شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

باشقىلار سىز ئۈچۈن مەڭگۈ قىلىپ بىرەلمەيدۇ

2018-12-17 10:53:13 -0500 مەزمۇن تۈرى: ساغلاملىق ئۇچۇرى
دۇنياغا داڭلىق «ئالـما» شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھۇم ستېۋجوبس ئەللىك ئالتە يېشىدا مەزى بېزى راكى بىلەن قازا قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ سەكراتتىكى ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدۇر، ئوقۇپ ئويلىنىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ:
سودا دۇنياسىىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى چوققىسغا چىقالىغان مەن باشقىلارنىڭ نەزىرىدە مۇۋەپپىقىيەتلىك ھاياتنىڭ روشەن نامايەندىسى، لىكىن مىنىڭ خىزمەتتىن باشقا زوقلىنىدىغان نەرسەم تازا ئوبدان بولـمىدى. بايلىق، مەن كۆنۈپ قالغان ھاياتنىڭ بىر رئىاللىقى بوپتۇ ئاخىر.
شۇ تاپتا مەن كىسەل كارۋىتىدا يىتىپ پۈتۈن ھاياتىمنى ئەسلەپ چىقىپ، مەن شۇ قەدەر پەخىرلىك ھىس قىلغان بارلىق نام-ئاتاق ۋە بايلىقنىڭ ئۆز جۇلاسىنى يوقاتقانلىغىنى، مىنى يۈتۈپ كىتىش ئالدىدا تۇرغان ئۆلۈمنىڭ ئالدىدا ئەھمىيەتسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالغانلىغىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم!
سەن، بىراۋنى ياللاپ ماشىناڭنى ھەيدەتكۈزەلەيدىكەنسەن، ئۇنىڭغا ئۆزۈڭ ئۈچۈن بايلىق يىغقۇزالايدىكەنسەن، ئەمما بىراۋنى ياللاپ ئاغرىق ئازاۋىڭنى ئۇنىڭغا يۆتكىيەلـمەيدىكەنسەن.
ماددى نەرسىلەرنى تاپقىلى بولىدىكەن، لىكىن يوقالغىنىدا تاپقىلى بولـمايدىغان بىر نەرسە بار ئىكەن ئۇ بولسىمۇ دەل «ھاياتلىق» ئىكەن.
بىر ئادەم ئوپىراتسىيەخانىغا ئېلىپ كىرىلگەندە ئۆزىنىڭ «ساغلام ھايات» دىگەن كىتاپنى ئوقۇپ تۈگەتمىگەنلىگىنى ھىس قىلىدىكەن.
شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە بىز ھاياتىمىزنىڭ قايسى باسقۇچىدا بولـمايلى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن رېسقىمىز تۈگەيدىغان بىر كۈننى كۈتۈۋالىدىكەنمىز.
شۇڭا ئائىلەڭگە، جۈپتۈڭگە ۋە دوستلىرىڭغا بولغان سۆيگۈنى چوقۇم قەدىرلە!
ئۆزۈڭنى ياخشى كۈت، باشقىلارنى ئىززەتلە.
چوڭ بولغانسىرى، ئەقىل تاپقانسىرى 30 دوللارلىق سائەت بىلەن 300 دوللارلىق سائەتنىڭ ئەمىليەتتە ئوخشاش بىر ۋاقىتتىن مەلۇمات بىرىدىغىنىنى، مەيلى 30 دوللارلىق ياكى 300 دوللارلىق ھەميان كۆتۈرۈپ يۈرەيلى، ئىچىدىكى پۇلنىڭ سوممىسى ئوخشاش ئىكەنلىگىنى، مەيلى بىز 150 مىڭ دوللارلىق ماشىنا ھەيدەيلى ياكى 30 مىڭ دوللارلىق ماشىنا ھەيدەيلى، باسىدىغان مۇساپىنىڭمۇ، يول ھەم مەنزىلنىڭمۇ ئوخشاش بولىدىغانلىغىنى، مەيلى بىز 300 ياكى 3000 كۇۋادىرات مىتىرلىق ئۆيدە ئولتۇرايلى، ھېس قىلىدىغان تەنھالىقنىڭ ئوخشاش بولىدىغانلىغىنى ئاستا ئاستا تونۇپ يىتىدىكەنمىز،
شۇڭغا مال دۇنيا پۇل دەپ كىشگە ئازار بىرىپ كىتشنىڭ زۈرۈيتى يۇق پەقەت ئىنسانغا ئەڭ چۇڭ بايلىق تەڭ ساقلىق خاتىرجەم تۇرمۇش
پۇل مال دۇنيا ئۈچۈن ئۆزمىزنى ئۇنتۇپ قالساق كىيىن ئۆزڭىزنىڭ بىخۇتتا ئۆتكۈزگەن كۈنڭىزگە ئەپسۇسلىنسىز،

مەزمۇن تەييارلىغۇچى

«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى