شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئىبرەتلىك ھېكايە

2019-09-01 10:00:03 -0400 مەزمۇن تۈرى: بەس-مۇنازىرە
ئىبرەتلىك ھىكايە
دەرەخنىڭ ھىكايىسى

دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى بىر تۈپ قارىياغاچقا تۆمۈر چەمبىرەك ئورنىتىپ كالا باغلاپتۇ. قارىياغاچ چوڭايغانسېرى تۆمۈر چەمبىرەك ئۇنىڭ غولىغا پېتىپ كېتىپتۇ. شۇ يىلى غەلىتە بىر خىل ئۆسۈملۈك ۋاباسى يامراپ، نەچچە ئون كىلومېتىر دنائىرىدىكى قارىياغاچلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇپ كېتىپتۇ. پەقەت ھېلىقى تۆمۈر چەمبىرەك ئورنىتىلغان قارىياغاچلا شۇ پېتى تۇرۇپتۇ. نېمىشقا مۇنداق بولىدۇ؟

بوتانىكلار بۇنىڭغا قىزىقىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قارىياغاچنىڭ غولىغا پاتقان تۆمۈر چەمبىرەك ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىنى بايقاپتۇ. قارىياغاچ داتلىشىپ چىرىگەن تۆمۈر چەمبىرەكتىن زور مىقداردىكى تۆمۈر ماددىسىنى سۈمۈرۈۋالغاچقا، دەرەختە تۆمۈر ماددىسىنى ئېشىپ كەتكەن.  بۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا ئامېرىكىنىڭ بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدا يۈز بەرگەن ھەقىقىي ۋەقە بولۇپ. بۇ قارىياغاچ ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ مىچىگان شىتاتى بىيۇرا ناھىيىسى ئەتراپىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىدا كۆكلەپ تۇرماقتا.

دەرەخلا ئەمەس، ئادەملەرمۇ شۇنداق.

ھاياتىمىزدا بەلكىم ھەر خىل ئازاب - ئوقۇبەتلەرگە ئۇچرىشىمىز مۇمكىن، لېكىن بۇ زىيان - زەخمەتلەر ھاياتلىقنىڭ ئوزۇقلۇقىغا ئايلىنىپ، ئادەمنى ئىرادە، قەيسەرلىك، ھاياتىي كۈچ ۋە ئۈمىدكە تولدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، زەخىملىنىشتىن ھوشيارلىقىمىز ئۆسۈپ قايمۇقۇشتىن خالى بولىمىز.

ھېچكىم ھاياتىڭىزدا بىكاردىن- بىكار پەيدا بولۇپ قالمايدۇ. ھەربىر ئادەم سىزگە ئالاھىدە سوۋغىلارنى تەقدىم قىلىدۇ. سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم سىزنى تەسىرلەندۈرىدۇ، سىزگە تۆھپە قوشۇشنى ئۆگىتىدۇ، ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم سىزگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىدۇ، ئۆزىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىش پۇرسىتى بېرىپ، سىزنى پىشىپ يىتىلدۈرىدۇ.

شۇڭا، ئازار يېگەن بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنى ئازابلىدى دەپ قارىغان كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىڭ. ئۇلار سىزنى بارغانسېرى ئالغا ئىلگىرلىتىدۇ.

ھايات مەيلى ئوڭۇشلۇق بولسۇن ياكى ئوڭۇشسىز بولسۇن، بارلىق كەچمىشلەر چوقۇم ئۆگىنىدىغان دەرستۇر.
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى