شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

كىمگە ياتلىق بۇلۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر بەختلىك بۇلالايدىغان قىزلار

2018-04-14 15:40:33 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر
كىمگىلا ياتلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بەختلىك بولالايدىغان قىزلار
2018-04-15 pishikam سالۇندىن ئېلىندى



بەزىلەر مېنىڭدىن قانداق تىپتىكى يىگىتلەرنى ياقتۇرىسىز، دەپ سورايدۇ. بۇ ۋاقىتتا مەن دەماللىققا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالىمەن.
بەلكىم مەن ئۇ مېنى يۈدىگەندە، «نېمانداق سەمىرىپ كەتتىڭىز» دېسىمۇ، كۆڭلۈم يېرىم بولمايدىغان، ئۇ مېنى «ئورۇقلىمىسڭىز قەتئىي بولمىغۇدەك» دېسىمۇ، كۈلگۈم كېلىپلا تۇرىدىغان يىگىتنى ياخشى كۆرسەم كېرەك...

بەزىلەر چېچىڭىزنى قويىۋەتكەندىكى ھالىتىڭىزنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىلەر چېچىڭىزنى بوغۇۋالغاندىكى ھالىتىڭىزنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىلەر گىرىم قىلغاندىكى قىزلارنى ياخشى كۆرسە، يەنە بەزىلەر گىرىمسىز قىزلارنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىلەر تېخى كۆينەك كىيىدىغان قىزلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
بىراق مەن ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ياقتۇرۇشى ئۈچۈن ئۆزۈمدە بار بولغان خاراكتېرنى ئۆزگەرتىشنى ئويلاپ باقمىدىم. چۈنكى مەن ئۆزۈم بولۇشنى ياقتۇرىمەن، مەيلى ئىشتان ياكى كۆينەك بولسۇن، ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشنى، ئۆزۈمگە لايىق گىرىم قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن.

چۈنكى قانچىلىغان كىشىلەر مەيلى چىن بولسۇن ياكى ساختا بولسۇن، ياشلىق ۋاقتىڭىزدىكى شوخلۇقىڭىزنى ياخشى كۆرۈپ، گۈزەللىكىڭىزدىن سۆيۈنگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرگەن شۇ بىردىنبىر ئادەم ساپ قەلبىڭىزنى، ھەتتا يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، قورۇق باسقان يۈزىڭىزنى ياخشى كۆرىدۇ. مەنمۇ ھامىنى شۇنداق بىر ئادەمنىڭ ئۇچرايدىغانلىقىغا، مېنىڭ ئەسلىدە بار بولغان ھالىتىمنى ياخشى كۆرىدىغان بىرسىنىڭ ئۇچرايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

سۆيۈملۈك قىز، ئۇرۇق-تۇغقان، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئالدىرىتىشى، يېشىڭىزنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قىلىشى، بالىلىق بولۇش شۇنداقلا شارائىت ۋە باشقىلارنىڭ قارىشى ئۈچۈنلا توي قىلماڭ، چۈنكى، سىز چوقۇم ئەرزىيىدىغان ئادەم ئۈچۈن توي قىلىشىڭىز كېرەك.
ئەگەر ئاشۇ ئادىمىڭىزنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمىسىڭىز، ئۇنداقتا، سوغۇققان بولۇڭ. كىشىلىك ھاياتتىكى بىردىنبىر مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان ئىش، دەل سىز بىلەن ئاخىرقى ئۆمرىڭىزنى بىرلىكتە ئۆتكۈزىدىغان كىشىدۇر.
دۇنيادا پەقەت توي قىلىدىغان مۇھەببەت بار، توي قىلىدىغان ياش يوق.
مەنمۇ ھەم سىزنىڭ كەلگۈسىدە مەيلى كىم بىلەنلا توي قىلىڭ، چوقۇم بەختلىك بولالايدىغان قىز ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىمەن.
مەنبە:http://www.nur.cn/news/2018/04/473546.shtml
ساغلام پىسخىكىڭىز پاكيولدىن باشلىنىدۇ



سىز ئۈچۈن تەييارلىغان مەزمۇنلار سىزگە ياققان بولسا ئەجرىمىز ئۈچۈن
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى