شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

دېھقان قېرىنداشلار پايدىلانسۇن

2016-07-13 23:34:56 -0400 مەزمۇن تۈرى: پايدىلنىش ئۇچۇرى

دېھقان قېرىنداشلار پايدىلانسۇن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۇتېمىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن چەمبىرەككە يوللىۋېتىڭ، تېخمۇ كۆپ دېھقانلار نەپ ئالسۇن !
كېۋەزنى خىمىيىلىك ئۇسۇلدا تەڭشەپ تىزگىنلەش دىگەندە ، خىمىيىۋى تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئارقىلىق كېۋەز تۈپلىرىنى كۆڭۈلدىكىدەك تۈپ شەكىلىگە كىرگۈزۈپ،يورۇقلۇقتىن ياخشى پايدىنالايدىغان توپ تەن بەرپا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق قىلغاندا تۈپلەر تېمەن ئۆسۈپ ، كېسەللىك،ھاشارەت زىيىنى ئازىيىپ كېۋەز مەھسۇلاتى ۋە پاختا سۈپىتى يۇقۇرى كۆتۈرۈلىدۇ. لېكىن ھازىرخىمىيىۋى تىزگىنلەش دورىلىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ئوخشاش بولمىغان دورىلارغا قارىتا توغرا ئىشلىتىش تېخنىكىسىنى قوللانغاندىلا ئاندىن بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈمگەئېرىشكىلى بولىدۇ. ..
1.سوجيېئەن(缩节安)
نۆۋەتتىكى كېۋەزنى خىمىيىلىك ئۇسۇلدا تەڭشەپ تىزگىنلەشتە سوجيېئەن بىر قەدەر كۆپ قوللىنىلىدۇ، ھەمدەئۈنۈمىمۇ بىر قەدەر ياخشى. بۇ دورىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق كېۋەزنىڭ تۈپ ئىگىزلىكىنى تىزگىنلەپ ، غوزا شاخلىرىنى ئازايتقىلى ، فوتوسىنتىز رولىنىڭ كۆپىيىش ئەزالىرىغايۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، غوزىلارنىڭ تۆكۈلىشىنى ئازايتىپ ، غوزا سانىنى كۆپەيتكىلى،يەككە تەنلەرنىڭ يېتىلىشى بىلەن توپ تەنلەرنىڭ يېتىلىشى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلغىلى بولىدۇ. كېۋەزگە پۈتكۈل ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە، سوجيېئەن تۆت قېتىم بېرىلىدۇ. بىرىنچى قېتىمدا غۇنچە مەزگىلىدە ھەر
موغا 1.50 گىرام سۇجيېئەن 20 كىلوگىرام سۇدا سۇيۇلدۇرۇلۇپ بېرىلىپ، ئۈستى
تەرىپىنىڭ ئۆسۈشى تىزگىنلىنىپ ، ئاستى تەرىپىنىڭ ئۆسۈشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، غۇنچە
سانى كۆپەيتىلىدۇ. ئىككىنچى قېتىمدا چىچەكلەش مەزگىلىدە ھەر موغا 1.51 گىرام
سۇجيېئەن 30 كىلوگىرام سۇدا سۇيۇلدۇرۇلۇپ بېرىلىپ،بويىغا زورلاپ ئۆسۈپ كېتىشنىڭ
ئالدى ئېلىنىپ ، غوزا سانى كۆپەيتىلىدۇ. ئۈچىنچى قېتىمدا غۇزا تۇتۇش مەزگىلىدە ھەر
موغا 34 گىرام سۇجيېئەن 30 كىلوگىرام سۇدا سۇيۇلدۇرۇلۇپ ، تۈپ ئۈستىگە ، غوزا بوغۇملىرىنىڭ ئۇچىغا پۈركىلىپ، ياخشى تۈپ شەكلى يېتىشتۈرۈلىدۇ.تۆتىنچى قېتىمدا كېيىنكى مەزگىلىدە بويىغا زورلاپ ئۆسۈپ كەتكەندە، ھەر موغا 34 گىرام سۇجيېئەن سۇدا
سۇيۇلدۇرۇلۇپ بېرىلىپ،ئاخىرقى غۇنچىلار تىزگىنلىنىپ ، ئۈنۈمسىز غوزا بوغۇملىرىنىڭ
كۆپىيىشىنىڭ، ھارام بىخلارنىڭ چىقىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. ..
2.جۇجۇاڭسۇ(助壮素)
راسا
غۇنچىلاش مەزگىلى ۋەدەسلەپكى چېچەكلەش مەزگىلىدە ھەر موغا %25 لىك جۇجۇاڭسۇدىن 5 مىللىلېتىر 40كىلوگىرام سۇدا سۇيۇلدۇرۇلۇپ پۈركۈلىدۇ، راسا چېچەكلەش مەزگىلدە 10 مىللىلېتىر بېرقېتىم پۈركۈلىدۇ، بۇ ئارقىلىق كېۋەز تۈپلىرىنىڭ بويىغا زورلاپ ئۆسۈپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك تېزگىنلىگىلى، غۇنچە، غوزىلىرىنىڭ تۆكۈلۈشىنى ۋە غوزا مەزگىلىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

.3 جياكېسۇ(甲壳素
بۇ دورىنى كېۋەزنىڭ پۈتكۈل ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىنىڭ ھەر قانداق ۋاقتىدا ئىشلەتسە بولىدۇ، 600-800 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى يۇپۇرماققا پۈركۈش ئارقىلىق كېۋەز تۈپلىرىنىڭ ناچار شارائىتلارغا ۋەكېسەللىككە تاقابىلچانلىقىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ كېۋەزنىڭ مايسامەزگىلىدىكى كېسەللىكلىرى، سارغىيىپ سولىشىش كېسىلى ۋە سولىشىپ قۇرۇش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى.



4.ئېتىلىن(乙烯利)
ئېتىلىن ئاساسلىقى كېيىن پىشار كېۋەز ئېتىزلىرىغا ۋە ئېڭىزنى بالدۇر بوشتىش زۆرۈر بولغان كېۋەز ئېتىزلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ. نورمال پاختا ئېچىلغان ۋە بىرلىك مەھسۇلات سەۋىيىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان كېۋەزلىكلەرگە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. دورا پۈركۈشنى دورا ئىشلەتكەندىن كېيىنكى نەچچە كۈندە ھاۋا تېمپىراتۇرىسى 20 سېلسيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولغان مەزگىلدە ئىشلىتىش بولغان مەزگىلدە ئىشلىتىش كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئېتىلىننىڭ رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا ئۈستى قىسىمىدىكى كېۋەزغوزىلىرىنىڭ غوزا مەزگىلى 40 كۈندىن ئاشقاندا ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ. شىمالدىكى پاختىچىلىق رايونلىرىدا قىرو مەزگىلى يېتىپ كېلىشتىن 20 كۈنچە بۇرۇن پۈركىسە
مۇۋاپىق، ئادەتتە ھەر موغا %40 لىك ئېتىلىن سۇيۇق دورىسىنىڭ 300-800 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىدىن 60كىلوگرام ئىشلىتىلىدۇ. ئېتىلىن ئارقىلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە دورىنى بىۋاستە غوزا ئۈستىگە پۈركۈپ، يۇپۇرماقتىن ئېقىشىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش كېرەك. ئىشقارلىق دېھقانچلىق دورىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. %0.2 لىك نېيتىرال سوپۇن پاراشوكى قوشۇپ ئىشلەتسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئۇرۇق ئېتىزلىرىغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
مەنبە: ئەلتىكىن يېزا ئىگىلىك مۇنبىرى
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى