شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

كۈندۈلۈك تۇرمۇشتاساقلىندىغان ئىشلىرڭىز

2018-03-12 01:39:06 -0400 مەزمۇن تۈرى:

كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا ساقلىندىغان ئىشلار

بەزىلەر جاۋاب قايتۇرماي، يەنە دوستلار چەمبىرىكى ئوينايدۇ
2018-03-11 中国维吾尔语广播CNRئېلىندى


تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇنلىغان بېكىتىلمىگەن قائىدىلەر بار، قائىدە دېگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە تەربىيە، نۇرغۇنلىغان ئىنچىكە ھالقىلاردا گەۋدىلىنىدۇ.

باشقىلارنى تەكلىپ قىلغاندا بىر كۈن بۇرۇن دېيىش كېرەك
(باشقىلارنىڭ ئۆز ئىشلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرىۋېلىشى، ئۆزىنىڭ سان توشقۇزۇش ئۈچۈنلا چاقىرىلغاندەك ھېس قىلماسلىقى ئۈچۈن)

توردا ئىزدەپ تاپقىلى بولىدىغان نەرسىلەرنى باشقىلاردىن سورىماسلىق كېرەك
(خىزمەتكە يېڭى كىرگەنلەر، ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك)

رەسىم ئوڭشىغاندا ئۆزىنىلا ئوڭشىماسلىق، دوستىنىمۇ ئوڭشاپ قويۇش كېرەك

ئۈندىداردا جاۋاب قايتۇرماي تۇرۇپ دوستلار چەمبىرىكىگە مەزمۇن چىقارماڭ
(يوللۇق ئەھۋاللاردىن سىرت)

ئۈچ ئادەم يولغا چىققاندا، بىر ئادەم ئاياغ بوغقۇچىنى باغلىغاندا، قالغان ئىككىيلەن ئۇنى ساقلىشى كېرەك.
قاتار تىزىلغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ پۇتىڭىزنى پۇتىڭىزنى سىلكىمەڭ.

KTVدا ئۆزىڭىز تەلەپ قىلمىغان ناخشا بولسا، ئېيتىشنى ئۇقسىڭىزمۇ تالىشىپ ئېيتماڭ ياكى ئەگىشىپ ئېيتماڭ.
(باشقىلارنى بىزار قىلىپ قويىسىز)


باشقىلار ئۇخلاۋاتقاندا «تىنچ» دېگەننى چۈشىنىشىڭىز كېرەك.

كىنو كۆرۈۋاتقاندا تىنچلىقنى ساقلاڭ.
(كىنونى چۈشەندۈرمەڭ، باشتىن-ئاياق كوتۇلداپ چىقماڭ)

قىزلارنى ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلغاندا، بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئېيتىپ قويۇڭ
(يېرىم سائەت بۇرۇن تەكلىپ قىلسىڭىز، يا بۇ تېز يوللانما ئېلىش بولمىسا)

مېترودا تۇتقۇچقا يۆلىنىۋالماڭ، باشقىلارنىڭ قولىنى قويىدىغان ئورۇنمۇ تاپالمايۋاتقانلىقىغا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن.

ياتاقتا ياكى ئاممىۋى سورۇنلاردا سىن كۆرگەندە، مۇزىكا ئاڭلىغاندا، ئويۇن ئوينىغاندا، تىڭشىغۇچ تاقاڭ!

سېمىز كىشىلەرنى ئىزچىل سېمىز دەپ چاقىرىۋەتسىڭىز كۆڭلىگە كەلمەيدۇ دەپ ئويلىماڭ.

«رەھمەت سىزگە»نى «رەھمەت»نىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇڭ.
(بىر سۆزلا ئارتۇق بولسىمۇ، نۇرغۇن سەمىمىيەت قوشۇلىدۇ)

سىزگە رەسىم كۆرسەتكەندە، ئۆزلۈكىڭىزدىن ئوڭ-سولغا سۈرۈپ ئارتۇقىنى كۆرمەڭ.

باشقىلار كومپيۇتېر (ئۈندىدار)نى ئىشلىتىۋاتقاندا، يېنىدا تۇرۇۋېلىپ ئۇلارنىڭ ئېكرانىغا قاراپ تۇرىۋالماڭ.

ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چەكمەڭ.
(ئىككىنچى قول تاماكىنىڭ زىيىنىغا جىمجىت ئۇچراۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدا دېمەسلىكى، ئىچىدە تىللىمىغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ)

يۆتەلگەندە، چۈشكۈرگەندە قولىڭىز بىلەن ئاغزىڭىزنى ئېتىۋېلىڭ.

نەرسە يېگەندە، سۇ ئىچكەندە ئىمكانقەدەر ئاۋاز چىقارماڭ، ئاغزىڭىز بىلەن ھەرخىل ئاجايىپ ئاۋازلارنى چىقارماڭ.

پۇل قەرز ئالسىڭىز ۋاقتىدا قايتۇرۇڭ، قايتۇرالمىسىڭىز ۋاقتىدا دەپ قويۇپ، قارشى تەرەپكە ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈڭ.

بىر توپتىكى كىشىلەرگە شۇ توپتىكى باشقا كىشىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ بەرمەڭ.

ئوپچە تاماق يېگەندە، يېيىشنى ياقتۇرمايدىغان كۆكتاتلارنى يېمىسىڭىزلا بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ئۆچلۈكىڭىزنى ئىپادىلەپ كەتمەڭ، بولمىسا يېيىشكە ئامراقلار ئۇنى قانداق يۇتىدۇ؟

ئوغۇل دوستىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ يېقىن دوستىغا تونۇشتۇرماڭ، يېقىن دوستىڭىز ياخشى كۆرمىسە، سىلەر ئايرىلىپ كېتىسىلەر، يېقىن دوستىڭىز ياخشى كۆرسە، سىلەر يەنىلا ئايرىلىپ كېتىسىلەر.

باشقىلار ئۆزىنى زاڭلىق قىلسا بولىدۇ، لېكىن سىز قوشۇلۇپ بەرسىڭىز بولمايدۇ.

تاماق ئۈستىلىدە، بىر خىل قورۇمىنى مەيلى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، لېكىن ئىزچىل شۇ قورۇمىنىلا يەۋەرمەڭ.

ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۆزىڭىز سۆيىدىغان ئادەمنى ئوڭايسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويماڭ.

باشقىلار مەخپىي نومۇر كىرگۈزگەندە كېتىڭ ياكى بېشىڭىزنى باشقا ياققا بۇرىۋېلىڭ

باشقىلار قورۇما ئېلىۋاتقاندا، ئۈستەلنى چۆرگىلەتمەڭ.

باشقىلارنىڭ سىزگە ياردەم بېرىشى يوللۇق دەپ قارىماڭ

ئۆچرەت تۇرۇۋاتقاندا، چېچىنى بوغىۋالغان دوستلار بېشىڭىزنى سىلكىپ ئوينىماڭ، چوڭ چاپانلارنى كىيگەندە بەك كۈچلۈك سىلكىمەڭ، سىرتمىسى كەينىدىكىلەرگە تېگىپ كەتمىسۇن.

ئۈندىدار توپىدا قىزىل بولاق ئەۋەتكەندە، تالىشىپلا ئەۋەتمەيدىغان، يەنە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدىغان ئىشنى قىلماڭ.

ئىككى ئادەم ياكى كىچىك دائىرىلىك يىغىلىشتا، بېشىڭىزنى تىقىپ يانفون ئويناپ تۇرىۋالماڭ.

باشقىلار سىزگە ئۇچۇر ئەۋەتسە چوقۇم قايتۇرۇڭ، پاراڭلاشقۇڭىز كەلمىسە چىراي ئىپادىسى ياكى تىنىش بەلگىلەر بىلەن بولسىمۇ ئەگىتىپ دەپ قويۇڭ.

دەرھال قايتۇرۇش – كىشى قەلبىنى ئەڭ ئىللىتىدىغان ئىقتىدار، باشقا بىرى يوق.

باشقىلارنىڭ رازىلىقىنى ئالمايلا، ئۇلارنىڭ يانفونىنى كۆرمەڭ.

باشقىلار سىزگە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى سۆزلەۋاتقاندا، سىز ياخشى كۆرمىسىڭىزمۇ لېكىن رەددىيە بەرمەڭ.
(باشقىلارنىڭ ياقتۇرۇشنى بۇزۇش ئىنتايىن ئەخلاقسىز قىلمىش)

www.uycnr.com

«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
----Comments(1)----
بەس بەس (@basbas) | @ at 2018-03-12 01:43:
سىلەر ئۇچۇراتقان مۇشۇنداق ئىشلار يەنە بامىكەن
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى