شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

خۇتۇن ئالغاندا ئانىسىغا قارا

2015-04-27 00:51:36 -0400 مەزمۇن تۈرى: بەس-مۇنازىرە
خوتۇن ئالغاندا ئانىسىغا قارا
قەدىمدە بىر سودىگەر بولغان ئىكەن. يىلنىڭ كۆپ ۋاقىتلىرىدا باشقا شەھەردە بولىدىكەن، ئائىلىسىگە ئانچە بەك قايتالمايدىكەن . شۇنداق سودا قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بارلىق تۆگىلەرنى باشلاپ ماڭىدىغان باشلامچى تۆگىسى قېرىپ قاپتۇ. باي باشلامچى تۆگىنىڭ ئورنىغا يىڭىدىن باشقا تۆگە سېتىۋىلىش ئۈچۈن تۆگە بازىرىنى ئارىلاپ ھېچ مۇۋاپىق تۆگە تاپالماي قايتاي دىگەندە بىر تۆگە ئۇچراپ قاپتۇ. بويى،يېشى قاتارلىقلار باينىڭ ئۆلچىمىگە تامامەن توشىدىكەن. باي تۆگىنىڭ ئىگىسى بىلەن باھا تالىشىپ يۈرۈپ ئاخىرى يەتتە دىنارغا تۆگىنى سېتىۋاپتۇ . باي پۇلنى بىرىۋاتقاندا ھېلىقى تۆگىنىڭ ئىگىسى مۇنداق دەپتۇ :
-مۇنداق بىر گەپ بار دېمىسەم ماڭا قىيامەتلىك قەرز بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا دەۋىتەي، تۆگىنىڭ ھېچقانداق ئەيىپى يوق، ئانىسىنىڭ بىر ئەيىپى بارئىدى يەنى دەريادىن ئۆتۈشكە توغرا كەلگەندە دەريانىڭ ئوتتۇرسىغا كىلىپ يېتىۋالاتتى.ئەمدى بۇ ئەيىپ بالىسىدا بارمۇ يوقمۇ بىلمەيمەن .
باي ئويلاپتۇ، «ئانىسىدىكى ئەيىپ بالىسىدا نىمە قىلار». شۇنىڭ بىلەن باي تۆگىنى ئېلىپ كىتىپتۇ . كىيىن باي ئۇ ئىشلارنى پۈتۈنلەي ئىسىدىن چىقىرىۋىتىپتۇ.ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپتۇ،باي تۆگىلەرگە ناھايتى قىممەت باھالىق ماللارنى بېسىپ شامغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ،يولدا بىر دەرياغا يولۇقۇپ تۆگىنى دەرياغا ساپتۇ، ھېلىقى باشلامچى تۆگە دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە يېتىۋاپتۇ. باشقا تۆگىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يېتىپتۇ. باينىڭ بارلىق ماللىرى قاتتىق زىيانغا ئۇچراپتۇ ،باي مىڭ تەستە دەريادىن چىقىپ چاكىرىغا دەپتۇ :
-ماڭ سەن بېرىپ خوتۇنۇمغا يەتكۈز مەن ئۇنى تالاق قىلدىم ئۆيدىن ئالىدىغىنىنى ئېلىپ يوقالسۇن .
چاكار شۇ ماڭغانچە ئۆيگە كىلىپ باينىڭ خوتۇنىغا دەپتۇ :
-غوجام سىنى تالاق قىلدى ،ئۆيدىن ئالىدىغىنىنى ئېلىپ يوقالسۇن دەيدۇ .
باينىڭ خوتۇنى بۇ گەپنى ئاڭلاپ :
-ۋاي نىمىشقا تالاق قىلىدىكەن يەي ......
دەپ بىر ھازا يىغلاپتۇ . چاكار نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي ياناي دەپ تۇرغاندا دەرىزىدىن ئۆي ئىچىدە بىر يالىڭاچ بەدەننى كۆرۈپتۇ-دە ھەممىنى چۈشەنگەندەك بوپتۇ .
ئەسلىدە باينىڭ قېينئانىسى ئىلگىرى ئىرىگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ مەھەللىدە رەسۋا بولغان ئىكەن ، باي ئايالىغا:« ئۇ دىگەن سىنىڭ ئاناڭنىڭ ئىشى بىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ساڭا ئىشىنىمەن » دەپ ئۇنى ئەمرىگە ئالغان ئىكەن .
يۇقارقى ھىكايىنىمۇ ئاڭلاپ بولدىڭىز ئەمدى قانداقراق خىيال كاللىڭىزدا ئەكىس ئېتىۋاتىدۇ؟
«خوتۇن ئالغاندا ئانىسىغا قارا» بۇ ھەقىقەتەنمۇ توغرا گەپ، ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن نۇرغۇن ئىشلار بۇنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بەلكىم سىز بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ كۆز ئالدىڭىزغا مەلۇم كىشىلەر كېلىپ ئۆزىڭىزچىلا «ھەي، توغرا جۇمۇ» دەۋەتكەنسىز ، بۇ ھەقتە خەلق ئارىسىدا نۇرغۇن ماقال تەمسىللەر بار،ئەلۋەتتە.
ئانا بولسا ئىنساننىڭ تۇنجى ئۇستازى.ئۇنىڭدىن ئادەم بولۇپمۇ قىزلار نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈلگە ئالىدۇ (ئوغۇللار دادىسىنى ئۈلگە قىلىپ ياشايدۇ كۆپىنچە.... )شۇڭائېتىقادلىق،ئەخلاقلىق،پاكىزە بولغان ئانىنىڭ قىزىمۇ تەبىئىيلا ئانىسىنى ئۈلگە قىلىدۇ .
سىز توي قىلماقچى بولغان قىزنىڭ ئانىسىغا قاراپ شۇ قىزنىڭ قېرىغان ۋاقتىدىكى چىراي تۇرقىنى پەرز قىلالايسىز .
يېقىندا رادىئودىن ئاڭلىغان بىر خەۋەرگە ئاساسلانغاندا ئەنگىلىيەلىك ئالىملار 1000 دىن ئارتۇق ئانا بىلەن قىزنى 20 يىل ئىز قوغلاپ كۆزىتىش ئارقىلىق ئانا ۋە قىزنىڭ قېرىغان ئوخشاش ۋاقىتتىكى چىرايىنىڭ ئاساسەن ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى بايقىغان .
يەنى سىز 20 ياشلىق بىر قىز بىلەن توي قىلغان بولسىڭىز ،سىزنىڭ قېينئانىڭىز 40 ياشقا كىرگەن بولسا، سىزنىڭ خوتۇنىڭىز 40 ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭ چىرايى ھازىرقى قېيئانىڭىزنىڭ چىرايىغا ئوخشاش بولىدىكەن .
«توي قىلغاندا ئانىسىغا قارا» بۇ گەپ پەن تېخنىكىدىمۇ ئىسپاتلىنىپتۇ .
مەندە ئىلگىرى مۇنداق بىركۆز قاراش بار ئىدى،«ئەگەر مەن بىرەر قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپ قالسام ئۇنىڭغا يىراق يەرلەرگە قېچىپ كېتىش تەكلىپىنى قويىمەن، ئەگەر ئۇ مەن ئۈچۈن ھەممىدىن كىچىپ مەن بىلەن ماڭالىسا،مەن ئۇنى ئېلىپ قېچىپ ئۇنى ئاسرىغان ئاساستا قايتۇرۇپ كېلىپ ئاتا ئانىسىنىڭ رازىلىغىنى ئېلىپ توي قىلىمەن.»
خېلى بۇرۇن مۇشۇ توي ۋە قىز توغرۇلۇق نەۋرە ئاچام بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ مۇشۇ گەپنى دىدىم.
نەۋرە ئاچام :
-بۇ كۆز قارىشىڭىز بەكلا خاتا قاراشكەن. بىر كىشى ئۈچۈن نەچچە ئون يىل جاپا تارتىپ باققان ئاتا ئانىسىنى ئويلىماي سىز بىلەن قاچقان قىز ۋاختى كەلگەندە،يەنى بىرى ئۈچۈن سىزدىنمۇ كىچەلەيدۇ.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بەك قاتتىق ئويلاپ كەتتىم، دېمىسىمۇ توغرىكەن، بىراۋلاردىن ئاسانلا يۈز ئۆرىگەن ئادەم يەنە ۋاقتى كەلگەندە شۇنداق ئاسانلا يەنە يۈز ئۆرەلەيدىكەن .(بۇ چىڭگىز خاننىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا بەكلا چۈشىدىغان گەپكەن) ھازىر شۇ ۋاقىتتىكى كۆز قارىشىمنى ئويلىسام، «ھەي كىچىكلىك... »دەپلا قويىمەن خالاس !
مەن بۇ يەردە نېمىلا دىمەي، قانداقلا بىلجىرلىماي، ھەممىسى باشقا كەلمىسە بىلگىلى بولمايدىكەن.
ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ ئەخلاقلىق ،ئىناق بولغان ئائىلە قۇرۇپ چىقىشىڭلارنى تىلەيمەن.
مەنبە:ئوكيان تورى
ھايۋان ئالىسى تېشىدا،ئادەم ئالىسى ئىچىدە
ئۈزگۈرۈشچان ئادەم
بەك توغرا ئىكەن
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى