇرنى سېتىپ بولۇپ مەبلىغىنى بىر قاتلاپتۇ.ئۇ مۇشۇنداق ئۈچ قېتىم سېتىپ،پۇلىنى يانچۇقىغا سىلىپ ئۆيگە قايتىپ كەپتۇ.ئۇ بۇ ئۇسۇل بويىچە ياشىسا بولىدىغانلىقىنى ھېس قىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەر كۈنى سەھەر چىقىپ كەچ قايتىپتۇ.شۇنداق قىلىپ ئۇ ھەر كۈنى ئىلىپ چىققان پۇلىنىڭ 4 ھەسسىچىلىك تېپىپتۇ.ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ كىچىكرەك يۈك ماشىنىسىدىن بىرنى سېتىۋاپتۇ،بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇ يەنە بىر چوڭ يۈك ماشىنىسى سېتىۋاپتۇ،يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇنىڭ كىچىكرەك بىر مال يەتكۈزۈپ بېرىش ئاپتىموبىل ئەتىرتى بار بوپتۇ.5يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ.بۇ كىشى ئامېرىكىدىكى بىر چوڭ يىمەكلىك يەتكۈزۈپ بېرىش شىركىتىنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىپتۇ.ئۇ ئائىلىسىنىڭ كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتۇپ،بىر كىشىلىك ئۆمۈر سۇغۇرتىسى سىتۋىلىشنى قارار قىلىپ،سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ دىرېكتورغا تېلېفۇن بېرىپ،بىر سۇغۇرتا تۈرىنى تاللاپتۇ،سۆھبەت ئاخىرلاشقان ۋاقىتتا دىرېكتور ئۇنىڭ ئىلىكتىرۇنلۇق پوچتا يوللانمىسىنى قانداق يازغاندا ئۇنىڭغا سۇغۇرتا تالونىنى ئەۋەتىپ بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى سوراپتۇ.بۇ كىشى ئۆزىنىڭ پوچتا يوللانمىسى يوقلىقىنى ئېيتقاندا،دىرېكتور ھەيران قىلىپ ئۇنىڭغا:_سىزنىڭ ئىلىكتىرۇنلۇق پوچتا يوللانمىڭىز يوق تۇرۇپمۇ،يەنە مۇشۇنداق بىر سودا ئىمپىريەسىنى قۇرۇپ چىقىپسىز.ئويلاپ بېقىڭ،ئەگەر پوچتا يوللانمىڭىز بولغان بولسا سىز قانداق بولار ئىدىڭىز……_دەپ سوراپتۇ.بۇ كىشى دەرھال:_ئۇ چاغدا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئىشىك باقارى بولغان بولاتتىم_دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ...........
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
----Comments(1)----
بەس بەس (@basbas) | @ at 2016-08-11 07:38:
http://www.xjtvs.com.cn/uyghurwy/zb/index.shtml
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى