شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

نورۇزنىڭ تارىخى-

2017-03-20 18:59:44 -0400 مەزمۇن تۈرى: پايدىلنىش ئۇچۇرى
نورۇزنىڭ تارىخى-تارقىتىپ قويۇڭ ھەممەيلەن بىلۋالسۇن


 نورۇز ـــ جۇڭگو شىنجاڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، كاۋكاز، بالقان قاتارلىق رايونلاردا ياشايدىغان تۈركىي تىللىق مىللەتلەر بىلەن ئىران تىللىق مىللەتلەردىن بولۇپ جەمئىي 300 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ، يېڭى يىلنى قارشى ئالىدىغان خەلقئارالىق يېڭى يىل بايرىمى. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان قەدىمكى دېھقانلارنىڭ ئۆزگىچە باھار ئۇدۇملىرى ــ كۆكلەمنى، يېشىللىقنى ئۇلۇغلاش، سۇ، ئوت، تۇپراق قۇياشقا تېۋىنىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇراسىم ۋە ئېتىقادلىرىنى ئاساسىي مەنبە قىلىپ بونىڭدىن تەخمىنەن ئۈچ-تۆت مىڭ يىللار بۇرۇن پەيدا بولغان ئوموم خەلق بايرىمى.



  نورۇز ـــ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ھەم ئېسىل ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرى بىلەن تۇيۇنغان ئەڭ كاتتا بايرىمى بولۇپ، خەلقىمىز تەرىپىدىن ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئۆتكۈزۈلۈپ ئەزىزلىنىپ كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان بىر قۇتلۇق، خاسىيەتلىك بايرام، مېنىڭچە ئۇنىڭ خاسىيەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
  نورۇز ــ يېڭى يىل بايرىمى، تەبىئەت بايرىمى، ياڭى ھاياتلىك بايرىمى، نورۇز ــ ئەسلى دېھقانلار كالىندارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شىمالىي يېرىم شاردا باھار دەل كېچە بىلەن كۈندۈز تەڭلەشكەن كۈنلىرى يەنى 20-12 مارتتىن باشلىنىدۇبۇ ۋاقىتتا دەل تەبىئەت قىشلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق مەخلۇقات ۋە مەۋجۇداتلار، جۈملىدىن ئۆسۈملۈك ۋە گۈل-گىياھلار جانلىنىدۇ ۋە بىخ سۈرىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى بۇنداق يېڭىلىنىش جەريانىنىڭ باشلىنىشى شەمسىيە )قۇياش( يىلى ھېسابىدا دەل 21-مارتقا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئەجداتلىرىمىز ئۇنى قەدىمدە »يىل بېشى« ياكى »كۈن تۇغدى«، »كۆك بۇرناق«، »سۇمۇلە ئايىمى« دەپ ئاتىغان بولسا، ئىسلامىيەتتىن كېيىن »نورۇز« نامى بىلەن ئاتاشنى رەسمىي قىلىپ، شادلىنىپ بايرام قىلىپ كەلگەن. مەھمۇد قەشقىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، تۈركىي خەقلەرنىڭ 12 مۈچىلى ھازىر قوللىنىلىۋاتقان مىلادىيە كالىندارىدىكى 21-مارتتىن باشلىنىدۇ. دېمەك، قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز نورۇزنى ئۆزلىرىنىڭ يېڭى يىل بايرىمى، شۇنداقلا تەبىئەتنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان مۆجىزىلىرىنى قەدىرلەش، يېڭى ھاياتلىقنىڭ، يېڭى تارىخنىڭ باشلانغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ ئۇنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن بايرام ئۇدۇمىنى شەكىللەندۈرگەن.

  نورۇز ــ پاكىزلىق بايرىمى. نورۇز ھارپىسىدا يېزا-قىشلاق، شەھەرلەردىكى ئاۋام خەلق ئېرىق-ئۆستەڭ، كۆللەرنى تازىلايدۇ. قوتانلارنى،ھاجەتخانىلارنى ئېرىغدايدۇ، كوزا-ئىدىش، قاپاقلارنى تازىلاپ، ئەگۈز سۇلىرى بىلەن توشقۇزىدۇ. ھويلا ئاراملارنى، يوللارنى پاكىز تازىلايدۇ. ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي تازىلىقلىرىنى قىلىدۇ. قىز-ئاياللار ئوسما قويىدۇ. نورۇزدا كىيىشكە يېڭى، پاكىز كىيىملەرنى تەييارلايدۇ. دېمەك، نورۇز پاكىزلىنىدىغان، پاكىز مۇھىتتا، پاكىز ئۆتكۈزۈلىدىغان پاكىزلىق بايرىمى.

  نورۇز ــ ياخشى، ساۋابلىق ئىشلار بايرىمى. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى نورۇزنى خاسىيەتلىك دەپ بىلگەچكە، كىمكى نورۇز ھارپىسىدا، نورۇز مەزگىلىدە بىر ياخشى ساۋابلىق ئىش قىلسا، شۇ كىشىگە يىل بويى ياخشىلىق نېسىپ بولىدۇ، ئىشلىرى ئوڭغا تارتىدۇ دەيدىغان قاراش مەۋجۇت بولغاچقا، ھەممە ئادەمنى ياخشى ساۋابلىق ئىش قىلىىشقا دەۋەت قىلغان. شۇڭا قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە نورۇز بايرىمىغا ئاتاپ ھەرخىل ساۋابلىق ئىشلارنى، مەسىلەن مەكتەپ سېلىش، يول ياساش، كۆۋرۈك سېلىش، يېتىم-يېسىر ۋە ئاجىز مىيىپ، كېسەل كىشىلەرنى يوقلاش، ياردەم قىلىش، كۆچەت تىكىش، دەرخلەرگە قاپاقتىن قۇشلارغا ئۇۋا ياساپ بېرىش...تەك بىر قاتار ئېسىل ئۇدۇملار شەكىللەنگەن.



  نورۇز ــ ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق، ئۆملۈك بايرىمى. نورۇز بايرىمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى جۈملىدىن شەرق خەلقلىرى قەدىمدە شۇ قەدەر ئېھتىرام ۋە خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالغانكى، ھەتتا نورۇز كۈنلىرى قەبىلە، ئۇرۇقلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش-ماجرالار ۋاقتىنچە توختىتىلغان، يارىشىش شەرتنامىلىرى تۈزۈلگەن. نورۇزدا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئۆچ-ئاداۋەتلىشىپ قالغان دوست-بۇرادەرلەر، مەھەللە، قولۇم-خوشنىلار، شۇ جۈملىدىن ئارىسغا سوغۇقچىلىق چۈشكەن ئەر-ئاياللارمۇ »ئۆتكەنگە سالاۋات« قىلىپ قايتىدىن يارىشاتتى ياكى ياراشتۇرۇلۇپ نورۇزنى ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق ئىچىدە خۇشال ئۆتكۈزگەن. بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ نورۇز ئېشىغا ئېغىز تەگكۈزگەن، مانا بۇ نورۇزنىڭ تولۇق خاسىيىتى.

  نورۇز ــ ئارزۇ-تىلەك ۋە ئامانلىق تىلىشىدىغان بايرام. نورۇزدا ئۇرۇق-تۇغقان، قولۇم-قوشنا، يارۇ-بۇرادەرلەر ئۆز ئارا يوقلىشىدۇ، سوۋغا-سالام بېرىشىدۇ، بىر-بىرىگە ئامانلىق ۋە ياخشىلىق تىلىشىدۇ، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈشىدۇ، ھاياتنىڭ گۈزەل بولۇشىنى تىلەپ گۈل تەقدىم قىلىشىدۇ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق سۇ مول بولسۇن دەپ بىر-بىرىگە سۇ چېچىشىدۇ. دېھقانلار ئۈمىد بىلەن يەرگە بەرىكەت ئۇرۇقى چاچىدۇ، چارۋىچىلار بولسا پادىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ھەيدەيدىغان سائادەتلەر مۇجەسسەملەنگەن بايرام.

  نورۇز ــ توقچىلىق ۋە تائام مەدەنىيىتى بايرىمى. قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز نورۇز كۈنى، قۇتلۇق نورۇزنى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن »ق« تاۋۇشى بىلەن باشلانغان يەتتە خىل )ئىشلاندىن بۇرۇن »س» تاۋۇشى بىلەن باشلانغان توققۇز خىل( يېمەكلىك تەييارلايدىغانلىقى مەلۇم. مەسىلەن: قايماق، قېتىق، قۇرت، قۇيماق، قاتلىما، قۇيرۇق، جىگەر، قوزا گۆش )قورداق، تونۇر كاۋاپ( دېگەندەك، بۇنداق غىزالارنى تەييارلاش بىلەن »توققۇزى تەل« بولۇشنى تىلىگەن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ نورۇز كۈنى ھەر قايسى جايلاردا داش قازانلار ئېسىلىپ، يەتتە خىل ياكى توققۇز خىل خۇرۇچتىن مەززىلىك نورۇز ئېشى )سۇمۇلە، سۈمە-ئۈندۈرمە، ئۈندۈرمە قىلىنغان بۇغداي ــ »دىۋان« Ⅲ توم 323-بەت( ئېتىلىدۇ. نورۇز داستىخېنى ئادەتتىكىدىن مول بولىدۇ. ئۇنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تائام يەرمەنكىسى دېسىمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. دېمەك، نورۇز ــ ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا ۋە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا تارقىلىشىغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن.

  نورۇز ــ سەنئەت بايرىمى. نورۇزدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئىچىدە كەڭ كۆلەملىك، داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەت دەل سەنئەت پائالىيىتىدۇر. نورۇز كۈنى جاي-جايلاردىكى كىشىلەر رەڭگارەڭ ياسىنىپ، نورۇز مەشرىپى ئۆتكۈزىدۇ. بىر قىسىملار شېئىر-قوشاق، نەزمىلەر بىلەن مەشرەپنى قىزىتسا، مەدداھلار قىسسە-داستانلارنى يۈكسەك ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ، سورۇننى ئەۋجىگە كۆتۈرىدۇ، چاقچاقچىلار، يۇمۇر، لەتىپىچىلەر سورۇن ئەھلىگە كۈلكە ئاتا قىلسا، نەغمىچىلەر مۇقام ۋە نەغمىلىرى بىلەن سورۇنغا ھۆسن قوشىدۇ. شۇڭا نورۇزنى ــ ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت بايرىمى ۋە سەنئەت مەكتىپى دېسەك قىلچە مۇبالىغە بولمايدۇ.



  نورۇز ــ تەنتەربىيە بايرىمى. نورۇزدا سەنئەت پائالىيەتلىرىدىن ققلسا، كەڭ-كۆلەملىك ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ يەنە بىرى تەنتەربىيە پائالىيىتىدۇر. ئادەتتە نورۇزدا ئۇۇغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىن دارۋازلىق، جانبازلىق، چېلىشىش، ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگىسى، سارغايدى، ئىلەڭگۈچ، بۇقە، قوچقار، خوراز سوقۇشتۇرۇش،، ئىت تالاشتۇرۇش ۋە بالىلارنىڭ تۈرلۈك ئويۇنلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا نورۇزنى ئاۋامنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇپ ساغلام بولىدىغان ۋە ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدىغان ھەمدە ئەۋلاددىن-ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرىدىغان بىر تەنتەربىيە بايرىمى دېيىشكە بولىدۇ.

  نورۇز ــ شادلىق بايرىمى. نورۇز ناغرا سۇناي ساداسى ئىچىدە باشلىنىدۇ. كىشىلەر خۇشاللىق ئىچىدە نورۇزغا ياسىنىدۇ. ئۆزئارا نورۇزنى تەبرىكلىشىدۇ ھەم گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىشىدۇ. نورۇزدىكى مول تائاملار تەنلەرگە لەززەت ئاتا قىلسا، سەنئەت پائالىيەتلىرى كىشىلەرنىڭ قەلب تارىلىرىنى چېكىپ، گۈزەل ھېسلارغا چۆمدۈرىدۇ، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى كىشىلەرگە جىسمانىي كۈچ ۋە ساغلاملىق ئاتا قىلىدۇ. دېمەك، نورۇز ــ شادلىق، خۇشاللىق بايرىمى.

  دېمەك، نورۇزــ خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىل بايرىمى. تەبىئەت بايرىمى، مېھنەت بايرىمى، دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، بايرىمى؛ خەلقىمىزنىڭ تۈرلۈك ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆزىگە جەملىگەن ۋە ئەۋلادلارغا ئۆگىتىدىغان ئۆرپ-ئادەت، سەنئەت، تەنتەربىيە بايرىمى؛ كىشىلەرنى ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيدىغان ساۋابلىق بايرام؛ كىشىلەرگە مەنىۋى جەھەتتە شاد-خوراملىق ئاتا قىلىدىغان شادلىق بايرىمى. يېڭى بىر يىلدا روھنى ئۇرغۇتۇپ، ھەر قايسى ساھە كەسىپلەرگە، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئىرادە بىلەن يۈرۈش قىلىشقا چاقىرىق قىلىدىغان خاسىيەتلىك سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز قۇتلۇق، ئۇلۇغ بايرام! »بايراملارنىڭ شاھى«!

نورۇزدا يۇقىرىقىدەك خاسىيەتلەر بولغاچقا، 2009-يىلى ب د ت مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئۇنى »ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى« تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ب د ت يىغىنىدا قارار ماقۇللىنىپ، 3-ئاينىڭ 21-كۈنى »خەلقئارا نورۇز بايرىمى«، »دۇنيا تىنچلىق-مەدەنىيەت كۈنى« دەپ بېكىتتى.

تۈركىي مىللەتلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان باشقا خەلق تۈركۈملىرى قاتارىدا روزى ھېيت بىلەن قۇربان ھېيتنى ئەنئەنىۋىي ئايەم سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقىلى 1400 يىلدىن ئاشتى. قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى شامان دىنى ۋە بۇددا دىنىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغانلىقى، ئىسلام دىنىنىڭ قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن 600 يىلچە كېيىن قوبۇل قىلىنغانلىقى، باشقا يۇرتلاردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئەڭ ئۇزۇن تۇرغانلىقى، مىلادى 1697- يىلدىن 1930- يىلغىچە جەمئىي 233 يىل ھۆكۈم سۈرگەن قۇمۇل ۋاڭلىقى دەۋرىدە ئاساسەن بېكىنمە ھالەتتە ياشىغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قۇمۇللۇقلار ياشاش ئۇسۇلى، ئۆرپ- ئادەت، يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەك، پىسخىك خۇسۇسىيەت ... جەھەتلەردە ئۆزگىچە ئەنئەنىلەرنى ياراتقان ھەم داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. مەيلى باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى بولسۇن، روزى ھېيت بىلەن قۇربان ھېيتنى بىر يىلدىكى ئىككى چوڭ ئايەم دەپ قاراپ، بىر قاتار تەييارلىقلار بىلەن كۈتۈۋالىدۇ ۋە ئىككىلا ئايەمنى ئۆز خاسلىقلىرى ئاساسىدا ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى بايرام ئۆتكۈزمەيتتىمۇ؟ بۇ ئەستايىدىل ئويلىنىشقا تېگىشلىك ماھىيەتلىك مەسىلە، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر ئىسلام دىنى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن روزا ھېيت، قۇربان ھېيتلارنى ئۆتكۈزۈشكە ئۆتۈشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ بۇ ئايەملەردىنمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغان، مەزمۇن- خاسىيەتلىرى تېخىمۇ مول بىر بايرىمى بولغان، ئۇ بولسىمۇ نورۇز بايرىمىدۇر!

تەتقىقاتچىلار نورۇز بايرىمىنى «ئەنئەنىۋىي مىللىي بايرام، ئەمگەك بايرىمى، ئىناقلىق بايرىمى، ساۋابلىق بايرىمى، قۇتلۇق بايرام، تەبىئەت بايرىمى» دېگەندەك ناملاردا سۈپەتلەپ ھەم تەرىپلەپ كەلدى. ھازىر بىرقەدەر ئومۇملاشقىنى بولۇۋاتىدۇ. مەن بۇنى ماھىيەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، «نورۇز - روھىيەت بايرىمى» دەپ ئاتاشنى خوپ كۆردۈم.

«نورۇز نوقۇل تەبىئەت بايرىمىلا ئەمەس، ئۇ خېلى ئۇزاق بىر زامان قۇياشقا، ئوتقا، يورۇقلۇققا بولغان دىنىي ئېتىقاد تۈسىنىمۇ ئېلىپ كەلدى. بۇ زارائاسترىزمدىن ئىلگىرى قۇياشقا چوقۇنۇش - تەبىئەت ئىلاھچىلىقى شەكلىدە زارائاسترىزمدىن كېيىنكى ئاخرومازداغا سىغىنىش - دىنىي ئىلاھىيەتچىلىك شەكلىدە ئىككى باسقۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى» (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن). كۆك مەشرىپى ئەڭ قەدىمكى ئېتنىك مەدەنىيەت بەلگىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ زۇلقەرنەيىن شەرققە يۈرۈش قىلمىغان دەۋرلەردىلا بارلىققا كەلگەن. «مەشرەپ» بايراملىرىمۇ بۇندىن ئىلگىرىلا بار ئىدى.

نورۇزنىڭ خاسىيىتى ۋە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلىرىنىڭ مەزمۇنلىرىنى مۇجەسسەملەپ، ئۇنى «روھىيەت بايرىمى» دېسەك تامامەن بولىدۇ. نورۇزدا ھەرخىل سورۇنلار تۈزۈلۈپ، ئومۇمىي خەلق سەيلىسى بولىدۇ. ① نورۇزدا ناغرا- سۇنايلار چېلىنىپ، شەھەر- بالىق ۋە يېزا- سەھرالار بايرام كەيپىاتىغا كىرگۈزۈلىدۇ؛ ② كىشىلەر شەخسىي تازىلىق ۋە مۇھىت تازىلىقى قىلىدۇ. بۇ «ئارىخ توقۇ» دەپ ئاتىلىدۇ؛ ③ سوغۇق قوغلاش، ئىللىق ئاپتاپ- باھارنى كۈتۈۋېلىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ ④ كىشىلەر بىر- بىرىنى يوقلىشىدۇ، ئىگە- چاقىسىز، قېرى- چۆرىلەر ۋە يېتىم- يېسىرلارنىڭ كۆڭلى ئاۋۇندۇرۇلىدۇ. قەبرە باشلىرىدا دۇئا- تىلاۋەت قىلىنىدۇ؛ ⑤ نورۇز ئېشى ئېتىلىدۇ؛ ⑥ نورۇز سەيلىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ ⑦ تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ ⑧ يۇرت- يۇرتلاردا نورۇز مەشرىپى بولىدۇ؛ ⑨ كىشىلەر ئارا ياخشى تىلەكلەر تىلىنىپ مېھرىبانلىق تەرغىپ قىلىنىدۇ. كىشىلەر تەڭرىدىن بەرىكەت، ئاسايىشلىق تىلەيدۇ، زىددىيەت- ئارازلىقلار تۈگىتىلىپ، ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشكەن كىشىلەر ۋە ئەر- خوتۇنلار «ئۆتكەنگە سالىۋات» دەپ ئەپلىشىپ قالىدۇ.

نورۇز بايرىمى بارلىق كىشىلەر روھىي ئازادىلىككە، خۇشاللىققا چۆمۈلىدىغان، كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالىدىغان روھىيەت بايرىمىدۇر. قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى بۇ بايرامنى «كۆك مەشرىپى» سارا خەتمە (توغرىسى «زارا خەتمە») دېگەن ناملاردا ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. كىشىلەر مەسچىت ۋە ئۆي- ئۆيلەردە «نورۇز ئېشى» (ئۈندۈرمە) تەييارلاپ، «نەزىر» نامىدا نورۇزنى تەبرىكلەيدىغان ئادەت 80- يىللارغىچە داۋاملىشىپ كەلگەنىدى. يېقىنقى يىللاردا بۇ ئەنئەنە ئۇنتۇلۇپ، «كۆك مەشرىپى» لا ئانچە- مۇنچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. تارىخى ئۇزۇن، ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى زور، مەزمۇن خاسىيەتلىرى مول بۇ پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش ھەم ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش تولىمۇ زۆرۈر. بۇ خاسىيەتلىك «روھىيەت بايرىمى» نى ئەۋلادسېرى داۋاملاشتۇرۇش بىزنىڭ ھەم كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ۋىجدانىي بۇرچى. نورۇز بايرىمى ئىلگىرىكى زامانلاردا ھەپتە ئون كۈن ئۆتكۈزۈلگەن بولسا، ھازىر ئاساسەن 3- ئاينىڭ 21- كۈنى بىر كۈنلا ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ. نورۇز تەتقىقاتى ۋە تەشۋىقاتى چوڭقۇر ھەم ئىلمىي بولمىغانلىقتىن، نورۇز بايرىمى ئادەتتىكى كۈنلەردەكلا ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. تەتقىقات ۋە تەشۋىقات چوڭقۇرلاشسا، نورۇز بايرىمى ھەقىقىي ماھىيىتى بويىچە باشقىدىن ھاياتىي كۈچىنى، تارىخىي قىممىتىنى نامايان قىلىدۇ.
ئابلىز ئۆمەرھاجى
 ئاپتور: «قومۇل گېزىتى» ئىدارىسىدە

«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
----Comments(6)----
ئۇيغۇر (@uyghurs) | @ at 2017-05-28 00:16:
@izden ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم
ئۇيغۇر (@uyghurs) | @ at 2017-05-28 00:14:
بار
بەس بەس (@basbas) | @ at 2017-05-23 21:42:
@uyghurs رەھمەت كودلار توپلىمى بامۇ
ئۇيغۇر (@uyghurs) | @ at 2017-05-12 15:13:
بئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم بلوگداش بلۇگىڭىزنى ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلىتىشىڭزغا تىلەكداشمەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بۇلسىڭىز بىز تەرەپكە ئۇتۇڭ رەھمەت
ئىزدەن (@izden) | @ at 2017-05-06 07:54:
ياخشى تىمىلار ئۇزۇلمىسۇن
haztili (@haztili) | @ at 2017-03-21 05:03:
مۇشۇنداق ياخشى مەزمۇنلارنى ھەمبەھىرلىگىنىڭىزگە رەھمەت.
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى