شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

مانا بۇ مۇھاببەت

2015-05-05 11:48:27 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر
(بەكلا تەسىرلىك)-توقسۇ گېزىتى
ھەممەيلەنگە تارقىتىپ قۇيۇڭ
مەنبە: مىسرانىم
بۇرۇن بىر يىگىت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىلىپ بىر قىز توي قىلىپتۇ. يىگىت بولسا تولىمۇ ئىشچان، سەمىمى ئىكەن، قىز بولسا تولىمۇ مۇلايىم، ئاقكۆڭۈل ئىكەن. بۇ خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر بىر ـبىرىگە ناھايتىمۇ ئامراق ئىكەن. بۇ بىر جۈپنىڭ ئىناق-ئىجىل ئۆتىشى مەھەللىدىكىلەرنىڭ مەستلىكنىمۇ كەلتۈرۈپتۇ. ئۇلار ئۆزئارا كۆيۈنۈپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ، بۇلارنىڭ مۇھەببىتى تىخمۇ چوڭقۇرلىشىپتۇ، بىر بىربىرنى بىر مىنۇت كۆرمىدە چىدىيالمايدىغان ھالاتكە يىتىپتۇ. ئەمما كۈنى يىگىت خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن چەتئەلگە كاماندۇرۇپكىغا چىقماقچى بوپ قاپتۇ. ئائىلىدىكلىرى ئايرىلىشقا كۆزى قىيماپتۇ. مەيلى خىىزمەت مۇناسىۋىتى ئەمەسمۇ ؟ يىگىت ئائىلىدىكىلىرىگە پات ئارىدا قايتىپ كىىلدىغانلىقىغا ۋەدە بىرپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ، ئۇلار ئايرىلغاندىن كىيىنكى بىر كۈن خۇددى بىر يىلدەك تۇيۇلۇپتۇ. يىگىت خىزمەت ئالدىراشلىقىغا چۆكۈپ كىتىپتۇ. يىگىت يۇرتتىن ئايرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يۇرتتا بىر خىل كىسەللىك تارقىلىپتۇ. بۇ تىرە كىسەللىكى بولۇپ يۇقۇش دائىرسى كەڭ، يۇقۇش سۈرئىتى ناھايتى تىز ئىكەن. بۇ كىسەل كىمگە يۇقۇپ قالسا شۇنىڭ يۈزى خۇددى ئوتتا كۆيۈپ پۇچۇلنىپ كەتكەندەك بولۇپ قالىدىكەن، ئەمما ھاياتىغا چوڭ خەۋپ ئىلىپ كەلمەيدىكەن. ھەي كىممۇ ئويلىغان دەيسىز، بەخىتكە قارشى بۇ زەھەرلىكك كىسەل دەل بۇ يىگىتنىڭ ئايالغىمۇ يۇقۇپ قاپتۇ. بۇ يىگىتنىڭ ئايالىنىڭ چىرايى تەل تۆكۈس ئۆزگىرىپ كىتىپتۇ. بۇ زەھەرلىك كىسەلگە يولۇقۇپ قالغان بۇ ئايال تولىمۇ قايغۇرۇپتۇ. كۆڭلىدە يىگىت مىنىڭ بۇ ئەھۋالىمىنى كۆرۈپ قالسا مىنى بۇرۇنقىدەك ياخشى كۆرمەي قالارمۇ؟ ماڭا بۇرۇنقىدەك ياخشى مۇئامىلا قىلماي قالارمۇ؟ ياكى مەندىن ئايرىلىپ كىتەرمۇ؟ دەپ پەرىشان بوپتۇ، كۈندە يىغلاپ يۈرۈپ كۆزلىرىمۇ ئىششىپ كىتىپتۇ. بۇئايال پەرىشانلىقتا يۈرۈۋاتقان بۇ كۈنلەردە يىگىتنىڭ دوستىدىن بۇ ئايالغا تىلفۇن كەپتۇ. تىلفۇندا يىگىتنىڭ تىزدىن قايتىپ بارىدىغانلىقىنى ئەمما يىگىتنىڭ خىزمەت ئۈستىدە ئەما بولۇپ قالغانلىقنى بايان قىپتۇ. يىگىتنىڭ ئايالى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ تىخمۇ ئازاپلىنىپتۇ ئەمما بۇ ئازابى ئۇزاققا بارماپتۇ. چۈنكى كۆڭلىدە يىگىت ئەمما مىنىڭ بۇ ھالىتىمنى ئەمدىن كۆرەلمەيدۇ، مەن ئۆزۈمدىن ئەنسىرمىسەممۇ بولىدۇ دەپ ئويلاپتۇ. يىگىتتن ئايرىلىپ قىلىشتىن ئەنسىرمەپتۇ. يىگىت قايتىپ كەپتۇ. يىگىتنىڭ دوستى بۇ يىگىتنى يىتىلىگىەن پىتى ئايالغا تاپشۇرۇپ بىرىپتۇ. بۇ ئايال يىگىتنى يىتىلەپ ئۆيگە قايتىپ كەپتۇ. يىگىت ئايالغا بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك مۇھەببەت ئاتا قىلىپتۇ. بۇ خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ئىناق ئىجىل ئۆتۈپتۇ، يىگىتنىڭ ئايالى گەرچە بۇ رەھىمسىز كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا يىگىتنىڭ مىھىر مۇھەببىتدىن ئايرىلىپ قالمىغانلىقىغا بەكمۇ خۇشال ئىكەن. كۆڭلىدە يىگىت ئۆزىنىڭ بۇنداق كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيدۇ، شۇنڭلاشقا بۇ توغرۇرلۇق ئازاپلىنىپ يۈرمەيدۇ. يىگىتنىڭ ئايالىمۇ يىگىتتىن ئايرىلىپ قىلىشتىن ئەنسىرمەيدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر داۋاملىق خۇشال خورام تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ. يىگىتنىڭ ئايالى يىگىتنىڭ مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالمىغانلىقىغا ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك ھىس قىپتۇ. ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمۈرى بەخىت ئىچىدە ئۆتۈپتۇ. ھاياتىىنىڭ ئەڭ ئاخىردا يىگىتنىڭ مىھىرى مۇھەببىتىدىن تولىمۇ رازى بولغان ھالدا بۇدۇنيادىن ئايرىلىپتۇ. يىگىت دوستلىرى بىلەن ئۇنى ئۇزۇتۇپ قويۇپتۇ. يىگىت ئايالىغا دۇئا قىلىپ بولغاندىن كىيىن كەينىگە قاراپ مىڭىپتۇ، يىگىتنىڭ دوستى بۇنى كۆرۈپ ناھايتىمۇ ھەيران قاپتۇ، يۈگرەپ بىرىپ يىگىتنى تۇتۇۋاپتۇ دە، مەن سىنى ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قوياي دەپ يىگىتنىڭ قولىدىن يىتىلەپ مىڭىپتۇ، يىگىت دوستىغا مەن ئۆزۈم كىتەلەيمەن دەپتۇ، بۇ ۋاقىتتا يىگىتنىڭ دوستى تىخمۇ ھەيران قاپتۇ، سەن ئايالىڭنىڭ ئىچ ئاغىرقىدا ئىلىشىلپ قالمىغانسەن دەپ يىگتكە بىر ئاز كايىپتۇ. يىگىت، مەن ساپساق، مەن راستىنلا كۆرەلەيمەن دەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلاپتۇ. ئەسلىدە يىگىت كاماندۇرۇپكىغا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يۇرتىدا شۇنداق زەھەرلىك تىرە كىسىلىنىڭ تارقالغانلىقىنى ھەم بۇ رەھىمسىز كىسەلگە ئايالىنىڭمۇ گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى ئۇقۇپتۇ. ئەمما ئايالىغا روھى بىسىم ئىلىپ كەلمەسلىكى ئۈچۈن ئەما بولىۋاپتۇ، ۋە قەستەن بىلمەسكە سىلىپ ئايالى بىلەن مانا مۇشۇنداق 40يىل بىللە ئىجىل ئىناق بەخىتلىك ئۆتۈپتۇ. 40يىل جەرياىندا ئايالىغا بىلدۈرمەپتۇ.
دوستى يىگىتتىن سوراپتۇ: سىنىڭ مۇشۇنداق 40يالغاندىن ئەما بولىۋىلىشىڭ ئەرزىمدۇ؟
يىگىت: مىنىڭ بۇ ھاياتىمدا ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق قۇربانلىق بىرىشىم ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ .
بۇلارنى دەپ بولۇپلا كۆزدىن ياش ئەگىگەن پىتى كىتىپ قاپتۇ .
40يىل، ئايالى ئۈچۈن ئەما بولىۋالغان 40يىل.

مەن تارقىتىشنى تاللىدىم، سىزچۇ؟
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
----Comments(1)----
تۇدىمەمە (@tulpar) | @ at 2015-06-09 00:28:
بەك تەسىرلىك ناھايىتى پاك مۇھەببەتكەن مەنمۇ تارقىتىپ قۇيىمەن
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى