شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

چىس پاستىسنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان ئورنى كۆپ

2020-08-11 08:02:00 -0400 مەزمۇن تۈرى: ساغلاملىق ئۇچۇرى

چىش پاستىسى تۇرمۇشتا يەنە نۇرغۇن ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ
1. تېرىنىڭ ئازراق يېرى زەخمىلەنسە ياكى كۆيۈپ يارىلانسا، ئازراق چىش پاستىسى سۈركەپ قويسا، تېزلا قاننى ۋە ئاغرىقنى توختىتىدۇ، ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2. كىيىملەرگە ماي يۇقۇپ داغ بولۇپ قالغاندا، داغ ئورۇنغا ئازراق چىش پاستىسى سۈركەپ، يېنىك ئۇۋىلاپ سۇ بىلەن يۇسا داغ چىقىپ كېتىدۇ.
3. ھەرە، پاشا، چايان چېقىۋالغاندا، چىش پاستىسىنى سۈركەپ قويسا ئىشىقنى ياندۇرۇپ ئاغرىقنى توختىتىدۇ.
4. بېلىق تازىلىغاندا قول سېسىق پۇراپ قالىدۇ. بۇ چاغدا ئالدى بىلەن قولنى سوپۇنداپ يۇيۇپ، ئاندىن چىش پاستىسىنى سۈركەپ، بىردەم ئۇۋىلاپ يۇيۇۋەتسە، سېسىق پۇراق تېزلايوقايدۇ.
5. پۇت سېسىق پۇرىسا ۋە پۇت بارماقلىرى قىچىشسا، چىش پاستىسىنى ئازراق سىقىپ پۇت بارماقلىرىغا سۈركىسە، پۇت پۇراشنى ھەم قېچىشىشنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.


6. قىش پەسلىدە قول، يۈزلەر يېرىلغاندا، يېرىلغان ئورۇنغا چىش پاستىسى سۈركەپ قويسا تېزلا ساقىيىپ كېتىدۇ.
دورىلىق چىش پاستىسىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى دورىلىق چىشپاستىسىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە ئېغىز بوشلۇقىدىكى كېسەل پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيىلەرنىڭ دورىغا قارشى كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىنن بەلكى ئېغىز بوشلۇقىدىكى پايدىلىق باكتېرىيىلەرنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپ ساندىكى دورىلىق چىش پاستىسى تەركىبىدە بىئو ئىشقار ۋە غىدىقلاغۇچى ماددىلار بولغاچقا، ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنى زەخمىلەندۈرىدۇ.
شىنجاڭ گىزىتىدى ئىلىندى
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى