شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئارام ئال شئېر

2015-04-12 11:08:43 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر
ئارام ئال ئانا

جېنىم ئانا ئېيتىڭە
بەدىنىڭىز تالمامدۇ ،
كېلىنىڭىز بىر تونۇر
ناننى ئۆزى ياقمامدۇ .

پەرزەنتىڭىز ماڭلىيىن
ئىسسىق تەرلەر ئاقمامدۇ ،
جېنىم ئانا بىر مەرتەم
ئارام ئېلىڭ بولامدۇ .


ئانا دەيمىز ئانىنىڭ
قەدرىگە ھېچ يېتەلمەي ،
ئانىلارنى مۆرىدە ھېچ
بىر ھاپاش ئېتەلمەي .
ئانىلارنىڭ مېھرىدىن
يەنە يىراق كېتەلمەي ،
جېنىم ئانا بىر مەرتەم
ئارام ئېلىڭ بولامدۇ .

ئانىلارنى يامان دەپ
ئۆيمۇ ئايرىپ كۆرىمىز ،
چۆلدىكى كەپە كەبى
يېتىمسىرار ئۆيىمىز .
ئۆكسۈپ قالار ھەپتىدە
ئوتۇن- كۆمۈر ، سۈيىمىز ،
جېنىم ئانا بىر مەرتەم
ئارام ئېلىڭ بولامدۇ .
چىرايىدىن كەتمەيدۇ
خۇشاللىقى ھەرقاچان ،
يىڭنە چۈشمەس قولىدىن
ياماپ كۆڭلەك ھەم چاپان .
ئېتىزدىمۇ ، ئۆيدىمۇ
سۆرەپ دائىم قوش ساپان ،
جېنىم ئانا بىر مەرتەم
ئارام ئېلىڭ بولامدۇ .
ئاغرىپ يېتىپ قالسىڭىز
پەرزەنتىڭىز كېلەمدۇ ،
ياستۇق قويۇپ پەپىلەپ
سىزنى ئوبدان يۆلەمدۇ .
بىرەر كېلو گۆش ئېلىپ

كەلسە ئۇلار ئۆلەمدۇ ،
جېنىم ئانا بىر مەرتەم
ئارام ئېلىڭ بولامدۇ .
سىزسىز ھەرگىز يىقىلماس
تونۇرغىمۇ بىر توقاچ ،
كىر دۆۋىسى بۇزۇلماس
بارچە كىرنى سىز يۇيغاچ .
بىر ئۆيلەردە كۈلكىدۇر ،
شۇ ئۆيلەردە سىز بولغاچ ،
جېنىم ئانا بىر مەرتەم
ئارام ئېلىڭ بولامدۇ .
ۋاپاسى يوق پەرزەنتلەر
بىلىڭ پەرزەت ئاتالماس ،
يىڭنە كىرەر قولىغا
بىر تۈگمىمۇ تاقالماس .
ھەيرانىمەن بەش بالا ،
بىر ئانىنى باقالماس ،
جېنىم ئانا بىر مەرتەم
ئارام ئېلىڭ بولامدۇ .
ـــــــــ ئىسمەت ئەبەيدۇللا

ھەي پەرزەنتلەر ئانىلىرىمىزنى قەدىرلەيلى، ئۇلارغا كۆپرەك ھەمراھ بولايلى ! ئۇلارنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالايلى ! ئانىلىرىمىز غېرىبسىنىپ قالمىسۇن ، يالغۇزسىراپ قالمىسۇن ! ئۇلار بىزنىڭ مېھرى-مۇھاببىتىمىزگە تەشنادۇر .
بارلىقىنى ئۆز پەرزەنتلىرى ئۈچۈن بېغىشلىغان بارلىق جاپاكەش ئانىلىرىمىز ئامان بولسۇن ! ئۇلۇغ ئانىلىرىمىز مەڭگۈ ، مەڭگۈ ياشىسۇن !،
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى