شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

بەخىت قارشىڭىز ئىجابىي بولسۇن

2015-04-23 19:50:38 -0400 مەزمۇن تۈرى:

بەخت قارىشىڭىز ئىجابىي بولسۇن


«بەخت» ياكى «بەختسىزلىك» پەقەت كىشىلەرنىڭ كۆز-قارىشىدىكى مەسىلە بولۇپ، ئۆزىنى بەختلىك ھېسابلايدىغان كىشىلەر ھەرقانداق ئىشقا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايدۇ. ئۆزىنى بەختسىز ھېسابلايدىغان كىشىلەر ھەممە نەرسىگە ئۈمىدسىز قارايدۇ.
ئىككى چېلەك قۇدۇققا تەڭلا چۈشۈرۈلۈپتۇ، ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرىگە:
ـــ بەكلا جىمىپ كەتتىڭغۇ، ساڭا بىرەر كۆڭۈلسىزلىك بولدىمۇ نېمە؟ ـــ دەپ سوراپتۇ.
ـــ ھەي، ـــ دەپ ئۇھسىنىپتۇ يەنە بىرى، ـــ مەن ئويلىغانسېرى قىلىۋاتقان ئىشىمىزنى قۇرۇق ئاۋارىچىلىقتەكلا ھېس قىلىۋاتىمەن. سۇنى لىق قاچىلايدىكەنمىز، ھايال ئۆتمەيلا يەنە قۇرۇقدىلىپ قالىدىكەنمىز.
ـــ ھە، ئەسلى مۇنداق ئىش ئىكەن-دە، ـــ دەپتۇ ھېلىقى چېلەك، ئەمما مەن ئۇنداق ھېسسىياتتا ئەمەس. مەن ئىزچىل ھالدا قۇپقۇرۇق كېلىپ، سۇنى لىق تولدۇرۇپ كېلىۋاتىمىز، دەپ ئويلايمەن.
ئوخشاش مۇھىتتا ۋە ئوخشاش كەچۈرمىش ئىچىدە چوڭ بولغانلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلسا، يەنە بەزىلىرى بەختسىز ھېس قىلىدۇ. شۇڭا بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا «بەخت» ياكى «بەختسىزلىك» قانداقتۇر كىشىلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇشىنىڭ قانداق بۇلۇشىغا باغلىق بۇلۇپلا قالماستىن، مۇھىمى شۇ كىشىنىڭ بەختكە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ ئىجابىي ياكى سەلىبىي بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئېنىقراق دېگەندە، بىر ئادەمنىڭ ماددىي تۇرمۇشى ئادەتتىكىچە بولۇپ، ئۇ ئادەم سەۋر-قانائەتچان ئادەم بولسا، يەنىلا ئۆزىنى بەختلىك دەپ ھېسابلاپ، تۇرمۇشىنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك ھەسسىسىنى قوشۇشقا ئىنتىلىدۇ ھەم ئەمەلدە كۆرسىتەلەيدۇ. ئەكسىچە ماددىي تۇرمۇشى خېلى يۇقىرى بىر ئادەمنىڭ بەخت قارشى مۈجىمەل بولسا ئۇ ھەرقانچە بېيىغان بىلەنمۇ يەنىلا ئۆزىنى بەختسىز ھېسابلاپ دائىم ئۆز تۇرمۇشىدىن ھەسرەتلىنىپ، باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ھەسەت قىلىپ ھاياتنىڭ خۇۋلۇقىنى كۆرمەيدۇ.
كىشىلەرنىڭ بەختكە بولغان ئىككى ياقلىمىلىق قارىشىنىڭ ئاساسىي مەنبەسى پەقەت شۇ كىشىنىڭ ماددىي تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ قانداقلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. مەنىۋىيىتى تۇيۇنغان ياكى مەلۇم دەرىجىدە تۇيۇنغان ئادەم بىلەن مەنىۋىيىتى ئاچ ئادەمنىڭ بەختكە تۇتقان مۇئامىلىسى مۇئەييەن ھالدا پەرقلىق بولىدۇ. چۈنكى، بىز تەكىتلەۋاتقان بەخت ماددىي تورمۇش جەھەتتىكى بەخت بىلەن مەنىۋى تۇرمۇش جەھەتتىكى بەختنىڭ بىرلىكىدىن تەركىب تاپىدۇ. كىشىلەرنىڭ مۇئەييەن ماددىي تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە بولۇشى، بەختلىك تۇرمۇشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۆر شەرتى. بىر ئائىلە ئۈچۈن ئېيتقاندا، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ، ئولتۇراق-جاي، ئائىلە جابدۇقلىرى قاتارلىق بىر يۈرۈش نەرسىلەر بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى ۋە كەم بولسا بولمايدىغان شەرتى. بۇلار بولمىسا كىشىلەر بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش شارائىتىغا ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، بەلكى بەختسىزلىككە ئۇچرايدۇ. لېكىن بەختلىك بولۇش يالغۇز ماددىي تۇرمۇش جەھەتتىلا ئىپادىسىنى تاپماستىن، بەلكى ئۇ يەنە مەنىۋى تۇرمۇش جەھەتتىنمۇ ئىپادىلىنىدۇ. مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ تولۇق بولۇشى بەختنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى. شۇڭا كىشىلەر پەقەت ماددىي جەھەتتىكى بەخت بىلەنلا بەند بولۇپ كېتىپ، مەنىۋىيەتكە ئەھمىيەت بەرمىسە ئۇ چاغدا روھىي جەھەتتە چۈشكۈنلىشىدۇ. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ماددىي جەھەتتىكى بەختنى مەنىۋى جەھەتتىكى بەخت بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن بەخت تولۇق ھەم ھەقىقى مەنىگە ئىگە بولىدۇ.
مەنىۋى تۇرمۇشنى ھەقىقىي مەنىگە ئىگە قىلىش ئالدى بىلەن يۈكسەك غايە تىكلەش ھەم ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپكە ئېتىقاد تۇرغۇزۇش، خەلقنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئوبيېكتىپ دۇنيا ئۈستىدە ئىزدىنىش، يېڭى بىلىم ئېلىش ۋە ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. زۆرۆر بولغان مادددىي تۇرمۇش شارائىتى ئاساسىدا مۇشۇنداق ساغلام بولغان مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ بۇلىشى بەخت قارىشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىدۇر. چۈنكى ساغلام بولغان مەنىۋى تۇرمۇش ماددىي تۇرمۇشقا يېتەكچىلىك قىلغاندىلا ۋە تىزگىنلىگەندىلا ئاندىن تۇرمۇشنىڭ مەنىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر بىر مىللەت، بىر دۆلەت جۈملىدىن بىر شەخس پەقەتلا ماددىي تۇرمۇش جەھەتتىكى بەخت بىلەنلا بولۇپ كەتسە، ئۇ چاغدا ئۇلاردا ھېچقانداق ئىستىقبال بولمايدۇ.
مەنبە :تەڭرىتاغ تورى
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى