شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

باشقىلارغا ھەۋەس قىلىشنىڭ ئۈزى بىر ئاخمانىي ئىش

2019-07-07 02:11:26 -0400 مەزمۇن تۈرى: بەس-مۇنازىرە





باشقىلارغا ھەۋەس قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق
بىر يىگىت ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا كۆل بويىغا كېلىپ، شىددەت بىلەن ئېقىۋاتقان كۆل سۈيىگە قاراپ، سۇغا سەكرەش-سەكرىمەسلىكىنى ئويلىشىپ تۇرۇپ قاپتۇ. كۆل بويىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر مويسىپىت بوۋاي بۇ يىگىتنى كۆرۈپ قاپتۇ، بوۋاي ئۇنىڭدىن:

ـــ يىگىت، ساڭا نېمە بولدى؟ ـــ دەپ سوراپتۇ. يىگىت ئاھ ئۇرۇپ تۇرۇپ بوۋايغا:

ـــ مەن ئوتتۇز ياشقا كىرىپ قالغان بولساممۇ، ئەمما ھېچ ئىشتا نەتىجە قازىنالمىدىم. ئايالىم بولسا بىر ساراڭنىڭ ئۆزى، دائىم مېنى باشقىلارغا يەتمەيسەن دەپ كوتۇلدايدۇ. ياشىغىنىمنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى قالمىدى، مېنىڭ راستتىنلا داۋاملىق بۇنداق تۇرمۇش كەچۈرگۈم يوق، ـــ دەپتۇ. بوۋاي:

ـــ ئۇنداقتا، سەن نىمە ئۈچۈن ھېچ ئىشتا نەتىجە قازىنالمىدىڭ؟ ـــ دەپ سوراپتۇ. يىگىت يېرىم كۈن تۇرۇپ كېتىپ:

ـــ قابىلىيەتسىزلىكىمدىن بولسا كېرەك، ـــ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

ـــ ئۆزۈڭنىڭ ئارزۇسىنى ماڭا دەپ باقساڭ بولامدۇ؟ بەلكىم مېنىڭ ئارزۇيۇڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇڭغا ياردىمىم تېگىپ قېلىشى مۇمكىن، ـــ دەپتۇ بوۋاي. يىگىت بۇ چاغدا:

ـــ ئەسلىدە مېنىڭ ئىككى ئارزۇيۇم بار ئىدى، بىر توققۇزى تەل باي بولۇش، يەنە بىر بولسا چىرايلىق بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىش، ـــ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.



ـــ ھا ھا ھا، بۇ ئىشلار ناھايىتى ئاسانغۇ! سەن مەن بىلەن ماڭ! ـــ دەپتۇ بوۋاي.

يىگىت بوۋايغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىر باي ئائىلىسىگە كېلىپتۇ، بۇ باينىڭ داچىسى شۇنداق چىرايلىق بولۇپ، يىگىتنىڭ تولىمۇ ھەۋىسى كېلىپتۇ. ئەمما، ئۆينىڭ ئىچىدىكى كىشىنى كۆرۈپ، يىگىت ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قاپتۇ. بۇ زادى قانداق ئادەم؟ چىرايلىرى تاتارغان، ئورۇقلۇقىدىن سۆڭەكلىرى ياغاچتەك بولۇپ قالغان كىشى بولۇپ، ئۇلار ئۇنى كۆرگەن چاغدا، ئۇ كارىۋاتتا جان تالىشىپ ياتقان بولۇپ، توختىماستىن يۆتۈلۈۋاتاتقانىكەن. بوۋاي يىگتىكە:

ـــ ئۇ بىر ئۆمۈر بايلىقنى قوغلاشتى، ھازىر پۈتۈن بەدىنى كېسەل بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى ئۇنىڭ بىلەن كارى يوق، يەنە تېخى ئۇنىڭ بالدۇرراق ئۆلۈشىنى، تېزراق ئۇنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ـــ دەپتۇ.



باينىڭ ئۆيىدىن قايتىپ چىققاندىن كېيىن، بوۋاي يىگىتىنى يەنە بىر ئائىلىگە باشلاپ بېرىپتۇ. ئۇ يەردە ناھايىتى چىرايلىق بىر ئايال بار ئىكەن. ئۇلار بارغان چاغدا، ئۇ ئايال دەل خىزمەتكارلارغا ئاچچىقلاۋاتقان بولۇپ، ئېغىزىدىن سەت گەپلەر توختىماستىن چىقىۋاتاتتى، ياندا تىڭشاپ تۇرغان ئۇلارمۇ داۋاملىق ئاڭلاشقا چىدىيالمايۋاتسا، خىزمەتكارلار قانداق چىداۋاتقاندۇ؟ ئۇ يەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بوۋاي يىگىتكە:

ـــ سەن ئۆزۈڭنىڭ ئىككى ئارزۇسىدىن خالىغان بىرىنى تاللا، مەن سېنى مۇرادىڭغا يەتكۈزىمەن! ـــ دەپتۇ.يىگىت بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ:

ياق، ماڭا ھېچقانداق نەرسە لازىم ئەمەس! چۇنكى مەن ھېچنەرسەمنىڭ كەم ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم، ـــ دەپتۇ.

قومۇل ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن گۈلخېنىم نىياز تەرجىمىسى

مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

ئىنكاس يېزىشڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز

«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى