شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

كىم بار ئىدى ئەدەبىي شئېر

2018-05-09 14:00:04 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر

كىم بار ئىدى

كۆزۈڭدىن ئاققۇزغان ياشنى كۈتۈشكە كىمىڭ باركىن؟!
يۈرەكتىن سىرغىغان قاننى سۈرتۈشكە كىمىڭ باركىن؟!
يىغلايسەن ئۆزۈڭ يالغۇز، تۆت ئەتراپ بىخەۋەردۇر،
قەلبىڭگە بىللە كىرىپ تىترەشكە كىمىڭ باركىن؟!
قاپقارا بۇلۇت بىلەن كېلىدۇ چاقماق ئۈنى،
سەن ئۈچۈن ئوچۇق ئاسمان تىلەشكە كىمىڭ باركىن؟!
قىينالسا زەئىپ تېنىڭ جاھاننىڭ بۇرجىكىدە،
زارىڭغا ئات چاپتۇرۇپ كېلىشكە كىمىڭ باركىن؟!
مۇڭلانغان تۇيغۇ ئۈچۈن يىگانە تۇرۇپ قالساڭ،
كۆزۈڭدىن، ئاۋازىڭدىن سېزىشكە كىمىڭ باركىن؟!
سىقىلدى مىسرالىرىڭ، يۈرىكىڭ بوغۇلغاندەك،
ئىلھامدىن مەيىن شامال بېرىشكە كىمىڭ باركىن؟!
دوستلۇققا ئىشەنچ باغلاپ، يۈرەكنى يېرىپ بەرسەڭ،
ئىچىگە تاتلىق ھەۋەس تېرىشكە كىمىڭ باركىن؟!
ئۇيقۇدا قارا چۈشلەر، ئويغانساڭ سوغۇق خىيال،
كۆڭۈلگە ۋىسال بىرلە كىرىشكە كىمىڭ باركىن؟!
ئاخىرقى تامچە يېشىڭ كىرپىكتە قۇرۇپ كەتسە،
شۇ نۇرسىز كۆزلەر ئۈچۈن كۆيۈشكە كىمىڭ باركىن؟!
قولۇڭدا قەلەم تۇرماي سىلكىنىپ يېتىپ قالساڭ،
يۈرەكتىن بىرەر مىسرا تىزىشكە كىمىڭ باركىن؟!
ئاداققى نەپىسىڭدە چاقىرساڭ كىملەرنىدۇر،
شۇ زامان ئالدىڭدىلا ئۈنۈشكە كىمىڭ باركىن؟!
ساقلىدىڭ بەكمۇ ئۇزاق، چىقمىدى سىرداش يۈرەك،
يىگانە ئۆتۈپ كەتسەڭ ئەسلەشكە كىمىڭ باركىن؟!
خەندان بول، ئىزلەپ يۈرمە ئەتراپتىن دەرتكە داۋا،
ئۈمىدىڭ قالۇر پەستە، ئىزلەشكە كىمىڭ باركىن؟؟؟؟؟

چارچىغان دىللارغا بىر مۇڭ

*********************

ئېلان قۇبۇل قىلمىز

«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى