شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

بىر كۈنى (شئېر) تەۋسىيلىك

2015-05-19 05:11:08 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر
بىر كۈنى

بالاڭ ئازسا ئاھ ئۇرما يول تاپىدۇ بىر كۈنى,
ئامان بولسا ئولارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى.
خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردا,
ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى.

گەدەنكەشلىك ھېچكىمدىن ئۇدۇم ئەمەس ئۇلارغا,
ئۆزى كىلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىر كۈنى.
ئات بولغىچە ئىشەك بوپ ھەريان چاپسا چاپمامدۇ,
ئۇلارغىمۇ بۇ دۇنيا يۈك ئارتىدۇ بىر كۈنى.

ئاقنى چەككەن ئاغىزىدائوقۇپ ئەپسۇن پۇشايمان,
قاراپ ئۇلار كەينىگە ئۇھ تارتىدۇ بىر كۈنى.
كۆندىرىدۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا شۇلارنى,
شۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقدۇ بىر كۈنى.

بۇ ئالەمدە ھەممە ئىشنىڭ سائىتى بارۋاقت بار,
خۇددى سەندەك ئۆي تۇتۇپ ئۆي قاقىدۇ بىر كۈنى.
تەييار تۇقاچ قۇلاڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ,
ئۆزلىرمۇ ئۇن تارتىپ نان ياقىدۇ بىر كۈنى.

پىشانەڭگە ئاسماندىن ئىللىق قۇياش نۇر چاچسا,
يۈرىكىڭگەبالاڭمۇ نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى.
سەنمۇ ئاتا _ئاناڭنى ئۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ ,
ئوغڭۇل _قىزىڭ ساڭمىۇ تون ياپىدۇ بىر كۈنى.

شۇ ئىشلارنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كەتسەڭ ئامال يوق,
ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۈل تاقايدۇ بىر كۈنى.
يامان دېسەڭ بالاڭنى كىم بىرىدۇ ياخشىنى,
ھازىر يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ بىر كۈنى.

.
مۇھاممەتجان راشدىن ئەپەندىم
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى