شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئوقۇسىڭىز پايدىلىق سېسىق گەپلەر

2018-12-09 23:30:35 -0500 مەزمۇن تۈرى:

ناخشا ئاڭلىغاچ تېما كۈرۈڭ 👆

سىزگە پايدىلىق «سېسىق» گەپلەر






بۈگۈن ھەل قىلالمىغان ئىشقا بەك جىددىيلىشىپ كەتمەڭ، بەرىبىر ئەتىمۇ ھەل قىلالمايسىز.

پۇلىڭىز بولمىسىمۇ كارايىتى چاغلىق، چۈنكى پۇلنىڭ دەردىنى تارتىدىغان كۈنىڭىز تېخى ئالدىڭىزدا.

ئورۇقلايمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ، سەتلىكىڭىز سېمىزلىكىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

پۇل تېپىش بىر خىل قابىلىيەت، پۇل خەجلەش بىر خىل تېخنىكا؛ مېنىڭ قابىلىيتىم چەكلىك، لېكىن تېخنىكام يۇقىرى.

سىز پەقەت ھەر كۈنى بوشاشماي تىرىشىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، پوزىتسىيەرىڭىزنى توغرىلاپ، قىيىنچىلىققا چىدىسىڭىزلا، ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلىگەنلەر ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئالىدۇ.



مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالغان چاغدا، نۇرغۇن ياشلار پۈتۈن دۇنيا مەندىن ۋاز كەچتى دەپ ئويلايدۇ. ئەخمەقلىق قىلماڭ، ئەمەلىيەتتە، دۇنيانىڭ ھېچقاچان سىزگە ھاجىتى چۈشۈپ باقمىغان.

سەت ئۆردەك چۈجىسىنىڭ ئاققۇغا ئايلىنىشى ئۇنىڭ قانچىلىك زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەسلىدىنلا ئاققۇ بولغانلىقىدا.

«ئەگەر مەن سەت، نامرات، پاكار ھەم دۆت بولغان بولسام، مېنى يەنىلا سۆيەمسىز؟» «تولا قوۋورغامنى ئەگمەڭ، سىز ئەسلىدىنلا سەت، نامرات، پاكار ھەم دۆت تۇرسىڭىز».

ھېچكىم غايىڭىزنى مازاق قىلمايدۇ، كىشىلەر پەقەت ھالىڭىزنى مازاق قىلىدۇ.

دۈشەنبە ئۇنچە يىرگىنىچلىك ئەمەس، يىرگىنىچلىكى سىزنىڭ خىزمىتىڭىز.

كۈن يەنە كەچ بولدى. قانداقراق تۇرىۋاتىسىز؟ غايىڭىز تېخىمۇ يىراقتا قالدى شۇنداقمۇ؟

ئالتۇن نەگىلا بارسا نۇر چاچىدۇ، تاش نەگىلا بارسا نۇر چاچمايدۇ.

نۇرغۇن چاغلاردا، ئۈمىدۋار پوزىتسىيە ۋە قۇلاققا خوش ياقىدىغان گەپلەرنىڭ سىزگە ياردىمى تەگمەيدۇ.

ھېگېل مۇنداق دېگەن: ئىنسانلار تارىختىن قوبۇل قىلغان بىردىن بىر ساۋاق شۇكى، ئىنسانلار ئەزەلدىن تارىختىن ساۋاق ئېلىپ باققان ئەمەس.

ياشلىقىمنى ئەسلەپ باقسام، نۇرغۇن قىممەتلىك نەرسىلىرىمدىن ئايرىلىپ قاپتىمەن. بىراق بۇنىڭدىن ئۆكۈنمەيمەن، چۈنكى، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەردىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىمنى بىلىمەن.

كۈز پەسلى مول ھوسۇل پەسلى، باشقىلار ئېرىشكەن ھوسۇل مۇۋەپپەقىيەت ۋە خوشاللىق. سىز ئېرىشكەن ھوسۇل بولسا، ھەممىلا ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ۋە خوشاللىقتىن ھوسۇل ئېلىۋەرمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىڭىز.

ئاتا-ئانام ئىزچىل ماڭا بولغان ئەخلاق تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن، ئاتا-ئانامنىڭ قىلغان تەربىيەلىرى بويىچە كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىميۇ، ئۆزۈمنىڭ خەقنىڭ كۆزىگە سىغمايدىغانلىقىمنى بايقىدىم.

ئەڭ ئىشەنچىلىك نەرسە پۇل، ئەڭ ئىشەنچىسىز نەرسە ئادەملەر.

ياشلار قانداق ياشايدۇ؟ ئەڭ يۇقىرى تەبىقىدىكى ياشلار ئارقا كۆرۈنۈشىگە تايىنىدۇ، ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىغان 2-دەرىجىلىك ياشلار مۇناسىۋەتكە تايىنىدۇ، 3-دەرىجىلىك ياشلار تالانتىغا تايىنىدۇ، 4-دەرىجىلىك ياشلار تىرىشچانلىقىغا تايىنىدۇ، 5-دەرىجىلىك ياشلار قۇرۇق گەپ سېتىش، ياڭزا چىقىرىش، پوس(摆pose) چىقىرىپ رەسىمگە چۈشۈش، خەققە خۇشامەت قىلىپ جان بېقىش بىلەن كۈن ئالىدۇ. ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ياشلار توردا ئويۇن ئويناش، توخو يېيىش، ئىككى قولىنى بۇرنىغا تىقىپ ساياھەت قىلىش، چەتئەل تىياتىرلىرىنى كۆرۈش بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ.

تىرىشىپ باقماي تۇرۇپ ئۆزىڭىزگە «مەن ئۇ نەرسىلەرگە مۇھتاج ئەمەس» دېيىشنىڭ ئازابى «جان تىكىپ تىرىشىشتىن كېيىن مەغلۇب بولۇش»نىڭ ئازابىدىن كۆپ يىنىك.

يانچۇق توم بولغاندىلا، كۆڭۈل ئاندىن جايىغا چۈشىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا بۇ ئىككى ھادىسىنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغان.

باشقىلارنىڭ غەلبىسىگە تاماشىبىن بولۇش سىزنىڭ ھاياتىڭىز، خەق سىزىپ بەرگەن يولدا مېڭىش سىزنىڭ تەقدىرىڭىز.

مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇۋەپپەقىيەت پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ، ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ياكى تاسادىپىي كومىدىيەلىك پۇرسەتكە يولۇقۇپ قېلىشتىن بولغان ئەمەس بەلكى، ئاللىبۇرۇن بېكىتىلىپ بولغان ئارقا كۆرۈنۈش(كېلىپ چىقىش) ۋە يۈكسەك تالانتنىڭ تۈرتكىسىدە ۋۇجۇدقا چىققان.



كىچىك بالا كاتتا بايدىن سورىدى: تاغا، سىز نېمىشقا بۇنچە باي؟ باي مۇنداق جاۋاب بەردى: بالام، مەن ساڭا بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرەي. ناھايتى كىچىك چېغىمدا، ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدا بىر قۇتا مېنىرال سۇنىڭ 1 كويغا سېتىلىدىغانلىقى، ئۈچ بېكەت نېرىدىكى ۋاسكىتبول مەيدانىدا 1 كوي 5 موغا سېتىلىدىغانلىقىنى بايقىدىم. شۇنىڭ بىلەن چوڭ سومكىدىن بىرنى ئېسىپ، پەستىكى دۇكاندىن سۇ سېتىۋېلىپ، ۋاسكىتبول مەيدانىغا ئاپىرىپ بىر قۇتىسىنى 1 كوي 2 مودىن ساتتىم. شۇنداق قىلىپ، بىر ئايدا ئون كوي تاپتىم. ئۇ بالا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ: ھە مۇنداق دەڭ، مەن بىر نەرسىنى بىلگەندەك بولدۇم» دېيىشىگە، ھېلىقى باي مۇنداق دېدى: نېمىنى بىلدىڭ تۈكباش؟ ھېكايەم تېخى تۈگىمىدى، كېيىن دادام تۈگەپ كېتىپ پۇللىرى ماڭا قالدى.

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ روھىي كېسەل ئەمەس بەلكى مېيىپ. داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ.

تىرىشىشتىن كېيىنكى مۇۋەپپەقىيىتىڭىز، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىن بۇرۇن تارتقان ئازابىڭىزنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ.

بۈگۈن تۇرمۇش سىزنى ئالدىسا، قايغۇرماڭ، يىغلىماڭ. چۈنكى ئەتە تۇرمۇش سىزنى داۋاملىق ئالدايدۇ.

پات-پات باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن «پالانىنىڭ ماڭا قانداق گېپى بولسا يۈزۈمگە دېسە بولمامدۇ، نېمىشقا كەينىمدىن گەپ تاپىدۇ» دەپ قاقشاشلىرىنى ئاڭلاپ قالىمەن. بەزى ئادەملەر بۇنىڭغا ئىشىنىپ قالىدۇ. بىراق، مېنىڭ ئەمەلىيىتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خەقنىڭ ئالدىدىلا ئۇلارنىڭ يامان گېپىنى قىلىش ئۇلارنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدۇ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئوسال قىلىدۇ. شۇڭا، خەقنىڭ يامان گېپىنى چوقۇم كەينىدىن قىلىش كېرەك.

ئەمەلىيەتتە قايسى قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىش بەك ئويلىشىپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس، بەرىبىر ئۇرۇش-جېدەلدىن قۇتۇلالمايسىز. پەرقى شۇكى، بەزىلەر چىرايلىقراق قىزلار بىلەن ئۇرۇش-جېدەل قىلىۋاتىدۇ.

ئەسكى ئاياللار ئەرلەردىكى پۇل ۋە ھوقۇقنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياخشى ئاياللار ئەرلەردىكى پۇل ۋە ھوقۇقنىڭ تۈرتكىسىدە پەيدا بولىدىغان ئۆزىگە ئىشىنىش، كەڭ قورساقلىق، زېھنىي قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرۇش، ئۈمىدۋار ھالدا يۇقىرى ئۆرلەش قاتارلىق خىسلەتلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنى ئوخشىمىغان يولدا مېڭىپ ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشىش دەمدۇق؟

ئۆز-ئارا ياردەمدە بولۇپ، بىر بىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان مۇناسىۋەت، ھېلىقىدەك كۈنبويى بىللە ھاراق ئىچىپ، پو ئېتىپ، قۇرۇق گەپ سېتىشىپ، يول چىڭداپ ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان دوستلۇقتىن كۆپ ئەۋزەل.



ھەممە ئادەم ھەۋەس قىلىدىغان ئاشۇ قابىل كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئەمەلىيەتتە سىز تەسەۋۋۇر قىلغاندىكىدەك ئۇنچە ياخشى ئەمەس. بىراق سىزدىن خېلىلا نوچى ياشايدىغىنى راست.

يا پۇلى يوق يا ئىش-ئوقىتىنىڭ تاينى يوق ئادەمنىڭلا مەنىۋىيىتىنى بېيىتىشقا ۋاقتى چىقىدۇ.

ياش ۋاقتىمدا ئۆزۈمگە بولغان تونۇش كامچىل ئىدى. بىر تۇرۇپ ئۆزۈمنى ئاجايىپ ئىقتىدارلىق، قالتىس چاغلايتىم، يەنە تۇرۇپ ئۆزۈمنى قولىدىن ھېچئىش كەلمەيدىغان، ئادەتتىكىلا بىر ئادەمدەك ھېس قىلاتتىم. كېيىن چوڭ بولۇپ، بېشىمدىن جىق ئىسسىق-سوغۇق ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆزۈمنى ئاستا-ئاستا تونۇشقا باشلىدىم، شۇندىلا، ئۆزۈمنىڭ ئەسلىدە قولىدىن ھېچئىش كەلمەيدىغان، ئادەتتىكى ئادەم ئىكەنلىكىمنى بايقىدىم.

جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ تەتقىقاتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پۇلى يوق ھەم كۆرۈمسىز ئەرلەر كېلىشكەن، باي ئەرلەردىن ئىشەنچىلىك ئەمەس.

ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ جورىسى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ياراتمايدۇ، تېخىمۇ ياخشىسىنى تاپالمىغان گەپ. ئۇلار يارىتىدىغان ئادەم باشقا.

ئۇنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتى ئاستا-ئاستا يوقايدۇ، بىراق ئۇ سىزگە ئېلىپ بەرگەن ئۈنچە-مارجانلارنىڭ قىممىتى چۈشمەيدۇ.

ئىلگىرى مۇنبەردە بىر قىزنىڭ: نېمىشقىكىن تاڭ، ھەر قېتىم سەت ئوغۇللار ماڭا قارىسا، ئىچىمنى بەك ئېلىشتۈرىدۇ، ئۇلار ماڭا بەك رەزگى بىلىندۇ. لېكىن كېلىشكەن ئوغۇللار ماڭا قارىسا باشقىچە يايراپ كېتىمەن، دەپ يازغىنىنى كۆرگەن ئىدىم. يېقىندا يەنە بىر ئوغۇل ساۋاقدىشىمنىڭ: مەن ئۆزۈمنىڭ چىرايلىق قىزلارغا تالىشىپ تۇرۇپ ياردەم قىلىدىغانلىقىمنى، ئۆزلىكىمدىن ئۇلارغا نېمە لازىملىقىنى سورايدىغانلىقىمنى، لېكىن سەت قىزلار مەندىن ياردەم سوراپ قالسا، ئۆزىڭىز قىلالمامسىز؟ دەپلا گەپنى ئۈزىدىغانلىقىمنى بايقىدىم، دەپ يازغانلىقىنى كۆردۈم. راست گەپ مانا مۇشۇنداق بولىدۇ.

ئەخلاق بىلەن پىرىنسىپ گەرچە مۇھىم بولسىمۇ، دائىم مەنپەئەتكە يول بوشىتىدۇ.

پۇلنىڭ گېپى چىقسىلا، ئاۋالقىدەك كەڭ-كۇشادە پاراڭلىشالماي قالىمىز.

سىز شۇنچە تىرىشىپ، شۇنچە كۆپ قىيىنچىلىق ۋە يالغۇزلۇققا چىدىغان بولسىڭىزمۇ بىزگە ئانچە مۇنەۋۋەر بىلىنمىدىڭىز.

ھايات شۇنداق، كۈلكە بولغانىكەن، يىغىمۇ بولىدۇ. بىر قىسىم كىشلەر كۈلۈشكە مەسئۇل، قالغان بىر قىسىم كىشىلەر يىغلاشقا مەسئۇل.

نۇرغۇن كىشىلەر تۇرمۇشنى ياخشىلاش كويىدا توختىماي پىلان تۈزۈپ، ھەر كۈنى ئېغىر بېسىم ئىچىدە ياشايدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەيلى قانداقلا ياشىماڭ بەرىبىر پۇشايمان قىلىسىز. ئىشەنمىسىڭىز ئۆتۈپ كەتكەن نەچچە ئون يىللىق ھاياتىڭىزغا قاراپ بېقىڭ.

پات-پات ئەينەككە قاراپ بەرسىڭىز، بەزى ئىشلارنىڭ تېگىگە يېتەلەيسىز.

كچىك ۋاقتىمدا دائىم بايلار بەك زوراۋان، قارا نىيەت دەپ ئويلايتتىم. چوڭ بولۇپ بايقىدىمدىكى، نۇرغۇن بايلارنىڭ بىلىدىغانلىرى كۆپ، بېشىدىن كۆپ ئىسسىق-سوغۇق ئۆتكەن بولۇپ، ناھايتى ئەستايىدىل، كەڭ قورساق، ئۆزىنى تۇتىۋالغان كېلىدىكەن. ئۇلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىش نامراتلارغا قارىغاندا ئاسانكەن.

تۈزۈك چىرايى يوق ئادەمنىڭ ئەخلاقىمۇ دېگەندەك ياخشى بوپكېتەلمەيدۇ. لېكىن، ئۇزۇن ۋاقىت غېرىبلىق ۋە زېرىكىشنىڭ دەردىنى تازا تارتقان بولغاچقا، بەزىدە باشقىلارغا ساراڭلارچە ياخشى مۇمائىلە قىلىدۇ.

«ياخشىمۇ سىز مۇئەللىم، ماڭا ئوخشاش داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن ئارقا كۆرۈنۈشى يوق ستۇدېنتلار ئۆزىمىزنى قانداق دەڭسىشىمىز كېرەك؟» «جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكىلەر ئارىسىدىكى مەدەنىيەت سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى بىر تۈركۈم كىشىلەر».

ئەگەر سىز ئىشنى باشقىلاردىن جىق قىلىپ تۇرۇپمۇ، يەنە باشلىق مېنى ئەتىۋارلىدى دەپ قالغان بولسىڭىز، ئۇ چاغدا سىزنى قولىدىن ئىش كېلىدىكەن دېگەندىن كۆرە، باشلىقىڭىزنى ئادەم باشقۇرۇشقا ئۇستىكەن دېگەن تۈزۈكراق.

مەن ئالدىراش دېگەنلىك، ۋاقتىمنى سىزدىن مۇھىم كىشىلىرىمگە ئېلىپ قويدۇم دېگەنلىك.

سىز پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن قىلغان ئىشنى باشقىلار ئوينىغاندەكلا پۈتتۈرىۋېتىشى مۇمكىن.

سىتىۋ جوبىس مۇنداق دەيدۇ: زىيادە ئالدىراش بولىشىڭىزنىڭ ئىككى خىل ئېنىقلىمىسى بار، يا سىز راست بەك مۇھىم ئادەم، يا بولمىسا سىز بەك ئاجىز، سىزگە قىلغۇدەك ياخشىراق ئىش يوق، تۇرمۇشىڭىز بەك ناچار بولغاچقا، ئامالسىزلىقتىن تىرىشچانلىقىڭىزغا تايىنىپ، بولۇمسىزلىقىڭىزنىڭ ئورنىنى تولدۇرماقچى بولىسىز، ھەم شۇ ۋەجىدىن ئۆزىڭىزنى بەك مۇھىم چاغلىۋېلىپ، زىيادە ئالدىراش قىياپەتكە كىرىۋالىسىز.

بەزى كىشىلەرنىڭ كەيپيات بۆلۈمچىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغاچقا، ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى ياخشى ئالالماي، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ھالىتى بىلەن دۇنياغا يۈزلىنىدۇ.

ھاياتتىكى ئەركىنلىك ۋە چەكسىز مۇمكىنچىلىك ھەممىسى خاتا سېزىم. ھەر بىر ئادەم جەمئىيەتنىڭ بېسىمى، يېقىن ئادەملىرى ۋە ئۆزى تەرىپىدىن قاتتىق قىسماققا ئېلىغلىق بولغاچقا، ھەر كۈنى ئۆزى چوقۇم قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلارنى قىلىش بىلەن پايپېتەك بولىدۇ.

ۋىجدانىنى سېتىش يۈز تۆكۈلگىدەك ئىش ئەمەس، ياخشىراق باھادا ساتالماسلىق يۈز تۆكۈلىدىغان ئىش.

30 ياشقا كىرىپ ئاندىن بىلدىمكى، گەپنى ئادەمگە بېقىپ قىلىش، ئوخشىمىغان ئادەملەرگە ئوخشىمىغان تەلەپپۇزدا گەپ قىلىش ساختىلىق ياكى ناچارلىق ئەمەس، بەلكى ناھايتى قىممەتلىك قابىلىيەت ھېساپلىنىدىكەن.



قىزلار بايۋەتچىلەرگە زاپاس چاق بولۇشقا رازىكى، يالاڭتۆشلەرگە ھەرگىز يېقىن يولىمايدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ئادىتى ھېچبولمىغاندا گىن جەھەتتە بولسىمۇ ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلالىغان. شۇڭا قىزلارنى رېئالىزمچى دەپ تىللىماڭلار.

داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرگەن ئاشۇ ستۇدېنتلارغا ھېسىداشلىقىم بار. چۈنكى، ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا قولغا كەلتۈرگەن غەلبىسى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇنلىرىنىڭ ئۆمرىدە ئېرىشكەن ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيىتى بولۇپ قالغان.

بەزىدە باشقىلار بىزنى خاتا چۈشىنىپ قالغانمىدۇ دەپ قالىمىز، ئەمەلىيەتتە بىزنى ئۆزىمىز خاتا چۈشىنىپ قالغان.

ئادەملەرنىڭ بەزىدە سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشى ئۇلارنىڭ سىزنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. ئۇلار پەقەت كىشىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى ياقتۇرىدۇ.

خاۋكىڭ مۇنداق دەيدۇ، ئەگەر دۇنيا تەڭپۇڭ بولسا، ھازىرقى رەڭگارەڭ دۇنيا بارلىققا كەلمىگەن بولاتتى. ئەكىسچە ھەممە يەر قالايمىقانچىلىققا تولغان بولاتتى. دۇنيانىڭ ئادىلسىزلىقى نورمال ھالەت. بۇنى قوبۇل قىلىڭ

مەزمۇنلار ياققان بولسا ئىنكاس ئورنىغا قاراپ قۇيۇڭ

«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
----Comments(2)----
بەس بەس (@basbas) | @ at 2018-12-09 23:46:
ئاق كاتەكچە بار يەرگە جۇمۇ ئەخمەتجان
بەس بەس (@basbas) | @ at 2018-12-09 23:46:
ئاق كاتەكچە بار يەرگە جۇمۇ ئەخمەتجان
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى