شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئانام بىلمىسۇن

2015-03-28 21:26:28 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر
ئانام بىلمىسۇن
******
سۆز ئاچمىغىن ئاھۇ-زارىمدىن،
يۈرەگىنى ئەلەم تىلمىسۇن.
سۆزلە پەقەت بەختۇ-بارىمدىن،
دەرتلىرىمنى ئانام بىلمىسۇن.
***
كۆرەلمەسلەر كۈلسە ھەم مەيلى،
دۇنيانى تار قىلسا ھەم مەيلى،
دۈشمەنلىرىم بىلسە ھەم مەيلى،
دەرتلىرىمنى ئانام بىلمىسۇن.
***
ھايات ئۆتەڭ كەلگەنلەر كېتەر،
ئۇندىن كىملەر قايغۇسىز ئۆتەر؟
پەرزەنتىم دەپ قېرىدى يېتەر،
دەرتلىرىمنى ئانام بىلمىسۇن.
***
ئىرادەم بار كەلسە مىڭ كۈلپەت،
ئانام كۈلۈپ يۈرسۇن تائەبەد،
شادلىقىمنى ئاڭلىسۇن پەقەت،
دەرتلىرىمنى ئانام بىلمىسۇن.
***
بار چېغىدا قەدرىنى قىلاي،
دۇئا ئېلىپ، رازىلىق سوراي،
ئۆزۈم ئۇنىڭ دەردىنى ئالاي،
دەرتلىرىمنى ئانام بىلمىسۇن.
2015-3-28
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
----Comments(1)----
ئۇيغۇر ي (@altun) | @ at 2015-03-28 21:51:
ياخشى . ياخشى
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى