شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئانامنىڭ ئۈلۈمى

2015-04-24 20:47:50 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر
ئانامنىڭ ئۆلۈمى
ھەممەيلەنگە تارقىتىپ قۇيۇ
مەنبە: مىسرانىم، ئاپتۇر: زۇلئاي
بۈگۈن ئۇلۇغ جۈمە، بۇ كۈن بىزنىڭ ئائىلە ئۈچۈن ھەم خوشاللىق ھەم قايغۇلۇق كۈن بولدى. خوشاللىق بولغىنى ئاكامنىڭ بۈگۈن تويى ئىدى، ھەممىمىز خوشال ئىدۇق، شەخسەن ئانام بەك خوشال ئىدى، چۈنكى بىز ئىككى قىز بىر ئوغۇل بولغاچقىمۇ ۋە ياكى ئانا ئوغۇلغا بەك ئامراق كىلەمدۇ ئىيتاۋۇر ئانام ئاكامغا بەك ئامراق ئىدى، شۇڭا ئاكامنىڭ تويىدا ئانام ھەممىدىن بەك خوشال ئىدى. بىز ئائىلە ئىشلىرنى قىلىپ بۇلۇپ توي رىستۇراندا بولغاچقا ئانام، مەن ۋە سىڭلىم ساتراچخانغا ياسانغىلى ماڭايلى دەپ تۇرساق مومام ئانامغا:
-سىز بارمىسىڭىزمۇ بۇلا؟ ياش 50تىن ئاشتى، چاچنى كەسمەڭ، چاچ ئايال كىشىگە بەك مۇھىم، بولمىدى دىگەندە باللارغا ئۈلگە بۇلۇپ كۈندە بىرەر ۋاخ ناماز ئۇقۇڭ دىدى. بۇنى ئاڭلاپ ئانام قاپاقلىرىنى سۈزۈپ :
-بۇلدۇ، ئانا سىلدەك بولغاندا ئوقۇۋالىمەن، ياغلىق دىگەننى ئىڭەكتىن چىگىۋالىمەن دىدى دە بىز بىلەن ساتراچخاننىغا ماڭدى. بىز ئۈچىمىز ساتراچخانىغا كەلدۇق، ئانام مىھمانلار رىستۇرانغا بىرىپ بولغىچە بارمىسام بولمايدۇ دەپ باشتا ياساندى، ئانام بوينىغا چۈشۈپ تۇرغان بۇدرە چىچىنى سەل كۆپتۇرۇپ سۇس گىرىم قىلۋىدى ئانام ئوغۇل ئۆلەيدىغان ئانا ئەمەس بەلكىم خەتنە توي قىلدىغان ياش چوكانغا ئوخشاپ قالغان ئىدى، شۇنداق چىرايلىق بىر قاراشتا سىڭلىم بىلەن ئىككىمىزنى ئۇنىڭ سىڭلىسى ئوخشايدۇ دەپ قالاتتى. ئانامنىڭ گىرمى بىلەن تويغا ئاتاپ تىكتۈرگەن كۆڭلىكى بەك ماسلاشقان بۇلۇپ بىزمۇ ئانامغا ھەۋەس بىلەن قاراپ قالدۇق ۋە سىڭلىم بىلەن ئىككىمىز چوڭ بولغاندا بىزمۇ بالام، كالام دەپ ئۆزىمىزنى تاشلىۋەتمەي ئانامدەك چىرايلىق ياسىنىپ «گۈزەللىك بىزدە» دەپ ياشايلى دەپ كەلگۈسىمىزدىن يەكۈن چىقاردۇق.
-ئانىڭىزنى ياش كۆرسەتكەن ئۇنىڭ قىسقا چىچى دىدى ساتىراچ مەغرۇر قىياپەتتە، چاچ قىسقا بولسا ئادەمنى ياش كۆرسىتىدۇ دىدى بىزمۇ چاچلىرمىزنى ياستىپ گىرىملىرىمىزنى قىلىپ سىڭلىم بىلەن قىز-يىگىتلەر جوزىسىغا ماڭدۇق.
قىز كۆچىرەيلى دەپ تۇراتتۇق نەۋرە ئاچام ئوڭ سۇلى يوق رىستۇرانغا كىرىپ كەلدى دە ھەسىرگەن ھالدا ماڭا قاراپ:
-ئالىيە چاققان ئاناڭلار دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى، دىدى ئاكام، سىڭلىم ئۈچىمىز نىمە قىلشىمىزنى بىلەلمەي تاكسىدىن بىرنى تۇسۇپ نەۋرە ھەدەمنىڭ يول باشلىشى بىلەن خەلق دوختۇرخانىسىغا كەلدۇق. بىز كەلسەك ئانام جان ئۈزۈپ بوپتۇ، بىز نىمە قىلشىمىزنى بىلمەي قالدۇق، دادم، ئاكام ۋە باشقا ئەر تۇققانلاردىن گۈپۈلدەپ ھاراق پۇرقى كىلىپ دوختۇرلارنى بىئارام قىلدىمۇ دوختۇرلار :
-بىمار جان ئۈزۈپ بولدى، بىماردا يۇشۇرۇن يۈرەك ئاغرىقى باركەنتۇق شۇڭا قوزغىلىپ قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمىدى شۇڭا ئەكىتىپ ئاخىرەتلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇڭلار دىدى. دادامنىڭ دىيىشچە ئانام دوستلىرى بىلەن كۆرشۇپ تاڭسا، ئۇسۇل ئويناپ ھىرىپ جوزىغا كىلىپ ئولتۇرۇپلا ھۇشىدىن كىتىپتۇ، بىز يىغا زارە قىلىشىپ ئانامنى دوختۇر ماشىنىسىغا سىلىپ ئۆيگە ئەكەلدۇق، ئۆيدە 80ياشلىق مۇمام پىشىن نامازغا تاھارەت ئىلىش ئۈچۈن ھاجەتخانىغا ماڭغان ئىكەن، مومام 80ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن بىمالال چىقالايتى. مومام ئەھۋالنى كۆرۇپ نىمە قىلشىنى بىلەلمەي قالدى كىيىن بىزگە قاراپ:- باللىرىم تىزدىن كىيىملىرىڭلارنى يەڭگۈشلەپ يۈزلىرىڭلارنى يۇيۋىتىڭلار دىدى، چۈنكى بىز تويغا دەپ قىسقا قىزىل كۆينەك كىيۋالغان ئىدۇق، ئەتكەنكى گىرىملىرىمىز كۆز يىشىمىز بىلەن بىرلىشىپ بىزنى مۇشۇك ئىيىققا ئوخشىتىپ قويغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ بىز قىسقا قىزىل كۆينەكنى سىلىپ ئۇزۇنراق قارا كۆينەك كىيدۇق يۈزلىرىمىزنى پاكىزە يۇدۇق، ئاكام دادام ۋە باشقا ئەر تۇققانلارمۇ مەسلىكتىن خىلى يىشىلىپ قالغان ئىدى ئۇلارمۇ پاكىزە يۇيۇنۇپ يىغا زارە قىلىشتى ھويلا ئارامنى بىردەمدىلا جامائەت بىلەن تولدى، ھازىر ياز پەسلى بولغاچقا ئۆلۈكنى ساقلىسا سىسىپ كىتىدۇ دەپ ھەمدە تويغا دەپ يىراق يىقىندىكى ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ ھەممىسى كەلگەچكە ساقلاشنىڭمۇ ئورنى يوق ئىدى شۇڭا بۇۋىلەر بىلەن مەسھەتلىشىپ ئەسىرگە ئەچىقىدىغان بولدى. ھەي ھەيرانمەن مومام دائىم بىزگە:
-ئۆلۈم دىگەن قاش كىرپىكنى ئارلىقىدا بولىدۇ، ياش قىرىغا باقمايدۇ دىسە نىمە دەيدىغاندۇ دەپتىكەنمەن ئەسلىدە ئەجەل توشسا ئادەم ھىچنىمە قىلالمايدىكەن ئەمەسمۇ؟
يىرىم سائەتتىن كىيىن بۇۋىلەر كىلىپ بولدى مەن يىغلاپ يۈرۈپ ئۇلارغا كىرەكلىك لازىمەتلەرنى ئەكىلىپ بەردىم، مومام بىلەن ئانامنىڭ بويى ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمىگەچكە مومام ئۆزىگە ئاتاپ ئىلىپ قويغان ئاخىرەتلىك كىيمىنى ئانامغا ئىشلەتتۇق، مەن يۇغۇرىلارغا ياردەملەشتىم. ئانامنى كىپەنلەش جەرياندا يۇغۇچىلار خىلى جاپا تارتتى، چۈنكى ئانامنىڭ قىسقا بۇدرە چىچى كىپەنلىك لىچەك ئىچىدە جىم تۇرماي لىچەكنى كۆپتىرىپ يۇغۇچىلارنى بەكمۇ جىلە قىلدى ئۇلار مىنى تۇنىماي :
-توۋا خۇدايىم ما ئايال ئۆلۇمنى ئويلىمىغانمىدۇ، ئەسلىدە ئاياللار ئۆلگەندىن كىيىن چىچىنى ئىككى ئۆرۇپ قولتاقتىن چىقىراتتۇق، ئۇنىڭغا كەلمىدى، بوپتۇ دىسەك ما چاچ كۆپىۋىلىپ نىمىنداق قىلدىغاندۇ يا چازا قىسقىلى بولمىسا دەپ سۆزلەپ كەتتى بەزىلەر ياقىسىنى تۇتۇپ تۆۋە دىيىشتى.
مەن كىپەنلەپ قويغان ئانامغا قارىدىم -دە، تىنىم شۈركىنىپ كەتتى ئانام خۇددى 70ياشلىق مومايدەك ياتاتتى چۈنكى دائىم لەۋ سۇرخى بىلەن قىزرىپ تۇردىغا لەۋلىرى ئەمدىلىكتە تاتىرىپ تۇراتتى، يۈزلىرى گىرىمسىز بولغاچقا قورۇقلار كۆپەيگەن، قاشلىرى سىدام بۇلۇپ بەكلا كۆرۈمسىز كۆرنەتتى، يۇغۇچىلار تىخىچە ئانامنىڭ چىچى بىلەن ھەپىلشەتتى مىنىڭ ئۇلارنىڭ ھەركىتىگە قاراپ بىر تۇرۇپ كۈلگۈم كەلسە بىر تۇرۇپ يىغلىغىم كىلەتتى. مەن ئىسىمنى بىلسەم ئانام ئۇزۇن چاچ قىرى چىراي قىلىپ قۇيۇدۇ دەپ دائىم چاچلىرىنى ھەر خىل پاسۇندا كىسىپ، بوياپ بۇرەتتى. مەن ئەينەككە قارىدىم مىنىڭ نەرىممۇ ئۇيغۇر قىزىغا ئوخشىسۇن، قىسقا، ساپسىرىق چاچ، مەن ئانامنىڭ ھالىتىنى كۆرگەندىن كىيىن چاچ ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يەتتىم، چۈنكى مەن ئۆلۈمدىن قۇرقۇپ قالدىم، ئىنسان ھەممە نەرسىنى بوي سۇندۇرالايدىكەن ئەمما ئۆلۇمنى بوي سۇندۇرالمايدىكەن، ئەزرائىل دەپمۇ قويماي كىلدىكەن ئەمەسمۇ؟ ئانامنى يۇغۇچىلار يامان تەستە كىپەنلەپ بولغاندىن كىيىن ئاكام، داداملار جامائەتنىڭ ياردىمى بىلەن يەرلىككە قۇيۇپ كەلدى، ئانامنىڭ تەلىسىنى ئوقۇۋىتىپ بۇۋىلەر ئانامنى قانداق ئايال ئىدى دەپ سورىدىم، ئاياللار:- ياخشى ئايال ئىدى، باشقىلارغا قۇلدىن كىلىشچە ياردەم قىلاتتى دەپ جاۋاپ بەردى. بۇۋىلەر ناماز ئوقۇمتى دىۋىدى يۈرۈكۈم جىققىدە قىلدى ئەمما مومام چاندۇرمايلا يالغاندىن بوش ئاۋازدا ئوقۇيتى دىدى. بۇ ۋاققىتتا ئىچىم ئاچچىق بولدى، شۇندىلا ئويلاپ قالدىم ھەق ئىگەم بىزگە ئانامنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق بىزگە ئاگاھلاندۇرۇش بەردىمۇ نىمە دەپ ئويلاپ قالدىم ......
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى