شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ناۋاي دادا ئاسپىرانت بالا [مىكرو ھېكايە ]

2015-04-11 04:32:59 -0400 مەزمۇن تۈرى:
ناۋاي دادا ئاسپىرانت بالا
[مىكرو ھېكايە ]
ئا.جۇدۇن
دادا ناۋاي ئىدى . ئۇ ،گۈلدەك ھۈنىرى بىلەن بىر ئائىلىنى بېقىپ كەلدى. ئۇ ،ھاياتىدا
كەچكى شەپەقتە پېتىۋاتقان قۇياشتەك دۈپ -دۈگىلەك ، قىپقىزىل ، چوڭ-چوڭ نانلارنى ، كېچىدە تولۇنئايدەك پارقىراپ تۇرغان گىردىلەرنى ، كۆپ-كۆك ئاسماندا جىمىر-جىمىرلاپ تۇرغان
سانسىز يۇلتۇزلاردەك ئوماق توقاچلارنى ياققىچە، تالاي-تالاي قېتىم باش-كۆزلىرىنى ‹‹ ئۈتلەپ››
كەتكەنلىكى ئېسىدىمۇ يوق ئىدى . كېچە-كۆندۈز پەقەت ئېسىدىن چىقمايدېغىنى ، يالغۇز ئوغلىنى ۋايىغا يەتكىچە ئوقۇتۇش . ئىدى .............................................................
باشلانغۇچتا :
- بالام، تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان ۋاقىت بوپتۇ ، دەيتتىدە ، تېلېۋىزۇرنى ئۆچۈرۈپ ، قولىغا بىر پارچە گېزىتنى ئېلىپ ،ئوغلىغا روبىرو ئولتۇراتتى .
تولۇقسىزدا:
-بالام ، تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان ۋاقىت بوپتۇ ،دەيتتىدە ، تېلېۋىزۇرنى ئۆچۈرۈپ ، قولىغا بىر ژۇرنالنى ئېلىپ ،ئوغلىنىڭ يان تەرىپىدە ئولتۇرۇپ زور قىزىقىش بىلەن كۆرەتتى .
تولۇق ئوتتۇرىدا :
-ئوغلۇم، تاپشۇرۇقلىرىڭنى ئىشلىۋال دەپ، بالىنىڭ قۇلاقلىرىدىكى تىڭشىغۇچلارنى ئېلىۋېتىپ
قولىغا بىر روماننى ئېلىپ دېرىزىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ تازا ئىشتىياق بىلەن ‹‹ ئوقۇيتتى ››. ئاتا ئۆيدە بارلىكى چاغلاردا مۇشۇنداق قىلاتتى .
ئالى مەكتەپتە:
ئاتا ئالى مەكتەپكە ئەلىيۇلئەلا بولۇپ ئۆتكەن ئوغلىدىن چەكسىز پەخىرلەنسىمۇ ، ئەسلى ئادىتى بويىچە پات-پات تېلىفۇن قىلىپ: -ئوغلۇم ، ناشتا قىلىشنى ئۇنتۇما ، ئوقۇشىڭنى ياخشى
ئوقۇ ! دەپ تاپىلاشنى پەقەت ئۇنتۇپ قالمايتتى .
دوختۇرخانىدا :
ئوغلى چەتئەلدىكى ئوقىشىنى تۈگىتىپ ،دوختۇرلۇق كەسپىنى قولىغا ئالدى. چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان ئاتا-ئانا مۇراد-مەقسەتلىرىگە يەتتى . بىر كۈنى توساتتىن، دوختۇرخانىدىن تېلىفۇن كەلدى . دادا ئۇچقاندەك يېتىپ باردى . ‹‹ سوقۇر ئۈچەي›› سەۋەبىدىن ،ئوغۇلنى جىددى
ئوپىراتسىيە قىلىشقا توغرا كەلگەنىدى . جەدىۋەلگە قول قويىدىغان چاغدا دادا ساۋاتسىز چىقىپ قالدى. ئوغۇلنىڭ يامغۇردەك تۆكۈلگەن ياشلىرى ‹‹ بوۋاي›› نىڭ ساقاللىرىدىن سىرغىپ چۈشتى
_____________________________________
بوۋاي ئەسلى بالىسى ئۈچۈن يالغان ساۋاتلىق بولىۋالغان ئىدى ، ئاتىلىرىمىزنىڭ قەدىرىنى قىلايلى ، ئۇلارغا قىلغانلىرىمىز كەلگۈسىدە بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزدىن كۆرىدىغانلىرىمىزدۇر
ئەسەر تەمىنلىگۈچى : ئاسىيەقىز
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى