شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

بىر ئادەمنى تۇنۇش ئاسان ئەمەس

2020-01-02 01:28:51 -0500 مەزمۇن تۈرى: بەس-مۇنازىرە
بىر ئادەمنى پۈتۈنلەي چۈشىنىش ئاسان ئىش ئەمەس، ئۇنداقتا ئادەملەرنى قانداق تونۇيمىز؟ ھازىرقى زاماندا تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلسىڭىزلا قارشى تەرەپنىڭ ھەقىقىي ھالىتىنى تونۇپ يېتەلەيسىز.

1.پايدا مەنپەئەتكە بولغان تاللىشى

پايدا مەنپەئەت ئالدىدا نۇرغۇن كىشىلەر نىقابىنى ئېلىۋېتىدۇ، پايدا مەنپەئەت ئېزىقتۇرۇشى ئالدىدا چىقارغان قارارىغا قاراپ قارشى تەرەپنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېنىق تۇتۇپ يېتەلەيسىز. ئەگەر بىر ئادەم پايدا مەنپەئەت ئۈچۈن ۋىجدانىدىن، دوستلۇقىدىن، تۇغقانلىرىدىن كېچەلىسە، بۇنداق ئادەمگە ئىشىنىشكە سىز جۈرئەت قىلالامسىز؟ بۇنداق ئادەملەردىن كۈچىمىزنىڭ بارىچە يىراق تۇرغىنىمىز ياخشى، ئاراڭلاردا مەنپەئەت توقۇنۇشى بولۇپ قالسا ئۇ چوقۇم سىزگە ئازار بېرىدۇ. بىر ئادەم پايدا-مەنپەئەت ئالدىدىمۇ ئۆزىنىڭ پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرالىسا، ئۆزىگە قويغان ئەخلاق نىزاملىرىغا ئەمەل قىلالىسا، توغرا قىممەت قارىشى ئارقىلىق ئۆزىنى توغرا يولغا باشلىيالىسا، ئۇنداقتا بۇ ئادەم ھەرگىزمۇ مەنپەئەتنىلا كۆزلەيدىغان ئادەم ئەمەس بەلكى ئىنتايىن ئالىي جاناب، ئېسىل خىسلەتلىك كىشىدۇر. ئېسىل كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ھەققانىيەت ۋە ۋىجدان ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، مەنپەئەت ئۈچۈن ئەخلاقىغا زىت كېلىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ، پەس كىشىلەر ھەممە نەرسىنى مەنپەئەت بىلەن ئۆلچەيدۇ، دائىم ئەخلاققا زىت ئىشلارنى قىلىدۇ، ئۆزىنى باشقۇرۇشنى ئەسلا بىلمەيدۇ.





2. ئورنى تۆۋەن ئادەملەرگە قىلغان مۇئامىلىسى

ئۆزىدىن يۇقىرى ئورۇندىكىلەرگە تەخسىكەشلىك قىلمايدىغان، ئۆزىدىن تۆۋەن ئۇرۇندىكىلەرگە چوڭچىلىق قىلمايدىغان ئادەملەر ئېسىل ئەخلاقنى يېتىلدۈرگەن بولىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىدىن يۇقىرى ئورۇندىكىلەرگە خۇشامەت قىلىپ، ئۆزىدىن تۆۋەن ئورۇندىكىلەرنى بوزەك قىلىپ، ئۇلارغا چوڭچىلىق قىلىپ كۈن كەچۈرسە، ئۇنداقتا بۇ ئادەمنىڭ ئەخلاقى-پەزىلىتى ئاللىبۇرۇن گۇمران بولغان بولىدۇ. پەزىلىتى ئۈستۈن كىشىلەر يامانلاردىن قورقمايدۇ، ياۋاشلارنى بوزەك قىلمايدۇ، مەيلى كىملا بولمىسۇن ئۇنىڭغا ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. بىز ھەممىمىز ئادەتتىكى ئادەملەر، ئۆزىمىزگە يەتمەيدىغان ئادەملەرنى كۆرگەندە ئۆزىمىزنى ئۇلاردىن بىر قەۋەت ئۈستۈن ھېس قىلىمىز، ئەگەر ئۆزىنى يۇقىرى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ باشقىلارغا مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلالىغان ئادەم چوقۇم ئاقكۆڭۈل، پەزىلەتلىك، ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ئادەمدۇر.



3. ئائىلىسىدىكىلەرگە بولغان مۇئامىلىسى

ھەر قانداق مۇناسىۋەتتە يېڭى تونۇشقان ۋاقىتلار ئەڭ گۈزەل، ئادەملەر ناتونۇش ئادەملەرگە ياخشى تەسىر قالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، بىز دائىم ياخشى خۇلقىمىزنى خەخكە، ئەسكى خۇلىقلىرىمىزنى ئائىلىدىكىلىرىمىزگە قالدۇرۇپ قويىمىز، پىسخىكا ئىلىمىدە بۇ ئىنتايىن نورمال ھادىسە، شۇڭلاشقا ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەر قانداق ئەھۋالدا ياخشى مۇئامىلە قىلالىغان، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، خۇشاللىقىغا ئورتاقلىشالىغان ئادەم چوقۇم ئېسىل پەزىلەتلىك كىشىدۇر. ئەگەر بىر ئادەم ئائىلىدىكىلىرىنى خىزمەتچى ئورنىغا ئىشقا سېلىپ، ئۇلارغا ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرسە بۇنداق ئادەملەر بىلەن ئەڭ ياخشىسى مۇناسىۋەت ئورناتمىغان ياخشى. مەيلى قانداق ۋاقىتتا ئائىلىسىدىكىلەرنى چىن دىلىدىن ھۆرمەت قىلالىغان، ئۇلارغا ئىززەت بىلەن گەپ قىلىپ قىلالىسا بۇنداق ئادەم چوقۇم مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا باي ئادەمدۇر.




4. بەرگەن ۋەدىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى

ئېغىزدىن چىققان سۆز ئېتىلغان ئوققا ئوخشايدۇ، بەرگەن ۋەدىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن بىر ئادەمنىڭ قانداقلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم لەۋزىنى ئالتۇندىن قىممەت بىلسە، بەرگەن ۋەدىلىرىنى جېنىنىڭ بارىچە ئەمەلگە ئاشۇرالىسا ئۇنداقتا بۇ ئادەم چوقۇم ئىشەنچلىك. ئەگەر بىر ئادەم خالىغانچە ۋەدە بېرىۋەرسە، ۋەدىنى بېرىپ قويۇپلا ئېسىدىن چىقىرىۋېتىپ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىنى قىلىۋەرسە ئۇنداقتا بۇ ئادەم باشقىلارنىڭ ئىشىنىشىگە ئازراقمۇ ئەرزىمەيدۇ. ۋەدىسىگە ۋاپاسىزلىق قىلىدىغان ئادەم، سەمىمىيەتسىز ئادەم قۇرۇق بىناغىلا ئوخشايدۇ، پەقەت ئىشىنىشكە ئەرزىمەيدۇ، لەۋزىدە تۇرۇش ئادىمىيلىكنىڭ ئەڭ تۈپكى ئاساسىدۇر.

بىر ئادەمنى ھەقىقىي تونۇش ئاسان ئىش ئەمەس، يۇقىرىقى نۇقتىلارنى ياخشى ئېسىڭىزدە تۇتۇۋالسىڭىز باشقىلارنى ئاسانلا تونۇۋالالايسىز. ھايات يولىدا ھىيلە ئىشلىتىپ باشقىلارنى تونۇشنىڭ ھاجىتى يوق، يۇقىرىقى ئاماللارنى ئىشلىتىڭ.
[图片]
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى