شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

دوسلار چەمبىرىكىدىكى پاساھەتلىك سۆزلەر

2016-06-11 02:41:36 -0400 مەزمۇن تۈرى: پايدىلنىش ئۇچۇرى

دوسلار چەمبىرىكىدىكى پاساھەتلىك سۆزلەر

....ئىشلەپ پۇتۇڭ يارا بولسا بولسۇنكى يالۋۇرۇپ تىزىڭ توپا بولۇپ



ئىشلەپ پۇتۇڭ يارا بولسا بولسۇنكى ،كىشىگە يالۋۇرۇپ تىزىڭ توپا بولۇپ قالمىسۇن!


بىر كۆزۈم ئۈمۈتتە  ... بىركۆزۈم سۈكۈتتە يۈركۈم بولسا سەبىر قىلىپ كۈتۈشتە...!  ‏ھەر مۇشەققەتنىڭ ئاخىرى راھەتتۇر، ھەر غەمنىڭ ئاخىرى شادلىقتۇر!



ئىشلەپ  پۇتۇڭ  يارا  بولسا  بولسۇنكى ،كىشىگە  يالۋۇرۇپ  تىزىڭ  توپا  بولۇپ  قالمىسۇن!



مەيلى كىم بول چۇقۇم بىھۇدە ئاغرتقان كۆڭلنىڭ قەرزنى تۈلەيسەن چۈنكى ئۆتنە ئالەم بۇ بۈگۈن مەن يىغلغان بولسام ئەتكى نۆۋەت سنىڭ ئۇنۇتما..


مەن ياقتۇردىغان ئىنسانغا بىردىغان ئەڭ ئىسل سۇۋغام ساداقەت ۋە ۋاپادارلىق  ھۈرمىتىم با مەيلى ئۇ بىلسۇن بىلمسۇن……




worldسالوندىن ئلىندى 

ئاڭلىغان سۆزىڭنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەۋەمە.بەزى سۆزنىڭ ئاساسىي-ئىگىسى يوق بولۇپ قالسا، يالغاندىن ئىغۋا تارقاتقان بولىسەن.
——قابۇسنامە


【ئۇنۇتماڭ】< ئاتا قارغىشى ئوق ، ئانا قارغىشى پوق > دەپ بىكار ئېيتمىغاندە كونىلار . ( ئاتاڭنىڭ قارغىشى ئوققا ئوخشايدۇ . تەگسە تەگدى ، تەگمىسە ئۆتۈپ كېتىدۇ ... لىكىن ئاناڭنىڭ قارغىشى چاپلاشقىنى چاپلاشقان ... ) دۇئاسىنى ئېلىشقا تىرىشقىنكى ، قارغىش قېپى بولۇپ قالما ! ! !

【قۇدىرەتلىك】بولغان ۋاقتىڭدىمۇ ئۆزۈڭنى ئاجىزدەك ھېس قىلغنىڭ ياخشى . چۈنكى سېنىڭ قۇۋۋەت ۋە قۇدرىتىڭنىڭ ئۈستىدە بىرقۇدرەت ئىگىسى باردۇر❗️
-جالالىدىن رۇمى


【ياخشىلىق】قىلالمىساڭمۇ يامانلىق قىلما، يامانلىق قىلمىغانلىقنىڭ ئۆزىمۇ ياخشىلىق قىلغانلىق!
_______ نەۋائىي


ئۈمىدسىزلىك ئەڭ قورقۇنچلۇق كېسەلدۇر، بىــــر ئادەم ئۆزىنى يارامسىز دەپ ئويلىۋەرسە ھامان بىر كۈنى يارامـــسىز ئادەم بۇلۇپ چىقىدۇ، ھەرۋاقىت مەن ئەڭ ئېسىل ئەڭگۈشــتەر دەپ ئىلھام بېرىۋەرسە، تىرىشسا ھامان بىر كۈن چاقنايدۇ، چۈنـــــكى ئوي-پىكىر ھەرىكەتكە، ھەرىكەت ئادەتكە، ئادەت خـــاراكتىرگە، خاراكتىر قىسمەتكە ئايلىنىدۇ. ئوي پىـكرىڭىزگە دىققەت قىـــلىڭ، چۈنكى سىز ئۇ ئارقىلىق ھاياتىڭىزنى بەرپا قىلىۋاتىسىز، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، سىز تېپىلماس گۆھەر، باشقىلار سىزنى نىــــمە دېسۇن، قۇلىقىڭىز گاس بولسۇن، شۇنىڭغا مەڭگۈ ئىشىنىڭ: سىز ھامان بىر كۈنى چاقنايسىز!

سەن ياشىغان مۇھىتتا ياشاپ باقمىغان ئادەم مەڭگۈ سىنىڭ . بېسىمىڭنى . ھىسياتىڭنى . قەلبىڭنى . مەسئۇلىيتىڭنى چۈشەنمەيدۇ……


ئەخلەت كۆتۈرۈش ئەيىب ئەمەس، خۇشامەت تەخسىنى كۆتۈرۈش ئەيىب، تاۋاق يالاش ئەيىب ئەمەس،تاپان يالاش ئەيىب.يۈك تۇشۇش ئەيىب ئەمەس، گەپ توشۇش ئەيىب.



ئىنساننى ئىنسان بۇزمايدۇ ، ئىنساننى نەفسى بۇزىدۇ ، نەفسىنىڭ يامانلىقىدىن ئۈزىنى تارتالمىغان ئىنسان نە دوستلۇق ، نە قېرىنداشلىق ۋە مىھىر
مۇھەببەت ھەممىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ ......


تىرىشماسلىقنىڭ پەقەت ئىككىلا سەۋەبى بار: بىرى ئازاب يېتەرلىك ئەمەس ، يەنە بىرى ئارزۇ يېتەرلىك ئەمەس .
مەندە ئىككىلىسى يىتەرلىك ,شۇڭا قەتئى تىرىشىمەن .
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى