شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئ‍ۈزنى بىلىشمۇ كاتتا ئ‍ىش

2016-07-30 23:31:17 -0400 مەزمۇن تۈرى:

ئ‍ۈزنى بىلىشمۇ كاتتا ئىش

ئەنگىلىيە ئاتاقلىق يازغۇچىسى بېرنارد شاۋ بىر كۈنى بىكار قېلىپ، بىر تونۇمايدىغان قىزچاق بىلەن بىللە ئويناپتۇ،.
گۇگۇم ۋاقتىدا، بېرنارد شاۋ كىچىك قىزچاققا، ئۆيىڭىزگە قايتىپ ئاپىڭىزغا بېرنارد شاۋ ئەپەندىم مەن بىلەن يېرىم كۈن بىللە ئوينىدى دەڭ، دەپتۇ. كۈتۈلمىگەن يەردىن كىچىك قىزچاق ئۇنىڭغا:
سىزمۇ ئۆيىڭىزگە قايتىپ ئاپىڭىزغا مارى مەن بىلەن يېرىم كۈن ئوينىدى دەپ قويۇڭ، دەپتۇ.
كېيىن، ئۇ باشقىلارغا بۇ ئىشنى سۆزلەپ بېرىپ، ئادەم ئۆزىنى راستتىنلا بەك چوڭ چاغلاپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن دەپتۇ.
ئاتاقلىق مۇزىكانت يىڭ روچېڭ مۇنداق بىر ھىكايىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئۇ بىر چوڭ ئائىلىدە چوڭ بولغان بولۇپ، ھەر قېتىم تاماق ۋاقتى نەچچە ئون ئادەم بىللە چوڭ زالدا تاماق يەيدىكەن.
بىر كۈنى، ئۇ كۆپچىلىككە چاقچاق قىلىپ قويۇش ئۈچۈن، تاماقتىن بۇرۇن، ئاشخانىدىكى ئانچە كۆزگە چېلىقىپ كەتمەيدىغان ئىشكاپنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋاپ، كۆپچىلىك ئۇنى ئىزدەپ تاپالمىغاندا چىقماقچى بولۇپتۇ.
لېكىن نەتىجىدە، كۆپچىلىك
ئۇنىڭ كەلمىگەنلىكىگە دىققەت قىلماپتۇ، ھەمدە قورساقلىرىنى تويغۇزۇشۇپ كېتىپ قاپتۇ،
شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۆكۈۋالغان يېرىدىن چىقىپ ئاشقان تاماقنى يەپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئۆزىگە : مەڭگۈ ئۆزىنى بەك مۇھىم چاغلاپ كەتمەسلىك كېرەككەن، بولمىسا ئۈمىدسىزلىنىپ قالىدىكەن دەپتۇ.
چوقۇم ئۆزىڭىزنى تونۇشنى بىلىڭ، ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى بەك چوڭ چاغلاپ كەتمەڭ. بۇ دۇنيادا،
ھەربىر ئادەم شۇنچىلىك مۇھىم، لېكىن يەرشارى ھەر قانداق بىر ئادەمسىز چۆرگىلەشتىن توختاپ قالمايدۇ. ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭ.ئۆزىنى بەك چوڭ چاغلاپ كەتمەسلىك تەربىيە كۆرگەنلىكنىڭ ئىپادىسى، ئۇ بىر سالماقلىق.
جاھاندارلىقتىكى ئىلىم. سىز بۇ خىل پوزىتسىيە بىلەن تېخىمۇ خوشال ۋە سالامەت ياشىيالايسىز. ھەمدە ئەتراپىڭىزدىكى ئادەملەرمۇ سىزنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان بولىدۇ، شۇڭا كىچىك پېئىل بولۇشنى ئۆگىنىڭ.......

مەزمۇن يارغان بولسا باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىرلىنىڭ

ئ‍ىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ 👇👇👇👇

«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
----Comments(6)----
boghqam (@boghqam) | @ at 2016-08-06 05:12:
masilan uyghurqa kop tima yollaydiganlar barmu
boghqam (@boghqam) | @ at 2016-08-06 05:12:
masilan uyghurqa kop tima yollaydiganlar barmu
boghqam (@boghqam) | @ at 2016-08-06 05:12:
masilan uyghurqa kop tima yollaydiganlar barmu
بەس بەس (@basbas) | @ at 2016-07-31 03:25:
@boghqam
جىق سىز تاپالماي قاپسىز
boghqam (@boghqam) | @ at 2016-07-31 01:23:
بو توردا ئۇيغۇرلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئوخشايدۇ
boghqam (@boghqam) | @ at 2016-07-31 01:23:
بو توردا ئۇيغۇرلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئوخشايدۇ
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى