شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

دادىسنى بۇلىغان ئوغۇل تەۋسىيلىك ئەسەر

2015-04-28 12:09:39 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر
-توقسۇ گېزىتى
ھەممەيلەنگە تارقىتىپ قۇيۇڭ
ھېكايە
مەنبە: مىسرانىم، ئاپتۇر: ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت
ئاي قاراڭغۇسىدا يولىنى تەسىتە پەرق قىلىپ كېتۋاتقان قادىر ئاغېرىق ئازابىدا ئىڭىراپ ئۆيدە ياتقان قىزىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش غېمىدە ئۆيگە قاراپ قەدىمنى تېزلەتتى.
ئۇ نەچچە كۈنىدىن بېرى قىزىنى پۇل بولمغانلىق سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرالمىغان ئىدى. مانا بۈگۈن بىر كۈن ئۆچرەتتە تۇرۇپ تەستە تۇرالغۇ ئۆينى رەنىگە قويۇپ، پۇل مەسىلىنى ھەل قىلغانىدى.
قادىر چوڭ كوچا دوقمۇشىدىن قايرىلغاندا ئالدىنى يوچۇن بىر كشى توستى.
-توختا!
بۇ قوپال ئاۋازدىن ئاللىقانداق بىر شۇملۇقنى سەزگەن قادىرنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقۇشقا باشلدى.
-يېنىڭىدىكى پۇلنى چىقار!
«مەن بۇلاڭچىغا يولقۇپتىمەن-دە، قانداق قىلسام بولار؟» دېگەن خىيالغا كەلگەن قادىرنىڭ كۆزى بۇلاڭچىنىڭ قولىدىكى ئاي قاراڭغۇسىدا سۇس پارقىراپ تۇرغان خەنجەرگە چۈشتى.
-يېنىمىدا پۇل يوق،- دېدى ئۇ تترەڭگۈ ئاۋازدا.
-يالغان سۆزلمە، ھېلى بىكار پۇلىنى دەپ جېنىڭىدىن ئايىرىلسەن!- بۇلاڭچى شۇنداق دېدى-دە، قادىرنىڭ گېلىغا خەنجەرنى تىرىدى. قورقۇنۇشتىن ئېسنى يۇقاتقان قادىرنىڭ پۇت-قولدا جان قالمىدى.
-مەن... مەن... مەندە راستىنلا پۇل يوق.
-تولا ۋالاقلىماي پۇلىنى چىقار!- دېدى بولاڭچى خەنجەرنى قادىرنىڭ گېلغا كۈچەپ تىرەپ.
-مانا، پۇلىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ،- دېدى قادىر يانچۇقدىكى پۇللارنى ئېلىپ. قادىر قورقۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ يەنە يالغان سۆزلىسە بۇلاڭچىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۇرۋىتىدىغانلىقنى ھېس قىلغانىدى.
بۇلاڭچى قادىرنىڭ تىتىرەپ تۇرغان قولىدىكى پۇلىنى چاققانلىق بىلەن ئالدى-دە، قانداق تىز پەيدا بولغان بولسا شۇنداق تىز كۆزدىن غايىب بولدى. قادىر خۇددىي بىر قاباھەتلىك چۈش كۆرگەندەك تەستە ئېسىنى يىغىدى-دە، دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى ساقچىخانىغا دىلو مەلۇم قىلغلى يۇرۇپ كەتتى.
* * *
ئۇ ئۆيگە كەلگىندە ئايالى قىزنىڭ بېشىدا پايپىتەك بولۇپ يۈرەتتى. قادىرنىڭ سۇلغۇن چىرايغا قاراپ يۈرىكى بىرەر شۇملۇقنى سەزگەن ئايالى ئېغىز ئاچىتى:
-نېمە بولدى قادىرئاخۇن؟ قەرىز ئالالمغان ئوخشىمامىسز؟
قادىر ئېغىر ئۇھ تارتىۋەتكەندىن كېيىن بولغان ئەھۋالىنى ئايالىغا سۆزلەپ بەردى. قادىرنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلغان ئايالى ئۇن سېلىپ يىغلاپ كەتتى.
تاڭ ئاتتى. قادىر ئۇرۇق-تۇققان، تونۇش-بىلشلەردىن قەرىز ئېلىش مەقستىدە ناشتىمۇ قىلماستىن ئۆيىدىن چىقىتى. ئۇرۇق-تۇققانلاردىن چوڭ ئارۇز-ئۈمىدلەرنى كۈتكەن قادىر بىر كۈن قاتىرىغان بولسىمۇ «پۇل يوق ئىدى، بولسا بېرىپ تۇرغان بولاتتۇق. بانىكغا مۇددەتلىك قويۋىتىپتىكەنمىز. باشقلارغا قەرىز بېرىپ تۇرغانىدۇق» دېگەندەك جاۋابلارغا ئېرىشپ مەيۇسلەنگەن ھالدا ئۆيگە قايىتىپ كەلدى. ئۇ ئويان ئويلاپ-بۇيان ئويلاپ مەدىكار ئشلەش قارارىغا كەلدى.
ئەتىسى سەھەردە مەدىكار بازىرىغا بارغىنىدا تەلەيىلگە يارشا بىر خوجايىن ئۇنى ئون كۈنلۈك ئشقا ياللىدى. ئىش تېپلىغانىغا خۇشال بولغان قادىر قار تەرگە چۇمۇلۇپ ئشلەپ ئون كۈننى ئۆتكۈزدى.
قادىرنىڭ قىلغان ئىشدىن رازى بولغان خوجايىن ئىش ھەققىنى ئاشۇرۇپ بەردى. قىزىنى دوختۇرخانىغا ئاپارغۇدەك پۇل تاپقان قادىر خۇشال ھالدا ئۆيگە قاراپ يول ئالدى.
* * *
ئۇ ئۆيگە كەلگەندە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ھويلىسدا تۇرغانلىقنى كۆردى-دە،يۈرىكى بىر ئەنىسزلىكىنى سىزىپ ئۆيگە ئوقتەك ئېتلىپ كىردى. ئۆيدە ئايالى قىزىنى قۇچاقلاپ ھاز ئېچىپ يىغلاۋاتاتتى.
ئۇ خۇلۇم-خۇشنا، ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ياردىمىدە ئشلەپ تاپقان پۇلىنى سەرپ قىلىپ قىزىنى يەرلىكىدە قويدى.
تاڭ سۇزۇلىدى. بىر كېچە تۇپراق بېىشدا تۈنىگەن قادىر ئۆيىگە قايىتىپ كەلىدى. ئۇ ئەمدى چاي ئېچەي دەپ تۇرۇشىغا ئىككى ساقچى ئۆيگە كىرىپ كەلدى.
-سىز قادىر بولامىسز؟
-شۇنداق، نېمە ئىش؟- دېدى قادىر ياشاڭغۇرغان كۆزلىرىنى ئۇۋلاپ.
-ئۆتكەندە پۇلىڭىزنى بولىغان بۇلاڭچى قولغا چۈشۇپتۇ. دەرھال بىز بىلەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە كىرىپ جىنايەتچىنى تونۇپ بېرىڭ؟!
-ئۇ چاغدا جىنايەتچى يۇزنى نىقلابلۋالغان ئىكەن. مەن تونۇيالماسلىقىم مۇمكىن،- دېدى قادىر شۇ چاغدىكى قاباھەتنى ئەسلەپ.
-شۇنداق بولسىمۇ بىز بىلەن بېرىپ تونۇپ بېقىڭ.
قادىر ساقچىلار بىلەن شەھەرگە يۇرۇپ كەتتى.
-جىنايەتچىنى تونۇتۇش ئۆيگە ئېلىپ كىرىڭلار!- دېدى ساقچى باشلىقى قول ئاستىدىكى بىر ساقچنى بۇيرۇپ. ئۇزۇن ئۆتمەي قولغا كويزا سېلىغان 25ياشلار چامىسىدىكى ساقال-بۇرۇتلىرى ئۆسەكلەڭ كەلگەن، ئادەملىك سىياقنى يوقاتقان بىر جىنايەتچى ئەينەكلىك ئۆيگە ئېلىپ كىرىلدى. جىنايەتچىى بىر كېچە سوراق جەرياندا بارلىق جىنايەتلىرىنى تولۇق تاپشۇرغان بولسىمۇ ئۆزنىڭ يۇرتى، ئائىلىسىنى ئىقرار قىلىمغانىدى.
-قادىرئاخۇن، سېنچلاپ قاراپ باقسلا سىزنى بۇلىغان بۇلاڭچى شۇمۇ؟- دېدى ساقچى باشلىقى تونۇتۇش ئۆينىڭ ئالدىغا قادىرئاخۇننى ئېلىپ كېلىپ.
قادىر سېىنچلاپ قارىدى. جىنايەتچىنىڭ ئۆسەڭلەڭ ساقال-بۇرۇتلار ئاستىدىكى تونۇش چىراينى كۆرۈپ يۈرىكى : «قارت» قىلىپ قالدى. جىنايەتچى باشقا بىرى بولماستىن سەككىز-ئون يىلىنىڭ ئالدىدا يوقلاڭ ئىشلار سەۋەبىدىن ئۆزىدىن رەنجىپ ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەن ۋاپاسىز ئوغلى مۇرات ئىدى...
-2013يىل 28-مارت يەكەن
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى