شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

يېشىل ئورگانىك ئوغۇت تەييارلاش

2019-06-22 21:07:22 -0400 مەزمۇن تۈرى: پايدىلنىش ئۇچۇرى
بىئو باكتىرىيىلىك ئورگانىك ئوغۇت ياساش جەريانى ۋە تېخنىكىسى
بىر توننا بئو باكتىرىيىك ئوغۇت ياساش ئۈچۈن 700كىلوگرام قىغ ،300كىلوگرام شاخ-شۇمبىلىق قوشۇمچە ماتېرىيال. 20 كىلوگرام قوناق ئۇن ،2 كىلو قار شىكەر ، 1 كىلو تۇز ،5-15 كىلو ئورىيا، قوتاندا تۇرغىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقان كونا،قېتىپ كەتكەن قىغ بولسا ئاۋۋال نەمدەپ بىرە سائەتتىن كېيىن سوقۇپ ئۇششاقلاپ يۇمشىتىمىز ،مۇشۇنداق كونا ، قاتتىقراق قىغلارغا ئورىيا كۆپرەك قوشۇلىدۇ ، يېڭى قىغ بولسا ئازراق، 2 كىلو مىكروپ تەييارلىنىدۇ . ئوغۇت دۈملەيدىغان يەرنى تاللاپ بېكىتىمىز ، يەر سېمونت ياكى سۇ سىڭمەيدىغان قاتتىق يەر بولسا ئاستىغا سولىياۋ سالمايمىز ،سۇ سىڭىدىغان يەر بولسا سولىياۋ سالىمىز ، ئۈستىگە يېپىلىدىغان سولىياۋ تەييارلايمىز.

بىئو باكتىرىيىلىك ئورگانىك ئوغۇت ياسايدىغان قىغ ھەر قانداق كۈل ، توپا ئارىلاشمىغان پاكىز ،يېڭى بولغىنى ياخشى . بۇنداق بولغاندا ئوغۇت ياخشى ئېچىپ سۈپەتلىك تەييارلىنىدۇ ،توپا ، كۈل ئارىلىشىپ قالغان قىغ نەمدىگەندە لاي بولىۋېلىپ ئوغۇت سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ ، ئاك بىلەن دېزىنفىكسىيە قىلىنغان قوتاننىڭ قىغى بولسا ئاھاك ئارىلاشقان قىغنى نەمدەپ قويۇپ 2-3 سائەتتىن كېيىن ياسىسا بولىدۇ .
قىغ تەييار بولغاندىن كېيىن، قوشۇمچە ماتىرىياللارنى بىر سانتى چوڭلۇقتا ئۇششاقلاپ تەييارلىۋالىمىز . ئاندىن قارا شىكەرنى قىززىق سۇدا ئېرىتكەندىن كېيىن ، سۇ سەل سوۋۇغاندا مىكروپنى ئارلاشتۇرىمىز .( ئورىيا بىلەن تۇزنى خۇرۇچقا ئارىلاشتۇرساقمۇ ياكى قوناق ئۇنى بىلەن ئوغۇتنىڭ قات-قېتىغا قۇرۇق ئۇن چاچقاندەك تەكشى چاچساقمۇ نولىدۇ ) سۇغا سالىدىغان بۇ خۇرۇچلارنى قىغنى نەمدەشكە يەتكىدە سۇغا ئارىلاشتۇرپ سۇ تەييارلايمىز . ئاندىن تەييارلانغان قىغ بىلەن قوشۇمچە ماتىرىيالنى ، تەييارلىغان سۇنى ۋە قۇرۇق خۇرۇچلار ( قوناق ئۇن ، قارا شېكەر ، ئورىيا قاتارلىقلارنى ) قىغنىڭ قات-قېتىغا تەكشى چېچىپ تۇرۇپ ئارىلاشتۇرىمىز .
دۈملىنىدىغان ئوغۇتنىڭ ئىگىزلىكى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1.5 مىتىر ، ئاستىنىڭ كەڭلىكى 1.5-2 مېتىرغىچە ، ئۇزۇنلۇققا چەك قويۇلمايدۇ .( يەر شارائىتىغا ئاسەسەن قىغنى دۆۋلەش شەكلى ھەر خىل بولسا بولىدۇ ) .بارلىق ماتىرىياللارنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئۆلچەملىك قىلىپ تېخنىكىلىق تەلەپ بويىچە مەشخۇلات قىلىپ دۆۋىلەپ دۈملەيمىز . 2-3 كۈندىن كېيىنلا قىغنىڭ ئارىسى قىززىشقا باشلاپ 60-70- گىرادوس قىزىيدۇ، دۈملەنگەن ئوغۇتنى 5 كۈندە بىر قېتىم ئارىلاشتۇرۇپ، نەم كاللەك بولىۋالغان ياكى قۇرغاق يەرلىرىنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئارىسىغا ئوكسىگىن كىرگۈزۈپ دۇملەپ قويىمىز. سىللىتسىيە 10 گىرادۇستىن يۇقىرى تىمپىراتۇرىدا 15كۈندە نورمال ئېچىپ ، بارلىق تەركىپلىرى تولۇق، تۇراقلىق بولغان قۇۋەتلىك، سۈپەتلىك ، تەننەرقى تۆۋەن، ئۈنۈمى يوقىرى بولغان بىئو باكتىرىيىلىك ئورگانىك ئوغۇتقا ئايلىنىدۇ . بۇ خىل بىئو باكتىر ىيىلىك ئورگانىك ئوغۇتنى ياساش تېخنىكىسى ئالاھىدە بولۇپ ، ئېچىتىدىغان ماتىرىيالنىڭ ئوتگانىك ماددىسى مول ، ئيچىتقۇ خۇرۇچى ئۆزگىچە ، ئېچىش ۋاقتى قىسقا ،زەھەرسىز ، سېسىق پۇرىقى يوق ، ئوغۇتلۇق كۈچى يوقىرى ، ئورگانىك ماددىسى مول ، تەركىپىدىكى پايدىلىق مىكرو ئورگامىزىملارنىڭ تۈرى ۋە سانى كۆپ . ئوغۇتنىڭ تۈرلۈك تەركىپلىرى تۇراقلىق بولۇپ ، ئوغۇت پىشقاندا ئىشلەتسىمۇ ياكى ئۈستىنى يېپىپ ساقلاپ قاچانلا ئىشلەتسە بولىۋېرىدۇ . بۇ خىل بىئو باكتىرىيىلىك ئوغۇن بىلەن يەرنى ئوغۇتلىسا ، قېتىپ كەتكەن ، شورلىشىپ كەتكەن ، قۇملىشىپ كەتكەن ، ئۈنۈمىنى يوقاتقان تۇپراقلارنى ئوڭشايدۇ ، يەرنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرىدۇ ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىممونىتيت كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، ساغلام ، تىمەن ، باراقسان ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . كىسەللىك ۋە زىيانساش ھاشارەتلەرنىڭ زىيىنىنى ئازايتىپ ۋە يوقىتىپ ، سۈپەتلىك ، زىيانسىز ، يوقىرى مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىپ ،كۆڭۈلدىكىدەك ئىقتىزادى ۋە ئىجتىمائى ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ .
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
----Comments(2)----
بەس بەس (@basbas) | @ at 2019-06-23 02:57:
@basbas
بەس بەس (@basbas) | @ at 2019-06-22 21:40:
مانا بۇغداي ئۇاۋاتەىز

mana bugday orwatmiz
ئونسۇ ناھىيەسى ئىشلەمچى يېزا سۈگەتئېرىق كەنىتتە بىردانە زەنجىر تاپانلىق بۇغداي ئۇرۇش كۇمبايىن بار
شوپۇر ئۇستام:ياسىنجان مىجىت
ئورنى سۈگەتئېرىق كەنىت 3-مەھەللە ئونسۇ قىزىل قارماي يۇلىنىڭ 6كىلومىتىرلىق بۈلۈكىدە

13239032157
18097773529
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى