شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

خەق نېمە دەپ قالار»ناخشا پىلاستىنكىسىغا ئىككى كەلىم.- 2016-06-25  

2016-06-26 06:11:09 -0400 مەزمۇن تۈرى: مۇھىم خەۋەر

خەق نېمە دەپ قالار




ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

(ياش ئىجادكار مۇھەممەدجان ئابدۇقادىرنىڭ «خەق نېمە دەپ قالار» ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسى ھەققىدە ئىككى كەلىمە)

مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار

 

سەنئىتىمىز ئۇيغۇر مەدەنىيەت بوستانلىقىدىكى خۇشپۇراق گۈل، خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك ھايات كەچمىشلىرىنىڭ مۇجەسسىمى، يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان نىداسى. ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىلىرى مۇھەببەتلىك يۈرەكلەرنىڭ ساداسى.

 

ئەلمىساقتىن تا بۈگۈنگىچە سەنئەت بېغىمىزدا تالاي كۈيچى قۇشلار ئۆز ناۋاسىنى ياڭراتتى. بۇ قېتىم مىللەتلەر ئۈن – سىن نەشرىياتىنىڭ نەشر قىلىشى بىلەن روياپقا چىققان «خەق نېمە دەپ قالار» ناملىق DVD ۋە CD پىلاستىنكىسىنى ئەلنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان ياش ئىجادكار، كۈيچى مۇھەممەدجان ئابدۇقادىرمۇ خاسلىقى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ سايرىغان خۇشناۋا قۇشتۇر. بۇ پىلاستىنكىدا مۇھەممەدجان ئابدۇقادىرنىڭ ئۆز ئىجادىيەتلىرىنى ئاساس قىلغان 12 ناخشىسى بار بولۇپ، تېما جەھەتتە رېئال تۇرمۇشىمىزنىڭ ئەڭ نازۇك تەرەپلىرىگە قەدەر نەزەر ئاغدۇرغان. بۇ كۈيلەردىن بىر روھنى، چوڭقۇرلۇقنى ھېس قىلىش مۇمكىن.

 

بىر ئىجادكارنىڭ كەينىدە ئىجادىيەتنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىدىغان، ئۇنى قوللايدىغان مەدەنىيەت سودىگەرلىرىنىڭ بولۇشى تولىمۇ مۇھىم. كۆپ يىللاردىن بېرى نادىر فىلىملەرنى بازارغا سېلىپ خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرۇۋاتقان >دىل كۈيى ئۈن – سىن مەركىزى<تارقاتقان بۇ پىلاستىنكا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۈن – سىن مەركەزلىرىدە توپ ۋە پارچە سېتىلىدىغان بولۇپ، دىل كۈيى ئۈن – سىن مەركىزىنىڭ يەنە بىر ئەھمىيەتلىك سوۋغىسى ھېسابلىنىدۇ.

 

تەخمىنەن ئون يىلدىن بېرى بىز مۇھەممەدجان ئابدۇقادىرنى تىرىشچان ئاكتىيۇر، رېژىسسور سۈپىتىدە تونۇغان بولساق، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ ناخشىچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، «مەن ھايات»، «شۈكۈر» قاتارلىق ئۆزگىچە تېمىدىكى، چوڭقۇر پىكىرلىك ناخشىلىرى بىلەن ئەلنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ ناخشىلارنىڭ تېكستى مەزمۇنلۇق، تېتىملىق بولغاندىن سىرت، مېلودىيەلىرىمۇ يېقىملىق بولۇپ، ھەقىقىي ئۇيغۇرچە ناخشا بولۇش شەرتىنى تولۇق ھازىرلىغان. بۇ ناخشىلارنىڭ تور ۋە ئۈندىدار سۇپىلىرىدا كەڭ تارقىلىپ، ناخشا – كۈي شەيدالىرىنىڭ مۇئەييەنلۈشتۈرۈشىگە ئېرىشكەنلىكى مۇھەممەدجان ئابدۇقادىرنىڭ ناخشا – مۇزىكا ئىجادىيىتىگە ۋە ئورۇنداش ماھارىتىگە بېرىلگەن ئەڭ ياخشى باھا. ھەتتا «شۈكۈر» ناملىق ناخشىنىڭ ئۈندىدارلاردا ئاڭلىنىشى مىليون قېتىمدىن ئېشىپ بىزنى ھەيران قالدۇردى. بۇ مۇھەممەدجان ئابدۇقادىرنىڭ ھاردۇقىنى چىقارغۇدەك خۇشاللىنارلىق نەتىجە دەپ ئويلايمىز.

 

ھەر خىل تەسىرلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر سەنئەت بازىرى نابۇت بولۇپ، سەر خىل سەنئەت ئەسەرلىرى ئاز بولۇۋاتقان ۋە سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقان بۇ بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە مۇھەممەدجان ئابدۇقادىر ساغلام زېھنىنى ۋە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ «خەق نېمە دەپ قالار» ناملىق بۇ سەنئەت گۈلدەستىسنى ئەلگە سۇندى. يەتتە يىل بۇرۇن تەييارلىق باشلىنىپ، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سەل كېچىكىپ ئىشلەنگەن بۇ ناخشا پىلاستىنكىسى ئىجادىيەت ساھىبى مۇھەممەدجان ئابدۇقادىرنىڭ ئىككى يېرىم يىللىق جاپالىق ئەمگىكى نەتىجىسىدە تولۇق پۈتۈپ، ھۇزۇرىمىزغا سۇنۇلدى. ناخشىلارنىڭ تېما دائىرىسى كەڭرى، مۇزىكىلىرى ھەم دەۋر روھىغا ئىگە، ھەم ئەنئەنىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، چەكسىز قىزغىنلىق ۋە مېھىر – مۇھەببەت بىلەن ئېيتىلغان بۇ ناخشىلاردىن مۇھەممەدجان ئابدۇقادىرنىڭ ناخشا – كۈي سەنئىتىگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىنى، ئاۋازىدىكى مۇڭ ۋە ھەسرەتنى ھېس قىلىش مۇمكىن. كۈيچىمىزنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت ۋە پىغان ناخشىلاردا خېلىلا يارقىن ئەكس ئەتكەن. كۆرۈنۈش كىرىشتۈرۈلگەن بىر قىسىم ناخشىلاردىن مۇھەممەدجان ئابدۇقادىرنىڭ رول ئېلىشتىكى تالانتىنى، رېژىسسورلۇقتىكى دىتىنى ھېس قىلىش مۇمكىن.

 

ئادەملەر مەنىۋىيەتكە سەل قاراپ، ھەممىنى ماددىي مەئىشەت بىلەن ئۆلچەپ، روھىيەت بوستانلىرى قاغجىرىغان بىر دەۋردە سەنئەتكە بارلىقىنى بېغىشلىغان قېرىندىشىمىز مۇھەممەدجان ئابدۇقادىر ئۆزىنىڭ ئويلىنىشلىرى، ئىزدىنىشلىرى مۇجەسسەملەنگەن، مېھىر – مۇھەببىتى ئەكس ئەتكەن «خەق نېمە دەپ قالار» ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسىنى ئۆزى سۆيگەن خەلقىگە تەقدىم قىلدى. ئەلنىڭ باھاسى ئەڭ ياخشى ئەينەك. پىلاستىنكا تارقالغاندىن كېيىنكى ئىنكاسلارنىڭ مۇھەممەدجان ئابدۇقادىر ۋە بۇ ساھەدە ئەجىر قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئۆرنەك بولۇپ قالىدىغىنىغا ئىشىنىمىز.

 

سەنئەتكە بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئاللىقاچان ئۆز شەيدالىرى قەلبىدە مۇناسىپ ئورۇن تىكلىگەن قەدىردان دوستۇم مۇھەممەدجان ئابدۇقادىرنىڭ زاماندىشى، سىردىشى، مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن سۆيۈنگۈچى قېرىندىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭ سەنئىتى، بولۇپمۇ ناخشا – مۇزىكا سەنئىتى ھەققىدە ئىككى ئېغىز سۆزلىدۈم. بۇ پىكىرلىرىم مۇھەممەدجان ئابدۇقادىرنى ۋە ئۇنىڭ ناخشا – مۇزىكا سەنئىتىنى چۈشىنىشتە ئاز تولا رول ئوينىسا ئەجەب ئەمەس.

 

مەدەنىيەت بازىرىمىزنىڭ نورمال گۈللىنىشى، ئۆز مەدەنىيەت – سەنئىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سۆيۈملۈك خەلقىمىزنىڭ ئەسلى پىلاستىنكىنى سېتىۋېلىپ، ئۆز ئىجادكارلىرىمىزنى ھەقىقىي قوللىشىنى، مەنپەئەتكە دۈم چۈشكەن بازار چىۋىنلىرىنىڭ قانۇنسىز كۆپەيتىپ باشقىلارنىڭ ھالال ئەمگىكىنى دەپسەندە قىلماسلىقىنى، نومۇس تۇيغۇسىنى يوقاتماي، كىشىنىڭ رىزقىغا قول ئۇزاتماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

 

ئاخىرىدا تىلىكىمىز، ئانا تۇپرىقىمىزغا، ئاق دىل خەلقىمىزگە مېھرى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان قەلبى ئويغاق قېرىندىشىمىز مۇھەممەدجان ئابدۇقادىرنىڭ كېيىنكى يوللىرى تېخىمۇ راۋان بولسۇن.

2016 – يىلى 25 – ئىيۇن شەنبە، ئۈرۈمچى.

ئاناتۇپراق سالۇنى ۋە مىسرانىم سالۇندىن ئېلىندى

«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى