شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئىرڭىزنى مۇزلۇتۇپ قويماڭ باشقىلار ئىرتىۋالمىسۇن

2015-04-13 21:15:26 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر
ئۇيغۇر خەلقىدە مۇنداق بىر ماقال بار:«خۇتۇن قانىتى ئەر،ئەر قانىتى ئات».ئەرلىرىمىز بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى يۆلەنچۈكىمىز،ئەرلەر بولسا بىزنىڭ كۆڭلىمىز توق،ئۆزىمىزنى بىخەتەر ھىس قىلىمىز.باللىرىمىزمۇ دادىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆزىنى خاتىرجەم ،بەختلىك ھىس قىلىدۇ،قورقمايدۇ.نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئاغزىدىن شۇنداق ئورتاق بىر گەپنى ئاڭلىدىم(ئۆزۈممۇ شۇنىڭ ئىچىدە)«ئۆيدە ئىرىم بولمىسا تاماق ئەتكىممۇ كەلمەيدۇ».

دېمەك ئەر كىشى ئۆيىمىزنىڭ تۈۋرىكى،ئائىلە - ئەرنىڭ بەخىت يېغى،ئەر - مۇقەددەس قەلب ئۆيىدۇر.ئايال روھىيىتىنى ئەر قەلبىدە ئىپتىخار بىلەن سېزىدۇ.ئايالنىڭ ھەركۈنى قارايدىغىنى ئەينەكلا ئەمەس،بەلكى ئەرنىڭ قەلبىدىكى ئۆز شەكلى،ئوبرازى،باھالىنشى.
ئەر ئائىلە ،خۇتۇن ،پەرزەنتنىڭ غەمگۇزارى.«ئېيىق بولسىمۇ ئېرىڭ ياخشى»دېگەن تەمسىل مېنىڭچە ئەرلەرنىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا تۇتىدىغان ئورنىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق قىلىپ گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.شۇڭا،مۇشۇنداق مۇھىم بىر ئادەمنى بەخىتلىك قىلىش ئايال كىشىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇليىتىدۇر.

سىرتتا مۇزلاپ كەتكەن كىشى تەقەزالىق بىلەن ئۆيگە قاراپ چاپىدۇ،چۈنكى ئۆيىدە ئۇنىڭ ئىللىق چىرايى بىلەن كۈتىۋالىدىغان ،مۇزلاپ كەتكەن پۇتىنى ئىسسىتىپ قويىدىغان ئايالى بار.ئەرلەر ئۈچۈن بۇنىڭ ئۈزىمۇ بىر بەخىت،قايسى بىر ئەر بۇنداق ئىسسىق چىرايغا قاراشنى خالىمايدۇ؟قايسى بىر ئەر مۇشۇنداق ئىللىق ئائىلىسىنى تاشلاپ قۇيۇپ باشقا جايلاردىن ئىللىقلىق ئىزدەشنى خالايدۇ؟(ئايالى ئىللىق بولسىلا)

جاھاننى قېزىۋەتسىڭزمۇ خۇتۇن كىشىنىڭ كۈلۈپ ئالدىڭىزغا چىققىنىدىنمۇ بۆلەك ھاياتنىڭ شەربىتى يوق.
-ۋىللىس
كۈلەر يۈز،شىرىن سۆزگە ئەر ئىسسىنۇر،
ئىسسىنسا بۇ ئىنسان ئەسىر،قۇل بۇلۇر.
- يۈسۈپ خاس ھاجىپ
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى