شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

جەننەتكە ئۇلۇندىغان تېلفۇن (مىكرو ھېكايە)

2015-09-08 04:39:20 -0400 مەزمۇن تۈرى:
مۇئەللىم، مەن ماقالە يىزىشنى بىلمەيمەن.سىز بۇ تاپشۇرۇقنى بەرگەندىن كىيىن،ساۋاقداشلىرىم سىنىپ ئىچىدە قىزغىن بەس-مۇنازىرىگە چۈشۈپ كەتتى.
ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ دوختۇر بولغۇسى،بەزىلىرىنىڭ يىزا باشلىقى ،ھاكىم بولغۇسى،بەزىلىرىنىڭ ئىگىز-ئىگىز بىنا لارنى،چوڭ-چوڭ كۆۋرۈكلەرنى لايىھەلەيدىغان ئىنجىنىر بولغۇسى،بەزىلىرىنىڭ تەنتەربىيە چولپىنى،ناخشا چولپىنى ...بولغۇسى باركەن.شۇنداق بولغاندا ئۇلار ناھايىتى كۆپ پۇل تىپىپ باي بولالايدىكەن.تىخى مىنىڭ يىنىمدا ئولتۇرىدىغان قىز ساۋاقدىشىمنىڭ چىرايلىق باغچە ئىچىگە سىلىنغان داچا ئۆيىدە ئولتۇرغۇسى بارئىكەن...داچا ئۆي قانداق بولىدىغاندۇ ھە،مۇئەللىم.
مۇئەللىم،سىزگە دىسەم،مەن ئۇنداق شىرىن ئارزۇلارنى قىلىشقا زادىلا پىتىنالمايمەن.ئەمما،كۆڭلۈمدە ھىچكىمگە ئىيتىپ باقمىغان بىر ئارزۇيۇم بار؛
-مىنىڭ بىر خاسىيەتلىك بىر تېلىفۇنۇم بولسا،قولۇمغا ئېلىپلا،؛
-دادا،...دەپ چاقىرسام.دادام؛'بارمۇ سەن قارچۇقام 'دىسە،دادامنىڭ ئاشۇ يىقىملىق ئاۋازىنى بىر قىتىم،مىڭ قىتىم،كۈندە نەچچە قىتىم..ئاڭلىۋالسام،ئاندىن ئۇنىڭغا ھىيتتا كىيگەن كىيىمىمنى داملىتىۋالسام،ئاپامنىڭ ماڭا چاقلىق ئاياغ،ئويۇنچۇق ماشىنا ...دىگەنلەرنى ئېلىپ بىرەلمەي،ئۆيگە كىلىپ ئۈن سىلىپ يىغلاپ كەنكىنىنى دەۋالسام،يەنە ئۇنىڭغا،مومام ئىيتقاندەك جەننەتنىڭ شۇنداق چىرايلىق،مەينەت-مۇشەققەتتىن خالى،مۇھتاجلىقتىن خالى جاي ياكى ئەمەسلىكىنى سوراپ باقسام،يەنە،ئۇنىڭ قايتىپ كەلگۈسى كەلگەن كەلمىگىنىنى،مىنى سېغىنغان -سېغىنمىغىنىنى سوراپ باقسام،يەنە...ئاپام كۈندە تۈن يىرىمىدا كوچا سۈپۈرگىلى چىقىپ كەتكەندە قورقۇپ ئۇخلىيالمايدىغىنىمنى،ئەتىسى ئۆزۈم ناشتىلىق تەييارلاپ مەكتەپكە ماڭىدىغىنىمنى...دەپ تازا بىر يىغلىۋالسام،[ئاپام بەك جاپالىق ئىشلىگەچكە ئۇنىڭ ئالدىدا يىغلىمايمەن.]...دىگەنلا ئارزۇيۇم بار ئىدى.
لىكىنز ە...مۇئەللىم،بۇنداق خاسىيەتلىك تېلىفۇن بارمۇدۇ...بەك قىممەتمىدۇ...مەن قانچىلىق كىرەكسىز بوتۇلكا،قەغەز يىغسام،قانچە ھېيتتا تۇققانلار بەرگەن ھېيتلىق پۇللارنى يىغسام كېلىدىغاندۇ....
'تىلىفۇنۇڭ جەننەتكە ئاللىقاچان ئۇلاندى،قارچۇقام.داداڭ ھەممىنى بىلىپ بولدى،سەن ياخشى ئوقۇ،بۇ داداڭنىڭ ئارزۇسى،ماقالىنى بەك ياخشى يىزىپسەن،چوڭ بولغاندا چوقۇم يازغۇچى بولىسەن.'
مۇئەللىم سومكىسىدىن قولياغلىغىنى ئىلىپ،كۆز ياشلىرىنى سۈرتىۋىتىپ،ئالدىنقى بەتنى ئېچىپ بوش قويۇلغان ماۋزۇ ئورنىغا؛'جەننەتكە ئۇلىنىدىغان تېلىفۇن'-دىگەن ماۋزۇنى تولىمۇ ئاستا،ھەم چىرايلىق قىلىپ يىزىپ قويدى.
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى