شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

مەنۋىي تۇرمۇش ھىسلىرىم

2015-05-22 11:45:13 -0400 مەزمۇن تۈرى:
بىر كۈنى توشقان بېلىق تۇتقىلى بېرىپ كەچتە قۇرۇق قول قايتىپتۇ، ئىككىنچى كۈنىمۇ شۇنداق بوپتۇ، ئۈچىنچى كۈنىگە كەلگەندە سۇدىن بىر بېلىق سەكرەپ چىقىپ توشقانغا: «بۇندىن كېيىن يەنە سەۋزىنى قارماققا يەمچۈك قىلىپ بېلىق تۇتىمەن دەپ دەريا بويىغا كېلىدىغان بولساڭ بېشىڭنى يەنچىۋېتىمەن» دەپ ۋاقىراپتۇ. ساۋاق: سىز ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك .

راك كېسىلى بولۇپ قالغان يېزىدىن كەلگەن بىر بىمار دوختۇرخانىدا ئوپېراتسىيە قىلغۇزۇپتۇ، قورساقنى يېرىپ بولغاندىن كېيىن دوختۇر بىمارغا ئامال يوقلۇقىنى بايقاپ بىمارنىڭ قورسىقىنى شۇ پېتى تىكىپ قويۇپتۇ، ئوپىراتسىيەدىن كېيىن بىمار ئەمدى ساقىيىدىغان بولدۇم دەپ دوختۇرخانىدىن خۇشال چىقىپ كېتىپتۇ، شۇ ۋاقىتتا دوختۇر كېسەلنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بۇ دېھقانغا چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالغان ئىكەن، بىراق بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتا تەكشۈرسە بىمارنىڭ كېسىلى سەللىمازا ساقىيىپ كېتىپتۇ، مانا بۇ روھىي ھالەت، تىلىسەڭ تاپارسەن دېگەن شۇ.

بىر كۈنى بىر يىگىت قەھۋە ئىچىپ ئولتۇرسا بىر قىز كېلىپ ئۇنىڭدىن «يەڭگەم تونۇشتۇرغان يىگىت سىز بولامسىز؟» دەپ سوراپتۇ، يىگىت قارىسا قىز شۇنداق چىرايلىق خۇددى ئۆزى چۈشىدە ئارزۇ قىلغان قىزنىڭ دەل ئۆزى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ: «ھەئە، مەن شۇ» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى تونۇشۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي تويىنى قىپتۇ، كېيىن ھېلىقى ئىش توغۇرلۇق يىگىت قىزغا راستىنى ئېيتىپ، مەن ئەسلىدە سىزنىڭ يەڭگىڭىز تونۇشتۇرغان كىشى ئەمەستىم، دېسە، قىزمۇ «يەڭگەم تونۇشتۇرغان ئىش ئەسلا مەۋجۇت ئەمەستى، قارىسام سىز بىلەن تونۇشقۇم كەلدى، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئامالنى ئويلاپ تاپقانتىم» دەپتۇ. پۇرسەت ئىشىكىڭىزنى چەككەندە قولدىن بەرمەڭ .

بىر ياشانغان كىشى پويىزدا كېتىۋاتقاندا بىر پاي ئايىغىنى شامال ئۇچۇرۇپ كېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بوۋاي ئاياغنىڭ يەنە بىر پېيىنىمۇ دېرىزىدىن تاشلىۋېتىپتۇ، بۇنى كۆرگەن باشقىلار ئەجەپلەنگەن ھالدا بوۋايدىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىپتۇ: «قولۇمدا قالغان ئۇ بىر پاي ئاياغنىڭ ماڭا ئەمدى ھېچقانداق قىممىتى قالمىغانتى، ئەكسىچە ئۇنىمۇ قوشۇپ تاشلىۋەتسەم تېپىۋالغان ئادەمگە بەلكىم ئىككىلا پېيى ئۇچراپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن، سىز ئازابقا مۇپتىلا بولغاندا ئۇنى كۆتۈرۈپ يۈرمەڭ ياخشىسى ھېلىقى بوۋاي بىر پاي ئايىغىنى تاشلىۋەتكەندەك تاشلىۋېتىڭ، بۇ ئەڭ ئاقىلانىلىك ھېسابلىنىدۇ.

قەپەزدە ياشايدىغان بىر يولۋاس بىلەن دالىدا ياشايدىغان يولۋاس بىر ـ بىرىگە ھەۋەس قىلىپ بىر ـ بىرىنىڭ ئورنىنى ئۆز ـ ئارا ئالماشتۇرۇپتۇ، نەتىجىدە ھەر ئىككىلىسى ئۆلۈپ قاپتۇ، ئۇنىڭ ئىچىدكى بىرى ئاچلىقتىن ئۆلۈپتۇ يەنە بىرى قەپەزنىڭ ئىچىدە زېرىكىپ ئۆلۈپتۇ. شۇڭا ئۆزىڭىز بەخت ئىچىدە تۇرۇپ باشقىلارنىڭ بەختىگە چاڭ سالماڭ، چۈنكى سىزگە تەئەللۇق بولمىغان بەخت بېشىڭىزغا بالا بولىدۇ.
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى