شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

كۆپ ئىقتىدارلىق روزېتكىنى سېتىش قانۇنغا خىلاپ

2016-08-24 09:45:20 -0400 مەزمۇن تۈرى: پايدىلنىش ئۇچۇرى

كۆپ ئىقتىدارلىق روزېتكىنى سېتىش قانۇنغا خىلاپ



ئۈچ تۆشۈكلۈك «كۆپ ئىقتىدارلىق  روزېتكا» دا ئىككى باشلىق ۋە ئۈچ باشلىق شتېپسىلنى ئورتاق ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇ ئاڭلىماققا ئىنتايىن قوللىنىشچان، بىراق ، بۇ خىل روزېتكىدا  يوشۇرۇن خەۋپ بولغانلىقتىن، دۆلىتىمىز 6 يىل بۇرۇن بۇ خىل روزېتكىنى شاللىۋەتكەن.







 گۇاڭجۇ گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە  «كۆپ ئىقتىدارلىق روزېتكا» بازاردا يەنىلا سېتىلىۋاتقان بولۇپ، كۆپ قىسىم ئاھالىلەر ئاساسلىقى بۇ خىل روزېتكىنى تاشلىۋېتىشكە كۆزى قىيمىغان. ئىگىلىنىشىچە، شاللىۋەتكەن مەھسۇلاتلارنى سېتىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولۇپ، ئاھالىلەر يەنىلا دۆلەت ئۆلچىمىدىكى روزېتكىنى ئىشلىتىشى لازىم ئىكەن.

بۇ 2008-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى يېڭى ئۆلچەمدىكى   2099.3-2008 ج ب تىپلىق ئالماشتۇرغۇچى ئېلان قىلىنىپ، 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئەمەلىيلىشىشكە باشلىغان، بۇ ئۆلچەمدىكى ئالماشتۇرغۇچ ئىككى قۇتۇپلۇق ۋە ئۈچ قۇتۇپلۇق سانجىش تۆشۈكىنى ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلىدىكى روزېتكا بولۇپ، بۇنىڭدا شتېپسىل بىلەن روزىتكىنىڭ ئۇچرىشىش يۈزىنى كېڭەيتىپ، ئۇچرىشىشنى تېخىمۇ زىچلاشتۇرۇپ، توك قېچىشتەك يوشۇرۇن خەۋپنى تۆۋەنلىتىدىكەن.





كۆپ ئىقتىدارلىق روزېتكا ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ روزېتكا ئۆلچىمىگە توشمايدىكەن. يېڭى ئۆلچەمدىكى بەش تۆشۈكلۈك روزېتكىدا بەلگىلەنگەن توك ئېقىمىدىن ئېشىپ كەتكەندە، قوغدىنىش ئىشىكى ئاپتوماتىك ئېچىلىپ، ئىشلەتكۈچىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىكەن، شۇ سەۋەبتىن مۇتەخەسسىسلەر ئاھالىلەرنىڭ ئائىلىدە ئىشلىتىۋاتقان روزېتكىنى تەكشۈرۈپ، ۋاقتىدا يېڭى تىپتىكى بەش تۆشۈكلۈك روزېتكىغا ئالماشتۇرۇشىنى تەكىتلەيدۇ.

مەنبە: ئەرقال تورى

__ئ‍ېلان قۇبۇل قىلىش ئ‍ۈندار نۇمۇرى:1741897262___


شىنجاڭ بازىرغا تۈنجى بولۇپ كىرگەن تۈركىيە MAIAساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ,,,ئ‍ەڭ يىڭى ،تۈركىيەساپ تۇپراق ۋە ھاۋاشارائىتىدىكى تەبىئەتنىڭ ئ‍ىسىل ،پاكىز، ھالال تەركىبلىك مەھسۇلاتلىرى، ،ئ‍ۈنۈمى كاپالەتكە ئ‍ىگە، ئ‍ىستىقباللىق سودا تۈرى، مەبلەغنى دەسمايە سىلىشتىكى توغرا تاللاش، قىنى ماياغا ۋاكالەتچى بولۇپ ھالال ھەم كۆپ پۇل تىپىش، ھەم كۆپ خىرىدارغا ئ‍ىگە بولۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇڭ!
18999145771
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى