شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

كىشنى رازى قىماق تەس تەۋسىيلىك

2015-03-14 23:39:59 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر
ھەممىلا كىشىنى رازى قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ
بۇرۇن بىر داڭلىق رەسسام بولغانىكەن، ئۇنىڭ نۇرغۇن رەسىملىرى پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپتۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ رەسىملىرىدىن رازى بولمايدىغان بىر تەرىپى بار ئىكەن. بۇ ئىش ئۇنى ناھايىتى ئازابلايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر كۆرسىلا ياقتۇرۇپ قالىدىغان، ھەممە ئادەمنى رازى قىلالايدىغان رەسىم سىزىپ چىقماقچى بوپتۇ. بىر نەچچە ئايلىق قاتتىق تىرىشىش ئارقىلىق ئۇ ئاخىرى كىشىش قارىسىلا ھەۋىسى كەلگۈدەك بىر پارچە رەسىم سىزىپ چىقىپتۇ. ئۇ باشقىلارنىڭ باھاسىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولۇپ، رەسىم كۆرگەزمىسى ئويۇشتۇرماقچى بولۇپتۇ. ۇ باشقىلارغا ئۆزىنىڭ پىلانىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن، رەسىمنىڭ يېنىغا بىر تال قەلەمنى ئېسىپ قويۇپ يېندىىكى بىر پارچە قەغەزگە مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى يېزىپ قويۇپتۇ: <چىرايلىق، مۇكەممەل چىقمىغان يەرلىرىگە بەلگە سىزىپ قويۇڭ>
كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلگەن شۇ بىر كۈندە رەسسام ناھايىتى چۈشكۈن ھالدا ئۆيگە قايتىپتۇ. ئەسلىدە ھېلىقى رەسىمنىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرىگە بەلگە سېلىنىپ كەتكەن ئىكەن. ھەتتا بەزى ئېكىسكۇرسىيەچىلەر ئۆزلىرىنىڭ پىكىرىنى يېزىپ قويغان ئىكەن. بۇ ئەھۋال رەسسامنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرۈپتۇ. «ئەسلىدە مەن مۇشۇنداق سەۋىيەدە ۆرەسىم سىزىپتىمەندە! ھەممىسى مەندىن رازى بولمىدى» رەسسام ئۆز-ئۆزىنى ئەيىلەپ كېتىپتۇ.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن رەسسام ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ئوڭشىۋاپتۇ. ئۇ كەسپىي رەسسام بولىدىكەنمەن چوقۇم يۇقىرى سەۋىيە يارىتىشىم كېرەك دەپ ئويلاپتۇ.
ئۇ يەنە بىر قېتىم سىناپ بېقىشنى قارار قىلىپتۇ. بىراق بۇ قېتىم كاللىسىنى ئىشلىتىپ ياخشىراق ئامال ئويناپ چىقىپتۇ. رەسسام باشقا ئىجادىي رەسىملەرنى سىزماي، يەنە شۇ ئوخشاش بىر پارچە رەسىمنى سىزىپتۇ ھەمدە بىر قىتىملىق كۆرگەزمە ئويۇشتۇرۇپ كىشىلەرنىڭ پىكىر بېرىشىنى تەلەپ قىلىپتۇ. بۇ قېتىم قەغەزگە يېزىلغىنى «سىز ئەڭ رازى بولغان يەرگە بەلگە قويۇڭ» دىگەن گەپ ئىكەن.
كەچقۇرۇن رازىمەنلىك بىلەن ئۆيگە قايتىپتۇ. ئەسلىدە رەسىم ئۈستىگە قويۇلغان بەلگىلەر رازىمەنلىك بىلەن قويۇلغان بەلگىلەر ئىكەن. ھەتتا ئەسلى رازى بولمىغان بەلگىلىرى ئۇرۇلغان يەرلەرگىمۇ رازىمەنلىك بەلگىلىرى ئۇرۇلغان ئىكەن.
مەيلى قانداقلا ئىش بولسۇن ھەمما ئادەمنى رازى قىلىپ كېتىش مۇمكىن ئەمەس. ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مۇنداق قائىدىنى ياخشى بىلىدۇ. ھەممە كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس قارىشى بولىدۇ. ھەر بىر كىشى پەقەت ئۆز قارىشىغا ماس بولغان تەرىپىدىنلا قارشى تەرەپتىن رازى بولىدۇ.(تامام)
مەنبەسى:چوڭقۇرچاق تورى
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى