شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ماقال تەمسىىلنىڭ يىشىلمىس

2015-03-24 02:35:08 -0400 مەزمۇن تۈرى:

ماقال تەمسىللەر
بويتاقنىڭ تاپقىنىنى ئىت يەر، ياقىسىنى پىت (يەر)

مەنىسى: بويتاق تۇرمۇشنىڭ مەززىسى يوقلىقىنى، كۈنلىرىنىڭ مەينەتچىلىكتە ئۆتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.



بۇرۇتقا خاپا بولسام ساقال چىقتى
مەنىسى: بىر ئادەمنىڭ ئارقا-ئارقىدىن خاپىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.



بۇقا بوينىغا يىغار، ئابدال قوينىغا

مەنىسى: ئەلگە كۆيۈنىدىغان ئادەم تاپقىنىنى يىغىپ ئەلگە نەپ يەتكۈزىدۇ، شەخسىيەتچى، نادان ئادەم ئۆزىنىڭلا مەنپەئەتىنى ئويلايدۇ دېگەنلىك.



بۇقا قېرىسا بۇرنى قېرىماس

مەنىسى: ئەر كىشى قېرىسىمۇ شەھۋانىي نەپسى قانمايدۇ دېگەنلىك.


بۇ يەردە ئوغرى يوق، ھېلى قويغان ھېلى يوق

مەنىسى: كۆرۈنۈشتە پاك بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئالدىغا ئۇچرىغان نەرسىنى ئوغرىلاپ تۇرىدىغان ئالا كۆڭۈل كىشىلەرگە قارىتىلغان.




پاختەكتە بار كۆڭۈل تۇرۇلغىدا يوقمىدۇ؟

مەنىسى: ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلى ئوخشاش، شۇڭا ئالدىراپ خەقنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەسلىك لازىم دېگەن گەپ.




پاقا سوزۇلۇپ يىلان بولالماس، موماي ياسىنىپ جۇۋان

مەنىسى: قارىغۇلارچە دورامچىلىق قىلىشنىڭ نەتىجىسىز بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
پالتىنىڭ سېپىغا موزاي تېزەكلەپ قويۇپتۇ
مەنىسى: ①بېخىل ئادەملەرنىڭ باشقىلارغا بىرەر نەرسىسىنى ئارىيەت بېرىشتە كۆزى قىيماي باھانە-سەۋەب كۆرسەتكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.② قازى، سوتچىلارنىڭ پارا يەپ قېلىپ دېلوغا ھۆكۈم قىلالمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.


پوقاقنىڭ ئۈستىگە سۆگەل چىقىپتۇ

مەنىسى: بىراۋ بىرەر خاپىلىقىنى تارتىپ بولالمايۋاتقاندا يەنە بىر خاپىلىققا دۇچار بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.




پوقنى ئوسۇرۇق بىلەن ياپقىلى بولماس

مەنىسى: ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ جىنايەتنى ياكى سەتچىلىكنى ياپقىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

تەھرىر:ئابلەق ماخموت
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى