شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئانىلارنىڭ پىسخىكىسى

2015-05-07 03:17:12 -0400 مەزمۇن تۈرى:
ئانىلارنىڭ كەيپىياتى بالىلارغا تەسىر قىلدۇ



ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» تور بىكىتىدە يېقىندا ئېلان قىلنغان «ئۆز تەقدىرىنى كونترول قىلىشقا ئىشەنچىسى بار ئانا بالىسىنى غەلبىگە ئېرىشتۈرەلەيدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: لوندون سىياسىي-ئىقتىساد ئىنىستىتۇتى ئىقتىسادىي ئۈنۈم مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، تەقدىرنىڭ ئۆز قولىدا ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشىنىدىغان ئانا تەربىيەسىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولىدىكەن. نۇ يەكۈن نەچچە ئون مىڭ ئوقۇغۇچىنى ئۇزاق مەزگىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق چىقىرىلغان.
بۇ خىل تەتقىقات بىر تۈرلۈك ھالقىلىق مىجەز-خاراكتىر ئالاھىدىلىكى بولغان «پىسخىكىنى كونترول قىلىش مەنبەسى» نىڭ شەكىللىنىشىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن.
پىسخولوخلار پىسخىكىنى كونترول قىلالايمەن، دەپ قارايدۇ، ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى تاش مىجەز كىشىلەر ھاياتنى پۈتۈنلەي تەقدىر بەلگىلەيدۇ، دەپ قارايدۇ، كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ ئىككى چەكنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ.
بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتقا قاتناشقان ئالىم فىرانچېسكا كىرنالىيە: ئانىلارنىڭ پىسخىكىلىك ھالىتىنىڭ زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تەتقىقاتلاردا ناھايىتى ئېنىق ئىسپاتلاندى. ئائىلە شارائىتى، ئانىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى ۋە بالىلارنىڭ پىسخىكىلىك كونترول قىلىش مەنبەسى قاتارلىقلاردىن بايقىشىمىزچە، ئىچكى پىسخىكىسىنى كونترول قىلىش مەنبەسى جەدىۋىلىدە ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىلغان %25 ئانىلار تۇغقان بالىلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى نەتىجىسى ئارقىغا تىزىلغان %25 ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا %17 يۇقىرى بولىدۇ. دېگەن.
مەنبە:تىببىي دەستۇر تىبابەت تورى
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى