شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ھايات ھېكىمتى

2019-06-01 09:24:39 -0400 مەزمۇن تۈرى:




01



پاكىزە بىر ئىستاكان سۇغا بىر تېمىم مەينەت سۇ تېمىپ كەتسە، بىر ئىستاكان سۇنى بۇلغايدۇ. بىر ئىستاكان مەينەت سۇغا بىر تېمىم پاكىزە سۇنىڭ تېمىشى بىلەن ئۇ سۈزۈلۈپ قالمايدۇ.



02



دۇنيادىكى ئۈچ خىل نەرسىنى ھېچكىم تاتىۋالالمايدۇ: ئاشقازانغا كىرىپ بولغان ئاش، قەلىبتىكى ئارزۇ، ئۈگىنىپ بولغان بىلىم.



03



ئات يۇمشاق تۇپىدا ئاسانلا كاردىن چىقىدۇ، ئادەم شېرىن-شېكەر سۆزلەر ئىچىدە يىقىلىدۇ.



04



دۇنيادا تىراگىدىيە بىلەن كومىدىيەنىڭ پاسىلى بولمايدۇ. تىراگىدىيەدىن قۇتۇلۇپ چىقسىڭىز بۇ دەل كومىدىيە، كومىدىيەگە مەپتۇن بولۇپ ئۇنىڭدىن چىقالمىغىنىڭىزنىڭ ئۆزى تىراگىدىيەدۇر .



05



كىتاب ئوقۇمىسىڭىز، بىلىم ئالمىسىڭىز نەچچە مىڭ چاقىرىم يول ماڭسىڭىزمۇ سىز يەنىلا پوچتالىيۇندىن باشقا نەرسە ئەمەس.



06



قوشنىڭىز كېچە سائەت ئىككىدە پىيانىينو چالسا ئاچچىقىڭىز كەلمىسۇن. سىز سائەت تۆت بىلەن ئۇنى ئويغىتىپ، «چالغان مۇزىكىڭىزدىن بەكمۇ ھوزۇرلاندىم» دېسىڭىز بولىدۇ.



07



ئەگەر سىز ساقلاپلا تۇرغان بولسىڭىز، يۈز بېرىدىغان نەتىجە قېرىشتىن باشقىسى بولمايدۇ.





08




ھەقىيقى دوست كۈندە بىللە بولۇپ، تۈگىمەس پاراڭلارنى قىلىشىدىغانلار ئەمەس، بەلكى بىر ئېغىز پاراڭلاشمىسىمۇ قىلچە ئەجەپلىنەرلىك ھېس قىلمايدىغانلاردۇر.



09



ۋاقىت قەلىب جاراھەتلىرىنى داۋالايدىغان ئەڭ ياخشى دوختۇر بولسىمۇ، مەسىلە ھەل قىلىدىغان ماھىر بولالمايدۇ.



10



قىلىپ پۇشايمان قىلىشقا رازىمەنكى، قولدىن بېرىپ قويۇپ پۇشايمان قىلمايمەن.
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى