شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئۈزىڭىزنى بەك يوقىرى ئورۇنىغا قويماڭ،ھەم تۈۋەن ئورۇنغىمۇ قويماڭ

2019-02-19 05:51:14 -0800 مەزمۇن تۈرى:
1. كەڭ قورساقلىق ۋە سەۋر-تاقەتنى ئەرزىمەيدىغان ئادەملەرگە ئىشلەتمەڭ، چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ تۆۋەن چېكىنى ساقلاڭ.

2. بەزىدە، كەمسۆز ئەخمەق بولسىڭىز بولۇڭكى، ئالدىراپ ئېغىز ئېچىپ ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك دۆت ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلاپ يۈرمەڭ.

3. گېپى بەك ئاز ئادەملەرگە دىققەت قىلىڭ، كاللىسى ئاددىي بولمىسىلا، چوقۇم ئىنتايىن مۇرەككەپ ئادەم.

4. كىشىلىك ئالاقىدە قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك، باشقىلارغا تايىنىشنى مەڭگۈ ئويلىماڭ، ئەگەر سىزنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارىڭىز بولسا بۇ ئۇنىڭ سىرتىدا.

5. ئۆزىڭىزنى بەك تۆۋەن چاغلىۋالماڭ، ھەم بەك يۇقىرىمۇ چاغلىۋالماڭ.





6. سىز مەڭگۈ باشقىلارنىڭ ياخشى ئادەم ياكى ئەسكى ئادەملىكىگە ھۆكۈم قىلالمايسىز، لېكىن ئۆزىڭىزنىڭ ياخشى ئادەم بولۇشىغا تامامەن قۇربىتىڭىز يېتىدۇ.



7. كۆڭلىدە ئىزچىل ئۆزىنىڭ خىيالى ۋە كۆز قارىشى قاچىلانغان ئادەم مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلەلمەيدۇ، ئاڭلىيالمايدۇ.

8. ئادەم چوقۇم ئۆزىگە ئىشىنىشى كېرەك، لېكىن ئۆزىگە تەلۋىلەرچە ئىشىنىشكە بولمايدۇ، ئادەم كەمتەر بولۇشى كېرەك، لېكىن زىيادە كەمتەرلىكتىن ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويسا بولمايدۇ.

9. ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلالىسىڭىز، ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىنى كونترول قىلالايسىز.

10. ئىشىكنى بوش ياپىدىغان، يول ماڭغاندا ئاۋاز چىقارمايدىغان ئادەم ئارىلىشىشقا ئەرزىيدۇ، بۇنداق ئادەملەر ھەمىشە كۆڭلى ئىنچىكە، باشقىلار ئۈچۈن ئويلايدىغان كېلىدۇ.







11. مۇھەببەتلەشكەندە دوستلىرىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋەتمەڭ، بولمىسا مۇھەببىتىڭىز ئاخىرلاشقاندا سىز مۇھەببەتنىڭ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى بايقايسىز.

12. بىر ئادەمنىڭ پەزىلىتىنىڭ قانداقلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دوستلىرىغا قارىسىڭىزلا بىلەلەيسىز.

13. ئاددىي ئىشلارنى تالاش-تارتىش قىلماسلىق، مۇرەككەپ ئىشلارغا باش قاتۇرماسلىق، خاپا بولغاندا گەپ قىلماسلىق، ئاچچىقلانغاندا قارار چىقارماسلىق كېرەك.

14. ھەممە ئادەم قىلىۋاتقان ئىشنى سىز قىلمىسىڭىز خاتا قىلغانلىقىڭىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

15. مەيلى قانچىلىك جىددىي ئىشىڭىز بولسۇن، ئامال بار باشقىلارنىڭ گېپىنى ئۈزۈۋەتمەڭ.







16. كىملا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بەك تېز چىقىشىپ كەتمەڭ، بولۇپمۇ خىزمەت مەيدانىدا. دەسلەپتە نېمىشقا بالدۇرراق تونۇشمىغاندىمەن دەپ ئويلايسىز، لېكىن نۇرغۇن ۋاقىتلاردا نۇرغۇن نەرسىلەرگە ساختىلىق ئارىلاشقان بولىدۇ.

17. باشقىلارنىڭ ئالدىدا قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان گەپنى باشقىلارنىڭ كەينىدىنمۇ قىلماڭ.

18. باشقىلارنىڭ يېغىرىغا تەگمەڭ، كەمچىلىكىنى ئاچماڭ، ئامال بار قارشى تەرەپنى ماختاڭ.

19. ھەر قانداق ئەھۋالدا باشقىلارنى سىنىماڭ، چۈنكى ئادىمىيلىك بەك ئاجىز كېلىدۇ، سىناققا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئاسانلا قارشى تەرەپنىڭ ئەپتى–بەشرىسى ئېچىلىپ قالىدۇ.

20. باشقىلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، چوقۇم جاۋاب قايتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، بۇنداق بولغاندا قارشى تەرەپنىڭ ياردىمىگە داۋاملىق ئېرىشەلەيسىز.

«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى