شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئاكاشنى ياخشى كۈرەتىم (تەۋسىيلىك ھىكايە ) تۇلۇق ئۇقۇڭ

2015-04-06 10:54:32 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر
مەن ئاكاشنى ياخشى كۆرەتتىم

گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى
قىزلار داۋاملىق ئۆزىدىن چوڭ ئوغۇللارنى ياقتۇرۇپ قالىدىكەن. يا ئادەم خاتا ئۇچراشتى، ياكى توغرا ئادەم خاتا ۋاقىتتا ئۇچراشتى.
※※※ئازغۇن ئۈندىدار گېزىتى ※※※
توۋا، ئەشۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى، بىر ئاكاشنى يوشۇرۇن ياقتۇرۇپ قالدىم. ئۇ 22 ياشلار چامىسىدىكى، كېلىشكەن يىگىت. ناھىيىلىك جۇڭگو تېلېگراف ئىدارىسىدە خىزمەت قىلاتتى. مەن بولسام ئەمدىلا تولۇق ئىككىنچى يىللىققا چىققان يۇۋاش ئەمما دەرستە خېلى ياخشى ئوقۇغۇچى قىز ئىدىم.
بىز تونۇشقان ئۇ كۈن، ئانچە رومانتىك ئەمەس، يا بىر يامغۇر، يا بىر قار ياغقان كۈن ئەمەس. ئەمما، كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايدىغان سەلكىن شاماللىق يازلىق تەتىل كۈنلىرى ئىدى. بىزنىڭ ئۆينىڭ مۇقىم تېلېفونى بۇزۇلۇپ قېلىپ، قايتا-قايتا تېلېگراف ئىدارىسىگە ئىنكاس قىلىشىمىز بىلەن، ئۇلار ئادەم ئەۋەتمەكچى بولدى. بىر ئۇيغۇر ئاكاش كەلمەكچى بولۇپ، بىزنىڭ ئۆينى تاپالماي دادامنىڭ يان تېلېفونىغا تېلېفون قىپتۇ. ئەمدى شۇ ئۆيدە كىچىك بالىلار بولسا، ھەممە چوڭلار شۇ كىچىكلەرنى يۈگۈر-يېتىم ئىشلىرىغا سېلىشقا ئارانلا تۇرىدىكەن. شۇ چاغدىمۇ مەنلا يۈگرەيتتىم، خۇشياقمىسىمۇ ئامال يوقتە....
※※※ئازغۇن ئۈندىدار گېزىتى ※※※
بىزنىڭ ئۆيگە قايرىلىدىغان دوقمۇشتا ساقلىدىم. ئادەم ساقلاشنى ھېچكىم ياقتۇرمايدۇ، ئەمما، مەن ساقلاشقا ئامراق، ھەم ساقلىساممۇ جىم تۇرماي ساقلايمەن، يا بولمىسا يەرنى تېپىپ، يا بولمىسا يېنىمدىكى دەرەخنى تېپىپ، ئېسىلىپ يۈرۈپ يوپۇرماق ئۈزۈپ دېگەندەك، ئىشقىلىپ بىردەممۇ جىم تۇرمايمەن. شۇ سەۋەبتىن، كېلىپ قالغان ماشىنىغا دىققەت قىلماي، شۇنداق بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولۇپمۇ قالدىم. ئايلاندۇرۇپ كىرىش ئۈچۈن، شوپۇرمۇ ماشىنىنى ئارقىغا داجىتىپ تۇرۇشىغا، مەنمۇ كەينىچان مېڭىپتىمەن. «گۈپپىدە!» تىزلىنىپلا ئولتۇرۇپ قالدىم. ئالىقىنىم، تىزىم تۇيۇقسىز كىرگەن بىر ئاغرىقتىن جېنىمنى ئېلىپ ياندا قويدى. ئىختىيارسىز كۆزۈمدىن ئاققان ياشلارغا گەپ كەتمەيدۇ! شۇئان بىر جۈپ مېھىرلىك يوغان قول مېنى كۆتۈرۈپلا ماشىنىغا سالدى. ماشىنىغا چىقمايمەن، دەپ تېپچەكلەپ، قولۇمنىڭ ئاغرىقىغا قارىماي، ئۇ ئادەمنىڭ يۈزلىرىگە ئۇرۇپلا كەتتىم. بىردەمدە قورقۇنچلۇق خىياللار چۇلغىۋالغانىدى، ئەمدى بۇلار قاراڭغۇ بازارنىڭ ئەزا سودىگەرلىرى بولسا...ياكى...
-دوختۇرغا ئاپىرامدىم يا؟- ئۇنىڭ خاپا بولغان قىياپەتتە دېگەن سۆزىدىن سەل ئۇيىلىپراق پەسكويغا چۈشتۈم.
- بولدى، چۈشۈرۈپ قويۇڭ، بىرسىنى ساقلاۋاتقانتىم مەن.
- ئۆيىڭىزنى كۆرسىتىڭە، مەن شۇ تېلېفون ياسىغىلى كەلگەن.
يەنە بىر سەت قارىۋېتىپ، ئۆيىمىز تەرەپكە قايرىلىشنى شەرەتلىدىم. ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇ خىجىل بولۇپ، ئاتا-ئانامغا سالام قىلىپ بولۇپلا چۈشەندۈرۈپ كەتتى. ئاپام دورا سۈرتۈپ پىلاستىر چاپلاپ قويدى، بۇ ئارىلىقتا ئۇ بىردە-بىردەم مەن تەرەپكە قارايتتى. شۇ چاغدىلا بۇ ئاكاشقا ھەقىقىي تۈردە دىققەت قىلدىم. خېلى قاملاشقان بوي-بەستى، پاكىز قىرىلغان بۇرۇت-ساقىلىنىڭ ئىزى تولىمۇ جەلپكار كۆرسەتكەنىدى. ئاپامنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ياتاق ئۆيگە ئارام ئېلىش ئۈچۈن كىرىپ كەتتىم. لېكىن خىيال پىكرىم يەنىلا شۇ ئاكاشتا ئىدى.
تەتىلمۇ توشتى، بۇ ئارىلىقتا ئۇ ئاكاشنى مەن ئۇنتۇپ قالاي دېگەنىدىم. چۈنكى بىر قېتىم مۇنداقلا كۆرۈپ قالغان ئادەمنى ئۇنتۇيالمىغۇدەك دەرىجىدە ھېسسىيات مەندە تېخى شەكىللەنمىگەن. يەنە سىنىپتىكى ھەم پاراللېل سىنىپتىكى شۇ كېلىشكەن شوخ ئوغۇل ساۋاقداشلىرىمنى ئويلاپ، بىر خىل خۇشاللىق ئىلكىدە مەكتەپكە يۈرۈپ كەتتىم.
※※※ئازغۇن ئۈندىدار گېزىتى ※※※
بىر كۈنى ئىككىنچى سائەتلىك دەرس ۋاقتىدا ئۇيقۇم كېلىپ، پەقەت بولالماي بېشىمنى قويۇپلا بۇخاراغا سەپەر قىپتىمەن. تەنەپپۇسقا قوڭغۇراق چالغاندا خىيالىمدا تۆتىنچى سائەتلىك دەرستىن چۈشتۇققۇ دەپلا ئويلاپ كىتابلىرىمنى پارتىنىڭ ئىچىگە سېلىۋېتىپ كۆزۈمنى يىرتىپ ئېچىپلا چوڭ دەرۋازا تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. دەل شۇ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە، دەل شۇ ماشىنىدىن چۈشكەن ئاكاش كۆرۈندى. يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇپ كەتتى، خۇددى مەن بىر ئۇياتلىق ئىش قىلىپ قويغاندەك، ئەتراپقا قارىسام، كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار سىنىپ دېرىزىلىرىدىن بېشىنى چىقىرىپ سىرتقا قاراپ تۇرماسمۇ؟! سائىتىمگە قارىسام، ئەمدى ئىككىنچى سائەتلىك دەرستىن چۈشۈپتىمىز! ۋاي ئانامەي! چاندۇرماسلىقىم كېرەك، بىرىنچىدىن، بۇ ئاكاش ئالدىدا سەتلەشمەي، ئىككىنچىدىن ساۋاقداشلىرىم ماڭا قاراۋاتىدۇ.
مەن ئۇدۇل مېڭىپ، دەرۋازىۋەن تاغىنىڭ يېنىغا باردىم، ئۇنىڭدىن بىزنىڭ سىنىپ مەسئۇلىمىزنى كۆردىمۇ يوق سورىدىم. ئۇ تاغىمىز كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتتى، مەن ئۆزۈمچە:«نەگە كەتتىكىن؟ جىددىي بىر ئىش بار ئىدى» دەپ غودۇرىغىنىمچە ئوقۇتۇش بىناسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم. چانمىدى ھە؟!
※※※ئازغۇن ئۈندىدار گېزىتى ※※※
سىنىپقا كىرىپ پەقەت تىنچلىنالمىدىم. ئۇ ئاكاش مېنى تونۇيالىغانمىدۇ؟ قايسى ئىشخانىنىڭ تېلېفونىنى ئوڭشىغىلى كەلگەن بولغىيتتى؟ مەن بىر خاتىرە دەپتىرىمنى كۆتۈرۈپ، مۇئەللىمدىن مەلۇم نەرسە سورىماقچى بولۇپ، قەستەن ھەممە ئىشخانىنى بىر ئارىلاپ چىقتىم. مەقسىتىم شۇ ئاكاشنى يەنە بىر كۆرۈۋېلىش، ئۆزۈمنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىپ قويۇش ئىدى. توۋا، قىز بالا ھەقىقەتەن ساراڭ بولىدىكەن دېسە! ئۇ ئاكاش مېنى ھازىر تونۇمدۇ يوق؟ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم!
ھېچقايسى ئىشخانىدىن ئۇ ئاكاشنى تاپالمىدىم. تەنەپپۇس ۋاقتى توشتى، ئۈچىنچى قەۋەتكە يۈگرۈپ چىقىپ، ھالسىراپ ئەمدىلا سىنىپ ئالدىغا كېلىشىمگە بىرىگە شۇنداق قاتتىق ئۈستۈمكى، كۆزەينىكىم پەسكە چۈشۈپ چېقىلىپ كەتتى، بۇرنۇممۇ قاناپ كەتتى. پالاكەتلىكتە، قوپاللىقتا نوبېل مۇكاپاتى بەرسە مانا مەن ئالاتتىم!
- كەچۈرۈڭ، سىزنى دوختۇرغا ئاپىراي!- بۇ ئاۋاز شۇنداق تونۇش ئاڭلاندى، ھەم بۇرۇندىن مېنىڭ قەلبىمنىڭ ئىچكى قىسمىغا سېغىنىشلىق ئورناپ كەتكەن بىر ئاۋاز ئىدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراپ، داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم، يەنە شۇ! ماڭا بىر چىرايلىقچە ئۇچرىسا نېمە بولار؟
※※※ئازغۇن ئۈندىدار گېزىتى ※※※
- بايا سىزنى مەكتەپ قوروسىدا كۆرۈپ، ئەھۋال سوراپ قوياي دېسەم، ئارقىڭىزغىمۇ قارىماي كېتىپ قالدىڭىز، شۇڭا ئىزدەپ سوراپ، سىنىپىڭىز ئالدىدا سىزنى ساقلاپ تۇرغانتىم. ئەپسۇس، يەنە ئاۋارىچىلىق كەلتۈرۈپ چىقاردىم. خاپومماڭ سىڭلىم! - بىز مەكتەپنىڭ ئامبۇلاتورىيەسىدە ئولتۇرۇپ بىر بىرمىزگە چۈشەندۈرۈشكە باشلىدۇق.
- ياقەي، ھېچقىسى يوق، داۋاملىق مەن پالاكەتلىك قىلىپ، سىزگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىۋاتىمەن.
- يارىلانغان ئادەم سىز، شۇڭا مەن كەچۈرۈم سورايمەن.
- مەن ئۈچۈن بۇ ئادەتتىكى ئىشلار...- ئويلىماستىنلا دەپ سالغان بۇ گېپىمگە ئۆزۈممۇ شۇنداق پۇشايمان قىلدىم. ئەمدى بۇ ئاكاش مېنى قىزبالا تۇرۇپ بەك قوپالكەن دەپ قالارمۇ؟ ئەپسۇس:
- بەك ئوماق ھە سىز! ھە راست، كۆزەينىكىڭىزنى قايتىدىن سەپلەتكۈزەيلى، سىنىپ مەسئۇلىڭىزغا دەپ قويۇپ چىقايلىمۇ؟
مېنىڭ ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي كۆزەينىكىمنى ئالماشتۇردۇق، يەنە تېخى بىللە تاماق يېدۇق. بۇ مېنىڭ ساۋاقداشلىرىمدىن باشقا ئوغۇللار بىلەن تۇنجى قېتىم بىللە تاماق يېيىشىم ئىدى. يۈرىكىم سېلىپ دېگەن، ئاغزىمغا تىقىلىپ قالاي دېدى!
※※※ئازغۇن ئۈندىدار گېزىتى ※※※
شۇندىن ئېتىبارەن، مەكتەپتىن قايتقاندا ياكى باراردا ئاكاشنىڭ ماشىنىسىنى يوللاردا ئىزدەيدىغان بولدۇم. ئوخشاپ قالىدىغان ماشىنىلارنى كۆرگىنىمدە ئىختىيارسىز ئۆزۈمنىڭ يۈرۈش تۇرۇش ھەرىكىتىمگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كېتەتتىم. كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەك، تولاراق ۋاقىتتا تۇيۇقسىز كەينىمدىن ماشىنىنىڭ سىگنالىنى ئۇرۇپ، مېنى چۆچۈتۈپ ئاكاشمۇ پەيدا بولاتتى. يېڭىدىن يانفون ئىشلىتىشكە باشلىغان كۈنى تۇنجى تېلېفون دەل شۇ ئاكاشتىن كەلگەن ئىدى. چۈنكى، دادام ئۇلارنىڭ ئىدارىسىدىن نومۇر بېجىرگەندە، ماڭا بېجىرگەنلىكىنى پەرەز قىلىپتىكەنمىش. ئۆگىنىش بېسىمىنىڭ بارغانسېرى ئارتىپ بېرىشى بىلەن، بىر مەزگىل ئىزدىشىپمۇ كەتمىدۇق، ئەمما يوللاردا ئۇچراپ قېلىشتىن ساقلىنالمىدۇق.
بىر يىلدىن كېيىن، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا ماڭدىم. دادام مېنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن مېنى ئېلىپ بېكەتكە ماڭدى. پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئۇ ئاكاش ماشىنىسىنى ھەيدەپ، بىز چۈشكەن تاكسىنىڭ كەينىدىن تاكى بېكەتكىچە كەلدى. كەينىدىن، ئاپتوبۇس قوزغالغاندىمۇ ناھىيە بازىرىدىن چىققۇچە ئاپتوبۇسقا ياندىشىپ ماڭدى. كۆزۈمدىن ياشلار قۇيۇلدى، ئائىلەمدىن ئايرىلغانغا يىغلىدىم، ئاكاشتىن ئايرىلغانغا يىغلىدىم.
زىمىستان قىشنىڭ جاندىن ئۆتىدىغان سوغۇقى تازا پەللىسىگە چىققان ۋاقىتتا قىشلىق تەتىلگە چىقتۇق. ئېغىر چامادىنىمنى سۆرەپ بېكەتتىن چىقىشىمغا، بىر توي ماشىنىسى كەينىگە قاتار ماشىنىلارنى ئەگەشتۈرۈپ ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ناغرا سۇناي ئاۋازى ئېسىل بېزەلگەن توي ماشىنىلىرىغا شۇ قەدەر دەبدەبىلىك تۈس قوشۇپتۇ. ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا، چاماداننى يەرگە تاشلاپ تۇرۇپ قالدىم. شۇ يىگىت كىمدۇ؟ شۇ قىز كىمدۇ؟
مېنى كۈتىۋالغىلى چىققان ئۇكامدىن سورىدىم:
- كىمنىڭ تويى بۇ؟
- ھېلىقى تېلېگراف ئىدارىسىدە ....
※※※ئازغۇن ئۈندىدار گېزىتى ※※※
ھەممە ئايدىڭ بولدى. ناغرا توقمىقى ناغرىغا ئەمەس بەلكى يۈرىكىمگە ئۇرۇلىۋاتاتتى. بەختلىك بولۇڭ ئاكا!
تۇتامى يوق بىر ئىشلارغا ھاياجانلىنىپ ياخشى كۆرۈپ يۈرگەن مەن ئۆزۈم ساراڭ! بىرسى مېنى سوقۇۋەتسە ئەلۋەتتە ماڭا كۆيۈنىدۇ، ئەلۋەتتە ئەھۋال سوراپ ئىزدەيدۇ. شۇنىڭغىمۇ ياخشى كۆرۈپ ئازابلىنىپ يۈرگەن بارمۇ؟
ئۇچراشقىنىمىز خاتا ئىدى، ۋاقىتمۇ ھەم ئورۇنمۇ ھەم خاتا ئىدى. ياكى مېنىڭ شۇ سەبىيلەرچە ئاشىق قەلبىم خاتالاشتى، ھەم سېنىڭ شۇ ئاكىلارچە كۆيۈنىشىڭ چوڭ بىر خاتالىق ئىدى. مەندەك پالاكەت بىر گۆدەككە، ھەممىگە ئاسان ھاياجاندا ئاشىق بولىدىغان مەجنۇنغا ئەمدى ئەقىل كىردى. چۈنكى ئازابنىڭ تەمى ھەممىنى ئۆگىتىدىكەن! رەھمەت ئاكا، تېلېفونىمىز ئەمدى بۇزۇلمىسۇن! يوللاردا ھەم ماشىناڭ ئۇچراپ قالمىسۇن!
※※※ئازغۇن ئۈندىدار گېزىتى ※※※
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى