شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئانا بۇ سىزنىڭ ھۇجىرڭىز تەۋسىيلىك ئەسەر چۇقۇم ئۇقۇڭ

2015-04-09 11:04:09 -0400 مەزمۇن تۈرى:
ئانا، بۇ سىزنىڭ ھۇجرىڭىز……………… ئانا ئۆينىڭ ئىشلىرىنى بىر قۇر تۈگەتكەندىن كېيىن، بالىلىرىنىڭ دەرس تەكرارلىشىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن بالىلارنىڭ قېشىغا كەلدى، تۆت ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بالىسى رەسىم سىزىۋاتقان ئىدى، ئانا بالىسىنىڭ زىھنىنى چېچىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ جىمجىت ئولتۇردى. ئۇ تۇيۇقسىز قورونىڭ سىرت تەرىپىگە ئۇلاپ سېلىنغان كىچىككىنە بىر ئىغىزلىق ئۆيدە ئولتۇرىدىغان قېيىن ئاتىسىغا تېخىچە كەچلىك تاماق ئەپچىقىپ بەرمىگەنلىكىنى ئىسىگە ئالدى، قېيىن ئاتىسىڭ تېنى بەك ئاجىزلاپ كەتكەن بولۇپ ئورنىدىن تەستە تۇرالايتتى. ئانا قېيىن ئاتىسىغا ئاللىقاچان سۇۋۇپ كەتكەن تاماقنى ئەپچىقىپ بەرگەندىن كىيىن بالسىنىڭ قېشىغا كەلدى ۋە بالىسىنىڭ سىزىۋاتقان رەسىمىگە قاراپ تۇردى. -جېنىم بالام نېمە سىزىۋاتىسىز؟ دەپ سورىدى ئانا بالىسىنىڭ رەسىمنى سىزىپ بولغانلىقىنى كۈرۈپ. -مەن چوڭ بولۇپ تۇرمۇش قۇرغاندا ئولتۇرىدىغان ئۆيۈمنى سىزىۋاتىمەن. ئانا بالىسىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ بالىسىنىڭ چىچەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى ۋە رەسىمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: -بۇ سىزنىڭ تۇرمۇش قۇرغاندىن كىيىنكى ئۆيىڭىزمۇ، ئۇنداقتا بۇ ئۆينى ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ؟ قايسى ھۇجرا، قايسى مېھمانخانا ...دەپ سورىدى. -بۇ مىنىڭ ھۇجرام، بۇ مېھمانخانا، بۇ كۈتۈپخانام، بۇ ئارام ئېلىش ئۆيۈم، بالا شۇنداق دەپ ئۆينى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى، شۇ چاغدا ئانا تويۇقسىز: -بالام ئاۋۇ ئۆينى نېمانچە يىراققا ھەم ئۆينىڭ سىرتى تەرەپكە سىزدىڭ، دەپ سورىدى. بالا تەمتىرىمەستىن: -ئانا بۇ سىزنىڭ ھۇجرىڭىز، دېدى. ئانا قاتتىق ھەيرانلىق ئىچىدە: -نېمىشقا مىنىڭ ھۇجرامنى بۇنچە چەتكە ھەم يالغۇز كىچىك يەردە قىلدىڭ، دەپ سورىدى. بالا: -ياشانغانلار ئادەتتە چوڭ دادامدەك ئاشۇنداق چەتكە سېلىنغان يالغۇز كىچىك ئۆيلەردە تۇرىدۇغۇ، دېدى. ئانا ھەيرانلىق ھەم قېيىن ئاتىسىغا قىلغانلىرىنى ئەسلىگەچ يىغلىغان ھالەتتە ئورنىدىن تۇردى ۋە مېھمانخانىنى قايتىدىن رەتلەپ، بىر كارۋات قويۇپ، قېيىن ئاتىسىنى ئۇ يەرگە: «ئاتا مېنى كەچۈرۈڭ، مەن خاتا قىپتىمەن، بالام سىزگە قىلغىنىم تۈپەيلى كىيىن مېنىڭ كۆرىدىغان كۈنۈمنى سىزىپ بەردى» دەپ كەچۈرۈم سورىغاچ مېھمانخانسىغا ئۇرۇنلاشتۇردى. بالا بولسا ئانىسىنىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمىگەندەك ھەيرانلىق ئىچدە قاراۋاتاتتى......... (ئۇنۇتماڭ، سىز پەرزەنتىڭىزنىڭ ئاتا-ئانىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشتىكى ئۈلگىسىسىز!)
ئەسەر تەمىنلىگۈچى: ئاسىيەقىز
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
----Comments(1)----
@lsr | @ at 2015-04-09 12:31:
共青城网络:为各商家;网站主,提供软件广告位,手机客户端制作,网站排版制作,统一50元,店铺地址:dwz.cn/appgqc
联系QQ1083404396
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى