شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئېغىر تويلىشىش مۇھاببەتلىك ئ‍ائىلنىڭ ئ‍اساسى ئ‍ەمەس -تەۋسىيە

2016-08-04 00:46:41 -0400 مەزمۇن تۈرى:

ئېغىر تويلىشىش ھەرگىزمۇ بەخىتلىك نىكاھنىڭ ئاساسى بولالمايدۇ

ئەجدادلىرىمىزنىڭ توي مەرىكىسى ئىنتايىن ئاددىي ۋە تەبىئىي ئۆتكۈزۈلەتتى، ئەنەنىۋى كۆزقاراش تۈپەيلىدىن، قىز- يىگىتلەرنىڭ بىۋاسىتە ئۇچرىشىش پۇرسىتى تولىمۇ ئاز ئىدى، بولۇپمۇ نىكاھلانمىغان قىز-يىگىتلەرنىڭ توي ئىشىغا ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆزلىرى ئىگە بولۇپ پۈتۈشەتتى، توي قىلىشتا ئىككى تەرەپنىڭ تۇغقانلىرى ۋە يېقىن خوشنىلىرىنى ئۆز ئۆيىگىلا چاقىرىشاتتى، نىكاھ پەتىسىگە يۇرت مۆتىۋەرلىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتنىشاتتى. توي ئىگىلىرى مېھمانلارغا مال سويۇپ، داستىخان سېلىپ تائام بېرەتتى ۋە توينىڭ ئېلانى سۈپىتىدە يۇرتىدىكى ئەلنەغمىچىلەر ناغرا سۇناي چېلىپ توي سورۇنىنى جانلاندۇراتتى، مېھمانلار قايتىپ توينى يۆتكىگەندە قىز باشقا يۇرتتىن بولسا شۇ يۇرتنىڭ ئادەملىرى توي يۆتكەپ ماڭغان ئات ھارۋىسىنىڭ ئالدىنى يولنىڭ ئىككى چېتىدىكى دەرەخكە ئارقان باغلاپ قىزىقچىلىق قىلىپ توسۇۋالاتتى. بۇ چاغدا يىگىت ئۆز سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارغا پارچە پۇللارنى چاچقۇ قىلاتتى، يول ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن قىزنى يىگىتنىڭ ئۆيىگە يۆتكەپ ئەكىلىپ شۇ كۈنى كەچتە مەھەللە ياشلىرى توي بولغان ئۆيدە مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ، بېيىت ئوقۇشۇپ، توينى قىزغىن تەبرىكلىشەتتى، نەغمىكەش ۋە ئۇسسۇلچىلار ئىنتايىن جۇشقۇن بولۇپ، مەشرەپ سورۇنى قىزىپ كېتەتتى. ئۇرۇش-تالاش قىلىدىغان ۋە بىھۇدە ئىسراپچىلىق قىلىدىغان ئەھۋاللار زادىلا كۆرۈنمەيتتى، ھەممە بىردەك دوستلۇقنى ئىپادىلەيتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، بۇرۇنقى بەزى ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىمىز ئاساسەن قالمىغان بولسىمۇ، بەزى توي
مەرىكىلىرىمىز ئۆيدىن مەرىكە زالىغا، مەركەز زالىدىن رېستورانلارغىچە كېڭىيىپ، ئىسراپچىلىقلارغا قارىماي تويدىكى ئادەملەرنىڭ كۆپلىكى، توي كۆچۈرۈپ كوچا ئايلاندۇرۇۋاتقان ماشىنىلارنىڭ جىقلىقى ۋە كىشىلەرگە كۆز- كۆز قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان ئېغىر تويلۇق بۇيۇملىرىمىز بىلەن پەخىرلىنىۋاتىمىز، ئەگەر بىز ياۋروپالىقلاردەك بېيىپ كېتىدىغان بولساق، پويىز ياكى ئايروپىلان بىلەن تويۇپ كۆچۈرۈشىمىزدە دە گەپ يوق ئىكەن، ئەخلاق ساپاسى تۆۋەن قىسمەن ياشلىرىمىز بەزى توي مەرىكە سورۇندىن پايدىلىنىپ كەيپ-ساپاغا بېرىلىپ، جېدەل ماجرا چىقىرىپ مۇشتلىشىپ، يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە مۇقىملىققا پايدىسىز. تويلۇق مال ۋە ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى «مەن سەندىن قالامتىم» دەپ بەسلىشىپ، ھەددىدىن زىيادە جىق ئالدۇرىدىغان ئىشلار كۆرۈلگەچكە، ھەتتا بەزىلەر مۇشۇنداق تويلۇقنىڭ ئېغىر بولۇشى تۈپەيلىدىن ئىقتىسادىي جەھەتتىن پۈتۈن تاپقان تەرگىنىنى يوقىتىپ، قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان ئىشلارمۇ بار. تېخى «قانچە ئېغىر تويلاشسا، توينىڭ قەدىر قىممىتى بولىدۇ، تويغا قىلغان خىراجەتكە قورسىقى ئاغرىپ بولسىمۇ نىكاھ بۇزۇلمايدۇ» دەيدىغان كىشىلەرمۇ بار.
ئېغىر تويلىشىش ھەرگىزمۇ بەخىتلىك نىكاھنىڭ ئاساسى بولالمايدۇ. شۇڭا ئىقتىسادچانلىق پرىنسىپى بويىچە توينى ئاددىي ھەم لايىقىدا ئۆتكۈزۈپ، ئېشىنچا ئىقتىسادىمىزنى پەن تېخنىكا، ساخاۋەت…قاتارلىق ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىش ئارقىلىق، جەمىيەت ۋە ئائىلە ئىقتىسادىمىزنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا ھەسسە قوشۇشىمىز لازىم.
جەمىيەتتىمىزدە توي سېلىقنىڭ قەرزى تۈپەيلى يېڭى توي قىلغان قىز يىگىتلەر ئارىسىدا ئ‍ارازلىق كەپ ئ‍اجىرشىدىغان ئ‍ىشلار كۆپەيدى .
پۇلنى تاپقىلى بۇلدۇ ،بەخىتنى پۇلغا سېتۋالغىلى
ياكى ئ‍الماشتۇرغىلى بولمايدۇ.



مەزمۇن يارغان بولسا باشقىلار بىلەن تەڭ ئ‍وقۇڭ
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى