شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

سېغىندىم تۇققانلار

2019-09-21 03:34:20 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر
*********************
سېغىنغاندا بارالمىدىم تۇققانلار
كۆڭلۈڭلارنى ئالالمىدىم تۇققانلار
ئېيتىڭلارچۇ مەن نىمىشقا سىلەردەك
كۈيۈمچان بولۇپ يارالمىدىم تۇققانلار
XXXXXXXXXXXXXXXXXXX

تەلمۈردىڭلار ھېيىت ئايەمدە يۇلۇمغا
سېغنماقمۇ ئوخشايدىكەن زۇلۇمغا
نىمە دەرمەن ئەمدى خوشنا -خۇلۇمغا
تۇقان تۇرۇپ ئۇيالمىدىم تۇققانلار
XXXXXXXXXXXXXXXXXXX

باھانىسى تولا بولغاچ يىراقنىڭ
توسىلاركەن يولى نەزىر-چىراقنىڭ
ئەستىن چىقتى ھالى ئاغرىق سىلاقنىڭ
ھالىڭلارنى سورالمىدىم تۇققانلار
XXXXXXXXXXXXXXXXXXX

بەش بارماقتەك بىر ئىگىز بىرى پەس
سىلەرنىڭ ھال كۈنۈڭلارمۇ تەڭ ئەمەس
بىرى ياخشى بىرىڭلارنىڭ كۈنى تەس
تەسكە ھەمدەم بۇلالمىدىم تۇققانلار
XXXXXXXXXXXXXXXXXXX
سېغىنغاندا بارلمىدىم تۇققانلار
ھالىڭلارنى سورالمىدىم تۇققانلار
*********************
*********************

قېرىنداشلار توپىغا تەغدىم

«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى