شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

دادامنىڭ گۇناھى

2015-09-17 05:52:29 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر


دادامنىڭ گۇناھى

كىچىكىىمدىن باشلاپ دادام ئاپام ماڭابەكلائامراق ئىدى.خالىغىىنىمنى قىلىپ بېرىپ بەكلائەركە ئۆگىتىپ قويغانىدى. بۇلۇپمۇ ئاپام مەندىن چوڭ ئۈمىتلەرنى كۈتەتتى.كۆزۈم چۇشكەننى ئەپ بېرىپ مېنىڭ ياخشى ئوقۇشۇمنى تەلەپ قىلاتتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە بىر كۈنى ئاپام بىلەن بازارغا چىقتىم.قايتاشىىمدا كىچىككىنە بىر پۇل قاپچۇقىغا كۆزۈم چۇشتى.ئاپامغا غەلۋە قىلىشقا باشلىدىم،ئائىلمىز باياشات بولسىمۇ بۇنداق نەرسىلەر مەندەك كىچىككىنە بالا ئۈچۇن يەنىلا ئارتۇقچە ئىدى.ئەمما ئاپام ئۇنى ماڭا ئەپ بەردى ،شۇندىن كېيىن ئۇ پۇل قاپچۇقىنى يېنىمدىن ئايرىمايدىغان بولدۇم.ئۇ يېنىمدا بولسىلا ئاپامنى يېنىمدىكىدەك ھېس قىلاتتىم.
مانا 24 ياشقىمۇ كىرىپ قاپتىمەن. رەھىمسىز تەقدىر دادام بىلەن ئاپامنى مەندىن ئايرىدى.بېشىمدىن نۇرغۇن ئىسسىق سوغوقلار ئۆتتى.كۈندە ئازاپ ۋە نەپرەت ماڭا ھەمرابولدى.
شەھەردىن قايتىپ كېلىپ ئۇدۇل ئاپامنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كەلدىم،بۇ يەر مەن كەتكەن ۋاقىتتىكىدىن كۆپ ئۆزگىرىپ كەتكەنىدى.ئۇ ۋاقىتلاردا مەن كۈندە ماڭىدىغان ،ئائىشە بىلەن ئىككىمىز سۈپۈرۇپ تۇرىدىغان يوللارغا مانا ئەمدى قۇمۇش،يانتاق،بۇيا......قاتارلىق چۆل ئۆسۇملۈكلىرى ئۆسۈپ چىقىپ بىزنىڭ ئىزىمىزنى ئۆچۈرۈپ ئۈلگۈرگەنىدى.مەن ئاپامنىڭ قەبرىسى يېنىغا تىكىپ قويغان سۆگەت دەرىخىمۇ يوغىناپ ئاپامنىڭ قەبرىسى ئۈستىگە سايە تاشلاپ تۇراتتى.كۆرمىگلى بەش يىل بولغان بۇ سۇرلۈك قەبرىستانلىق كۆزۇمگە ئىنتايىن يېقىملىق كۆرۈنۈپ كەتتى .خۇددى ئاپام ھازىرلا ئالدىمدا پەيدا بولۇپ قالىدىغاندەك ئىنتايىن خۇشال ئىدىم.ئادەم ياخشى بولسۇن ۋە ياكى ئەسكى بولسۇن، شاھ ياكى گاداي بولسۇن ،.....ھەممىسىنىڭ ياتىدىغىنى مۇشۇ ئاددىيلا قەبرە بولىدۇ.ئۇلارنىڭ گۇناھلارغا پاتقىنىچە تاپقان دۇنيالىرى بولسا يەنىلا بۇ دۇنيادا قالىدۇ،ئۇلاربۇ دۇنيالارنى قانداقمۇ قەبرىگە بىللە ئېلىپ كىرىپ كىتەلىسۇن،ئۇلارنىڭ ئېلىپ كېتەلەيدىغىنى شۇ دۇنيا ۋەسۋەسىسىدە قىلغان تالاي گۇناھلىرى بولىدۇ خالاس.
ئۆزۈممۇ تۇيماي ئاپامنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كېلىپ قاپتىمەن .سەلكىن شامال ئاپامنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىكى ئوت-چۆپلەرنى سۈيۈپ ئۆتۈپ ،ياۋا گۈللەرنىڭ خۇش ھىدىنى يىراقلارغا تارقاتماقتائىدى.ئاپامنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كېلىپ تىزلىنىپ ئولتۇردۇم ۋە ئاپامغا ئاتاپ نۇرغۇن دۇئالارنى قىلدىم.دۇئادىن يېنىپ ئۇدۇل قايتىپ كەلدىم ،بۇ ئۆي كونىراپ كەتكەن بولسىمۇ،بۇ ئۆيدىكى ئىللىقلىق ۋە ئاپامنىڭ مېھرىبان سىيماسى تېخى يۈتمىگەندەك قىلاتتى.مەن ئەينى ۋاقىتتا ئاپام ئولتۇرغىنىچە جان ئۈزگەن ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇم.يېنىمدىكى سومكامنى ئېچىپ كىچىكىمدە ئاپام ماڭا ئېلىپ بەرگەن پۇل قاپچۇقىنى قولۇمغا ئالدىم،پۇل قاپچۇقىنى كۈرۈپ شۇ مېھرىبان ،كۈيۈمچان ئاپام كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى.كونىلار ھەقىقەتەن توغرا ئېيتقانىكەن ‹ئوغۇل بالىنىڭ كۆزىدىن ياش ئەمەس ،قان ئاقىدۇ ›دەپ .مانا بۈگۈن ھېچقاچان ياش ئاقمىغان كۆزلىرىمدىن ياش ئېقىپ كەتتىكىن ،ئوزۇمنى تۇتۇۋالالمايلا قالدىم.ھەتتا ئاپام مەن بىلەن خوشلاشقاندىمۇ ياش ئاقمىغان كۆزۈمدىن بۈگۈن بۇلدۇقلاپ ياش، ياق بەلكى قان ئېقىۋاتاتتى.يىغلاپ تۇرۇپ رەببىمگە نالە قىلدىم؛
-ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھىم ،شۇنچىۋالا كۆپ ئازاپ-ئۇقۇبەتنى،كۆرگۈلۈكنى شۇ بىچارە،گۇناھسىز مەزلۇم بەندەڭگىلا كۆرسەتكۈچە ،ماڭىلا كۆرسىتىپ مېنىمۇ بۇ دۇنيادىن بىراقلا ئېلىپ كەتسەڭ بولماسمىدى!!!! جېنىم ئانا ،سەن مېنى پەپىلەپ بېقىپ،يىمىگەننى يىگۈزۈپ، كىيمىگەننى كىيگۈزۈپ يۈرسەڭ ‹مېنىڭ ئائىلەم بەك بەخىتلىك ،مەنمۇ ھەم بەخىتلىك›دەپ ئويناپ يۈرۈپتىمەن ئەمەسمۇ!!!! ئەسلى سەن تەقدىرنىڭ شۇ رەھىمسىز چاقچاقلىرى ئىچىدە شۇ رەھىمسىز دادامنىڭ قولىدا خارلىنىپ،دەرتلىرىڭنى ئىچىڭگە يۇتۇپ يۈرۈپتىكەنسەن ئەمەسمۇ!؟ ھېلىمۇ ئېسىمدە ئاپا،سەن كىچىك چېغىمدا دائىم ؛‹ئوغلۇم .ياخشى ئوقۇغىن ،بىلىم ئۆگەنسەڭ مەڭگۈ خارلانمايسەن ›دەپ نەسىھەت قىلاتتىڭ. ھازىرقىدەك يادىمدا تۇرۇپتۇ،بىر كۈنى سەن مېنى قۇچىقىڭدا ياتقۇزۇپ بېشىمنى سىلىغىنىڭچە ئولتۇراتتىڭ ،قولۇڭدىن بىر تامچە ياش قۇلۇمغىلا چۈشتى،مەن ھەيران بۇلۇپ؛
-ئاپا نېمە بولدۇڭ يىغلاپسەنغۇ؟ دەپ سورىدۇم.سەن ماڭا بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن ؛
-ياق ئوغلۇم ، يىغلىمىدىم ،كۆزۈم ئازراق ئاغرىۋاتىدۇ ،دىگەنىدىڭ .ئۇ ۋاقىتلاردا چۈشەنمەپتىكەنمەن.ئەمدى بىلسەم سېنىڭ كۆزۈڭ ئەمەس بەلكى يۈرۈكۈڭ ئاغرىۋېتىپتىكەنغۇ ئاپا،ئەسلىدە ئالقىنىمغا چۇشكەن بىر تامچە يېشىڭغا تۈمەنلىگەن ئازاپ،مىڭلىغان جاپا،يۈزلىگەن قان يىغلاشلار سىڭدۈرۈلگەن ئىكەن ئەمەسمۇ ئاپا !!!!!!!!
قانچىلىك يىغلىغىنىمنى بىلمەيمەن ،ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كېتىپتىمەن.بىر ۋاقىتلاردا ئاغىنەم سادىر كىرىپ كەلدى ۋە ماڭا ؛
-ئاداش بامۇسەن ،قايتىپ كېلىپمۇ ماڭا دەپمۇ قويمايسەن دىگىنە، ۋوي يىغلاپسەنغۇ ئاداش،سنىڭ يىغلىغىنىڭنىمۇ كۆرىدىكەنمىز ھە!؟ بولدى ئاداش كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما ،بۇ كۈنلەمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.يۈرە بىزنىڭ ئۆيگە بارىمىز ،سېنى چاقىرىمىز دەپ تەييارلىق قىپتىكەن ساڭىلا قاراپ قالغان يۈرە ئاداش!! بۇ گەپلەنى ئاڭلاۋېتىپ ئەينى ۋاقىتتا مەن ئۆيدىن چىقىپ كېتىش ئالدىدا ئائىشەنى ئىزدەپ بارغىنىمدا ئۇنىڭ دادىسى ماڭا ئېيتقان سۆزلىرى يادىمغا كەلدى دە سادىرنىڭ سۆزىنى بۆلدۈم؛
-بولدى قىل ،ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن ،داداڭ مېنى ياقتۇرمايدۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىشەمۇ ئەينى ۋاقىتتا قىلغانلىرىم ئۈچۇن چوقۇم مەندىن خاپا،شۇڭا ھازىر بارسام تازا قاملاشماسمىكىن ،كېيىنچە بولسۇن قانداق؟
-ئاداش ،سىڭلىم توغرا چۈشىنىدۇ-دېدى ئۇ ماڭا يېشىمنى سۇرتۈش ئۈچۈن قول قەغىزى سۇۇنغاچ،مەن ئۇنىڭغا ھەممىنى چۈشەندۈرگەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە دادام ئاپاممۇ سەن كەتكەندىن كېيىن سىڭلىمنىڭ ئازاپلىنىشىغا چىدىماي ،سەن كەلگەندىن كېيىنلا ئىككىڭلارنىڭ تويىنى قىلىپ قويىدىغان بولغان.ئۇنىڭ ئۈستگە سەن ھازىر ئائىلەڭنىڭ ئىگىلىكىنى قايتا تىكلىدىڭ ،ئۇلار سەندىن قۇسۇر تاپالمايدۇ. خاتىرقەم بول. ئۇنىڭ سۆزلىرى ئەنسىرەشلىرىمنى تۈگەتكەندەك قىلسىمۇ،مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم ئائىشەنىڭ مېنى كەچۈرمەسلىكى ئىدى.
-بولدى كۆپ ئىشلارنى ئويلىماي يۇرە !!!!!
ئۇنىڭ زورلاشلىرى بىلەن ئامالسىزئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم. ئەمما قەلبىمدە يەنىلا ئەنسىرەش،ئائىشەنىڭ مېنى كەچۈرشىنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلاتتىم.
بىز ھەيدىۋالغان ماشىنىنى كۆرۈپ ھەممەيلەن ھەيران قېلىشاتتى.سادىرلارنىڭ ئۆيى قەبرىستانلىقنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ئىدى،ئۇنىڭ ئۆيى چەتتىرەك بولغان بىلەن ئەتراپىدا بۈككىدە دەرەخ ،ئالدىدا كەڭ كەتكەن سازلىق ،سازلىقتا ياۋا غاز ،ياۋا ئۆردەك .....قاتارلىق پەسىل قۇشلىرى مىغ- مىغ ئىدى ،بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئائىشە بىلەن مۇشۇ كەڭ كەتكەن سازلىقتا ئۆردەك تۇخۇملىرىنى ئوغرىلاپ پۇشۇرۇپ يەيتتۇق.ئاندا ساندا ئۇچراپ قالىدىغان ئوۋچىلارنى كۆرگىنىمىزدە قۇمۇشلار ئارىسىغا مۆكىۋېلىپ ،ئۇلار ئولجىسىنى ئوتقا تاشلىغاندا يۈگۈرۈپ كېلىشكىنىمىزچە ئولجىغا تەڭ شېرىك بۇلاتتۇق.بەزىدە مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن سازلىقتا سۇ ئۈزسەك ،بەزىدە چەت قۇملۇقلاردا يۇلغۇن ،زاغزاق.....تۈۋىدە ئۇخلاپ ياتقان توشقانلارنى ئۈركۈتۈپ نە-نەلەرگىچە قوغلاپ كېتەتتۇق.ھارغىنىمىزدا قۇملۇقتىكى كىچىك بۇلاقلاردىن قانغۇچە سۇ ئىچىپ بۇلاق بويىدىلا ئۇخلاپ قالاتتۇق.بىر كۈنى ياسىن ئىسىملىك سېمىز بىر بالا شۇ بۇلاق بويىدا ئۇخلاۋېتىپ‹تۇتىۋالدىم ھاھا › دىگىنىچە يۇمىلاپلا بۇلاققا چۈشۈپ كەتكەنىدى.بىز ئۇنى بۇلاق ئىچىدىن ئارانلا تارتىپ چىقارغانىدۇق.ياسىن ئۆزىنىڭ چۈش كۆرگەنلىكىنى بىلىپ كۈلۈپ كەتكەنىدى.بىزمۇ تېلىققىچە كۈلۈپتۈق. شۇ ئىشلارنى ئويلاپ كۈلۈپ كەتتىىم،سادىر ھەيران بۇلۇپ ؛
-ئاداش،ماشىناڭنى ھەيدىمەي نىمىگە كۈلۈپ كەتتىڭ؟ دەپ سورىدى.
-ھېچنىمە ،شۇ بۇرۇنقى ئشلار ئېسىمگە كەپ قالدى، دېدىم مەن كۈلكەمنى ئارانلا بېسىۋېلىپ.
ئالدىمدىكى قەبرىستانلىقنى كۆرۈپ ماشىنىنى توختاتتىم ۋە سادىرغا ماشىننى ھەيدەپ قايتىپ تۇرۇشىنى جىكىلەپ ئاپامنڭ قەبرىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.ئۇنىڭ قەبرىسىگە يېقىنلاشقانسېرى يۈرۈكۈم بىر نەرسىنى تۇيغاندەك بۇلدى.دىگەندەك ئاپامنىڭ قەبرىسى ئالدىدا بىر قىز دۇئادا بولۇۋاتاتتى،ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۇزۇن دۇئا قىلدىم .دۇئادىن يېنىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەينىمگە بۇرۇلدۇم،كەينىمدىكىسى دەل ئائىشە ئىدى.ئۇنىڭ مەندىن رەنجىگەن ياكى رەنجىمىگىنىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ چىرايىغا سەپسالدىم،ئۇ بولسا چېچى ۋە قۇلىقىنى يۆگەپ چىگىۋالغان ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن كۆزلىرىدىن ئېقىۋاتقان ياشنى ئېيتىشقا ئۈلگۈرمەيۋاتاتتى.ئۇنىڭ كۆزىدىن ئاققان مۇنچاق-مۇنچاق ياش تامچىسى كۆزىدىن يۈزىگە سىرغىپ چۈشۈپ ،قىپقىزىل مەڭزىلىرىدىن ساقىپ قۇياش نۇرىدا پارقىراپ تۇرغان ئالتۇن رەڭ توپىلىققا سىڭىپ كېتەتتى.مەن قايتىلاتىن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدىم،ئۇنىڭ يەنىلا ئادەمنى جەلىپ قىلىدىغان ئوتلۇق كۆزلىرىدىن ھېس قىلدىمكى ئۇ مەندىن رەنجىمىگەندەك قىلاتتى. ئىللق باغرىمنى ئۇنىڭغا ئاچتىم ،ئۇمۇ گويا سۇغا تەشنا بولغان بېلىقتەك ئۆزىنى ماڭا ئاتتى.ئۇنى كەڭ باغرىمغا ئالدىم .ئۇ مىنى شۇنچىلىك چىڭ قۇچاقلىدىكىن مىنىڭ يەنە ئۇنى تاشلاپ كېتىشىمدىن ئەنسىرگەندەك قىلاتتى.
-كەچۈر ئائىشە ،مەن ئەسلى سېنى تاشلاپ كەتمەسلىكىم كېرەك ئىدى،-دېدىم مەن ئۇنى يەنە بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكىدەك سەنلەپ-ئەمما شۇ كۈنى سەن كەتكەندىن كېيىن داداڭنىڭ نېمە دېگىنىنى بىلمەيسەن ،ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ۋىجدانىم كۆتۈرەلمىدى ،شۇڭا .........گەپلىرىمنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەيۋاتاتتىم.قانداقلا بولمىسۇن بىر ئوغۇل بالا تۇرۇقلۇق ئۆزى سويگەن ھەم ئۆزىنى سۆيگەن بىر قىزنى گەپ سۆسىز تاشلاپ كېتىپ يەنە ئۇنىڭغا ‹مېنى كەچۈرۈڭ›دېسەم ئۇ مېنى كەچۈرەمۇ!؟ بۇ ۋاقىتتا ئائىشە مېنى ئىتتىردى.ئەمدىلا سىردىشىنى قايتىلاتىن تاپقان،سۆيگۈ ئازابىدا چاڭقىغان يۈرەكلىرىم بۇ كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىشلەردىن تەمتىرەپ قاتتىق سوقماقتا ئىدى.ئائىشە مەن راستىنلا رەنقىگەندەك قىلاتتى.
-سەن مەندىن كەچۇرۈم سورىماقچىمۇ مەردان،ھاجەتسىز.دېدى ئۇ كەينىگە ئىككى قەدەمچە داجىپ.ئۇنىڭ بۇ سوزلىرى مېنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۋەتكەنىدى.ئۇ كۆزلىرىدىكى ياش يۇقىنى پاكىز سۈرتۋەتكەندىن كېيىن ماڭا؛
-كەچۈرگىن مەردان،ئەسلى بۇنداق قىلماسلىقىم كېرەك ئىدى،شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە چۈشۈپتىمەن .ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى بۇرۇنقىدىن پەقەتلا ئۆزگەرمىگەنىدى.ئۇنىڭ مۇشۇ يەرلىرى ماڭا ئەڭ يېقىملىق تۇيۇلاتتى.ئەمما مېنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم يەنىلا ئۇنىڭ كەچۈرىشى ئىدى.
-سەن مەندىن كەچۈرۈم سورىغىدەك ئىش قىلغىنىڭ يوق،ئەكسىچە مەن سەندىن كەچۈرۈم سورىسام بولىدۇ.ئەينى ۋاقىتتا سېنى قوللىشىم كېرەك ئىدى.دادامدىن ئۇنىڭ ساڭادېگەن ھەممە گەپلىرىنى ئاڭلىغانىدىم ،ئۇ كېيىن ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن سەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىككىمىزنىڭ تويىنى قىلىپ قويماقچى بولغانىدى،شۇ كۈندىن باشلاپ مەن سېنى كۈندە مۇشۈ يەردە ساقلىدىم . ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئۇنىىڭ مېنى ئاللىبۇرۇن كەچۈرگىننى بىلگىلى بۇلاتتى.ئۇنىڭ كۆزىدىن يەنە ياش تۆكۈلۈشكە باشلىدى.
-سەن مېنى مېھمان قىلماقچى ئەمەسمىدىڭ،-دېدىم مەن ئۇنىڭ كەيپىياتىنى ئوڭشاش ئۈچۈن،-ماڭامدۇق.
ئۇ كەينىمدىن ئەگىشىپ ماڭدى ،ئاغزىمدا دىيەلمىگىنىم بىلەن ئۇنىڭ مىنى كەچۈرۋەتكىنىگە خۇشاللىقىمدىن سەكرىۋېتەيلا دەپ قالغانىدىم.ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى ئىشلارنى سوزلەشكەچ ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدۇق.
ئۆيگە كىرگىنىمىزدە ئۆيدە ئائىشەنىڭ دادىسى .ئاپىسى،ئاكىسى سادىر ۋە مەھەللىنىڭ چوڭلىرى ئولتۇراتتى،بىر چەتتە بولسا مەن ۋە ئائىشەنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا بىرگە ئوينىغان دوستلىرىمىز ئولتۇرشاتتى.ئۇلار مېنى تۆرگە ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن تاماق ئەكىردى ،تاماق يەپ بولۇپ دۇئا قىلىپ بۇلۇشىمىزغا، سادىر بىر سومكنى ئەكىرىپ ئالدىمغا قويدى،سومكىنىڭ ئاغزىنى ئاچسام ئىچىدە مەن 13 ياش ۋاقتىمدا چۈشكەن دادام ئاپام بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ سۈرىتى تۇراتتى.ئاپامنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ يەنە يىغا تۇتتى.شۇ ئارىدا مەھەللىمىزنىڭ چوڭى،دادامنىڭ بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكى بىر دوستى مەندىن سوراپ قالدى؛
-مەردانجان ئوغلۇم ،نەچچە يىللاردىن بېرى نەلەردە يۈردۈڭ ؟بىز سەندىن بەكلا ئەنسىرىدۇق.
-بۇ گەپلەرنى سوزلىسەم گەپ بەك ئۇزۇن، ئاڭلاشنى خالىساڭلار سوزلەپ بېرەي،دېدىم مەن .دادامنىڭ دوستى؛
-سۆزلەۋە بالام،قۇلىقىمىز سەندە،-دېدى.مەن پۈتۈن ئۆيدىكىلەرگە بىر قۇر قاراپ چىقتىم ، مىنىڭ ئاغزىمدىن خۇددى ئەپسانە-چۆچەك ئاڭلايدىغاندەك ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزى مىنىڭ ئاغزىمدىلا ئىدى.پەقەت ئائىشەلا مېنى ئۇزۇندىن بېرى كۆرمىگەچكە سېغىندىمۇ ئەيتاۋۇر مېنىڭ كۆزۇمگە تىكىلگىنىچە قاراپ ئولتۇراتتى،مەن ئائىشەگە يەنە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن سۆزۈمنى باشلىدىم.
سىلەرمۇ بىلىسىلەر ئۇ ۋاقىتلاردا ئائىلىمىز بەكمۇ باياشات ئىدى،ئەمما دادام ئاپام بەكمۇ ئاددى- ساددا ئادەملەر ئىدى.يالغۇز بالا بولغاچقىمۇ ماڭا بەكلا كۆيۈنەتتى.مېنىڭ ئۆگۈنۇشلىرىمدىن پەخىرلىنەتتى.ماڭا بەكمۇ ئامراق ئىدى.دادادم شۇنچىلىك ئاقكۆڭۇل ئادەم ئىدى.ئۇ مەكتەپلەرگە ،مەسچىتلەرگە،يىتىم-يېسىرۋە نامراتلارغا ياردەم قىلاتتى. قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارنى كۆرگەندە قىيىنچىلىقنى ئۇلار بىلەن بىللە يىڭەتتى.شۇڭلاشقا مەن دادامدىن بەكمۇ پەخىرلىنەتتىم،ھېلىمۇ ئېسىمدە مەن باشلانغۇچنىڭ ئۈچىنجى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا دادام مەكتىپىمىزگە نامرات ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سوراش،ئۆگۈنۈشتە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن كەلدى،مۇكاپاتلانغان ئۆگۈنۈشتە ياخشى ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە مەنمۇ بار ئىدىم ،ماڭا مۇكاپاتنى دادام ئۆز قۇلى بىلەن تارقىتىپ بەردىۋە ماڭا قاراپ ئىللىق كۈلۈمسرەپ قويدى، مەن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم.
پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەكتەپتىن قايتىش ئالدىدا مۇئەللىم مەندىن ؛
- مەردان،بايىقى كىشى كىم بولىدۇ ؟ دەپ سورىدى .مەن پەخىرلەنگەن ھالدا ؛
-ئۇ مېنىڭ دادام ،دېدىم.مۇئەللىم ۋە ساۋاقداشلىرىم ھەيران قالدى.شۇنىڭدىن باشلاپ مۇئەللىمىم ۋە ساۋاقداشلىرىم مېنى بۆلەكچە ھۆرمەتلەيدىغان بولۇپ كەتتى.ساۋاقداشلىرىمنىڭ بەزىلىرى ماڭا كۆيۈنسە ،بەزىلىرى ماڭا ھەسەت قىلاتتى.
بىر كۈنى ئۆيگە كېلىپلا بۇ ئىشلارنى ئاپامغا دەپ بەردىم ،بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئاپامنىڭ ئاچچىقى كەلدى ۋە ماڭا؛
-ئوغلۇم ،كونىلاردا ‹كەمتەرلىك كىشىنى ئالغا باستۇرىدۇ،مەغرۇرلۇق كىشىنى ئارقىدا قالدۇرىدۇ›دېگەن گەپ بار،سەن زېرەك ھەم ئەقىللىق كۆپ سۆزلىمىسەممۇ بۇ ئىلارنى چۈشىنىسەن ،داداڭ ۋە مەن سېنىڭ بۇ ئىشلاردىن مەغرۇرلىنپ كېتىپ ئۆگۈنۈشۈڭگە دەخلى يېتىشىدىن ئەنسىرەيمىز،دېدى.مەن قىلغانلىرىمدىن سەل خىجىل بولغاندەك بولدۇم ۋە ئاپامنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ؛
-خاتىرجەم بولغىن ئاپا،مەن چوقۇم ياخشى ئوقۇپ دادام بىلەن سېنىڭ ئۈمىدىڭنى ئاقلايمەن ، ئۆگەنىشىمنى ھەرگىز بۇشاشتۇرۇپ قويمايمەن ،دېدىم .ئاپام مېنى باغرىغا باسقىنىچە يىغلاپ كەتتى.
بىر نەچچە ئايدىن كېيىن دادام شەھەرگە نامراتلارغا لازىملىق نەرسىلەرگە كىرىپ ،قايتاشىدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىدى.ۋەقەدە ئۇنىڭ بىر قۇلى سۇنغان ،يەنە بىر قۇلى بولسا ئۈزۇلۈپ كەتكەنىدى.ئۇ ۋاقىتلاردا كىچىك بولغاچقا بىلمەپتىكەنمەن،ھازىر ئويلىسام دادام بەكمۇ ئازاپلانغانىكەن . دادامنىڭ يارىسى ئېغىر بولغاچ ئوپراتسىيە قىلمىسا بولمايتتى،بۇنىڭغا نۇرغۇن پۇل كېتىدىغان بولغاچقا ئاپام يېڭىلا سېتىۋالغان ئۆيىمىزنى سېتپ دادامنى ئوپراتسىيە قىغۇزدى.دادامنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولمىغاچ ،ئاپامنىڭمۇ كوڭلى يېرىم ئىدى.بىر نەچچە ئايدىن كېيىن دادام دوختۇرخانىدىن چىقتى. ئۆيىمىزنىڭ بۇنچە خاراب بۇلۇپ كېتىشى ئۇنى قاتتىق ئازاپلايتتى.دادام ئەمدى باشقا ئىش قىلالمايتتى،ئۆينىڭ ھەممە ئېغىر يېنىك ئىشلىرى شۇ بىچارە ئاپامغا قالغانىدى.بىر قاتناش ۋەقەسىنىڭ ئائىلىمىزنى بۇنچىۋالا ۋەيران قىلىۋېتىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.ئاپام كۈندە سىرتقا چىقىپ باشقىلارنىڭ ئۇششاق –چۈششەك ئىشلىرىنى قىلاتتى.دادام ئىش قىلالمىغاچ ئاپامنىڭ ئۇشششاق- چۈششەك ئىشلارنى قىلىپ تاپقان ئازغىنە پۇللىرى دادامنىڭ ئايلىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشلىرىگە ئارانلا يېتەتتى.ئۆينىڭ لازىمەتلىكلىرىنى باشقىلار ياردەم قىلغان پۇللار بىلەن قامدايتتۇق.بەزىدە ئاپامنىڭ تارتىۋاتقان جاپالىرىنى كۆرۈپ يىغلاپ كېتەتتىم،ئەمما مەندە نېمە ئامال ،مەندىكى بىردىنبىر قىلالايدىغان ئىش مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ ،ئېرىشكەن نەتىجىلىرىم بىلەن ئۇلارنى خۇشال قىلىپ ،ئازراق بولسىمۇ ئۇلارنىڭ روھى زەربىسىنى يىنىكلىتىش ئىدى.
دادامنىڭ كېسىىلى كۈندىن –كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقىنى بىلەن،ئۇنىڭ مىجەزى بارغانسىرى ئەسكىرىشىپ كېتىۋاتاتتى.كىسەلنىڭ ئازابىغا چىدىمايمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ بىلمىدىم كېيىنچە دادام ھاراق ،تاماكىغا ئۆگۈنۈپ قالدى.بەزى ۋاقىتلاردا كۈنلەپ ئۆيگە قايتمىايتتى.
باشلانغۇچنىڭ ئالتىنجى يىللىقىدىكى ۋاقىتلىرىمغۇ دەيمەن.ئاپامنىڭ تىنى ئاجىزلاپ قالدى.بىر كۈنى ئۇ كىرلەرنى يۇيۇۋېتىپ يىقىلىپ چۈشتى،دادامنىڭ ئۆيگە قايتىپ كەلمىگىنىگە نەچچە كۈن بولغاچقا،ئاپامنىڭ ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە كەلدىم.تاغام ئاپامنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى. نەچچە سائەتلىك تەكشۈرۈشتىن كېيىن دوختۇر ئاپامنىڭ تېنىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەلىكى،بەدەندە قان ئاجىزلىقىنى،ئائىلىدە قۇۋەت تولۇقلاش،ھەمدە يېنىدىن بىرسىمىزنىڭ ئايرىلماسلىقىمىزنى جىكىلەپ،نۇرغۇن دورىلارنى بەرگەندىن كېيىن قايتىپ كەلدۇق. تاغام ئاپامنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتمەكچى بولدى،ئەمما ئاپام؛
-ئۇ يەرگە كەتسەم ئۆيدىن ئەنسىرەپ قالىمەن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەرداندىن ئەنسىرەپ قالىمەن ،ئۇنى بىللە ئېلىپ كەتسەك مەكتەپكە قۇلايسىز بولۇپ قالىدۇ.ئۇ ئوقۇمىسا بولمايدۇ.دېدى.تاغام ئامالسىز ماڭا ئاپامنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىمنى تاپىلاپ قايتىپ كەتتى.ئەمما ئاپامنىڭ كېسىلى كۈندىن- كۈنگە ئېغىرلاپ كېتىۋاتاتتى.مەنمۇ ئاپامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن مەكتەپكە بارالمايۋاتاتتىم.بىر كۈنى ئاپام مېنى چاقىردى ۋە ماڭا؛
-ئوغلۇم،مەندىن ئەنسىرمەي مەكتىپىڭگە بېرىۋەرگىن،مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ ياخشى باھالارنى ئېلىپ كەلسەڭلا مېنى خۇشال قىلالايسەن،مەنمۇ كۈندىن-كۈنگە ياخشى بولۇپ قېلىۋاتىمەن.ئۆگۈنۈشۇڭ مۇھىم.دېدى.مەنمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ مەكتەپكە باردىم.
چۈشتىن كېيىن مۇئەللىم مېنى چاقىرتىپ؛
-مەردان.كەچكىچە بىر ماقالە يازغىن،چوقۇم بۈگۈن كەچكىچە پۈتكۈز،ئەتە سەھەردە ناھىيەگە يوللاپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىمىز ،دېدى.خۇشال بۇلۇپ ماقالە يېزىشقا كىرىشىپلا كېتىپتىمەن.ماقالىنى يېزىپ بۇلۇپ ئەتراپىمغا قارىسام ئاللىبۇرۇن قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغانىكەن.ئاپامدىن ئەنسىرەپ ماقالىنى مۇئەللىمگە تاپشۇرۇپ بېرىپ ئۇدۇل ئۆيگە قاراپ يۈگۈردۈم.مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ ئون نەچچە قەدەم مېڭىشىمغا يول بويىدىكى بىر توپ قىمارۋاز،ھاراقكەشلەرنى كۆرۈپ قالدىم. مەن ھاراقكەشلەرنىڭ قانداقلىقىنى دادامنىڭ ھالىدىن كۆرگەچكە ھاراقكەشلەردىن بەك نەپرەتلىنەتتىم،ۋە ئۇلاردىن بەك قورقاتتىم،شۇڭا ئۇلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يول بويىدىكى ئېرىق بىلەن مېڭىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدىنمۇ ئۆتۈپ كەتتىم.پۈتۈن خىيالىم ئاپامدا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن يۈگۈرۋاتاتتىم،تۇيۇقسىز ئارقامدا بىرسىنىڭ چاقىرغىنى ئاڭلاندى.چۆچۈپ كەينىمگە قارىسام ھېچكىم يوق ئىدى.يۈرۈكۈمنى ئەنسىزچىلىك قاپلاشقا باشلىدى،كەينىمگە بۇرۇلۇپ يەنە يۈگۈرۈشكە باشلىدىم.خۇددى ئارقامدىن بىرسى قوغلاۋاتقاندەكلا ،ھازىرلا تۇتىۋالىدىغاندەك بار كۈچۈم بىلەن يۈەۈرۈپ ئاخىرى ئۆيگىمۇ يېتىپ كەلدىم.ئۆينىڭ چىرىقى ئۆچۈك ئىدى.بۇرۇن بولسا كەچ قالغىنىمدا ئاپام مېنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ تۇراتتى.ئەمما بۈگۈن شۇنچە قاراڭغۇ بولۇپ كەتسىمۇ ئەجەپ چىراق ياندۇرماپتىغۇ!؟ئەجىبا تەقدىر ئۇنى مەندىن......... قالغان ئىشلارنى ئويلاشتىنمۇ قورقاتتىم .شۇ خىياللار ئىچىدە ئۆيگە كىرىپ چىراقنى ياقتىم. ئاپام ئۆينىڭ ئوتتۇرسىغا قۇيۇلغان يۇمىلاق ئۈستەلدە بېشىنى قولىغا قويغىنىچە جىممىدە ياتاتتى.ئاپامنىڭ قولىنىڭ يېنىدىلا بىر قاچىدا ئۈستى يېپىلغان تاماق تۇراتتى.قاچىنى تۇتۇپ باقسام بۇ تاماقنى بۇ يەرگە قۇيۇپ قويغانغا خېلى بولغاندەك قىلاتتى.ئاپامنى ئويغىتىش ئۈچۈن چاقىردىم؛
-ئاپا،ئاپا،ئويغانغىن ئاپا،مەن قايتىپ كەلدىم.ئۇ ئاستاغىنە بېشىنى كۆتۈردى. چىرايىغا سەپ سالدىم.ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ قان رەڭگى قالمىغانىدى. ئۇ ئىنتايىن پەس ئاۋازدا؛
-ئوغلۇم ساڭا تاماق ئېتىپ ساقلاپ تۇرغانىدىم.سوۋۇپ قالمىسۇن تېزرەك يەۋالغىن.ئۇ شۇنداق دەپلا بېشىنى يەنە ئۈستەلگە تاشلىدى.شۇ ئەسنادا دادام كىرىپ كەلدى ۋە ماڭا؛
-مەردان ، بايا يولدا چاقىرسام قاراپمۇ قويماي يۈگۈرۈپ كېتىۋاتىسەنغۇ.ھەي نېمانچە كەچ قايتىپ كەلگەنسەن،دېدى.ئۇ ئېغىر مەس بولغاچقا گەپلىرى ئاغزىدىن چۈشۈپ قېلىۋاتاتتى.ئاندىن ئۇ ئايىقىنىمۇ سالماستىن يېتىپلا ئۇيقۇغا كەتتى.مەن ئاپامغا قارىدىم ،ئاپام ئۈستەلدە يەنە بۇرۇنقىدەك بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي ياتاتتى.
-ئاپا ،جېنىم ئاپا تۇرە ،كۆزۈڭنى ئاچقىن ئاپا. ئاپام كۆزىنى ئاچىدىغاندەك ئەمەس .قوررققىنىمدىن ۋارقىرىۋتتىم؛
-ئاپا ،كۆزۈڭنى ئاچقىن جېنىم ئاپا ، مېنى تاشلاپ كەتمە ،كۆزۈڭنى ئاچقىن. چاقىرغىنىمنىڭ پايدىسى يوق ئىدى. ئاپامنىڭ بېشىنى كۆتۈرگىدەكمۇ ماغدۇرى يوق ئىدى.يۈگۈرۈپ چىقىپ دادامنى چاقىردىم؛
-دادا . تۇرغىن ئاپام بۇلالمايۋاتىدۇ،ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى ،تېز تۇر .تارتتىم،سۆرەپمۇ باقتىم ئەمما دادامنى زادىلا تۇرغۇزالمىدىم.ئۇ بەكلا ئېغىر مەس بولغاچ بېشىنى كۆتۈرسىمۇ گەپلىرىم قۇلىقىغا كىرمەيۋاتاتتى.ئاپامنىڭ قېشىغا قايتىپ كىرىپ ئۇنىڭ چېچىنى ،قوللىرىنى سىلىدىم،ئەمما ئۇ زۇۋان سۈرمەيتتى.مەن تۇيۇقسىز ئۇنىڭ بىلەكلىرىدىكى كۆكى كۆرۈپ قالدىم ،ئېنىقكى بۇ بىرسىنىڭ ئۇرغان تاياق ئىزى ئىدى.مەن دادامدىن شۇنچىلىك نەپرەتلەندىم.شۇ ھامان خىيالىمغا تاغامنى چاقىرىپ كېلىپ،ئاپامنى دوىتۇرخانىغا ئاپىرىش كەلدى دە تاغامنىڭ ئۆيىگە قاراپ يۈگۈردۈم.ئەتراپ قاپقاراڭغۇ،يوللار تىمتاس،ئەمما ،مەندە قىلچە قورقۇش يوق ئىدى.تاغامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بولغان ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېيتتىم،ئۇ ئالدىراپ بىزنىڭ ئۆيگە كەلدى،بىز كەلگەندە دادام يەنىللا بۇرۇنقى ئورنىدا ئۆلۈكتەك ياتاتتى.تاغام ئۇنىڭغا شۇنچىلىك نەپرەت بىلەن قاراپ قويدىكىن ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرىدىن ئۇنىڭ دادامغا قانچىلىك ئاچچىغى كەلگەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى.بىز ئاپامنىڭ قېشىغا كەلگىنىمىزدە ئۇ يەنىلا قوللىرىغا بېشىنى قويغىنىچە جىممىدى ياتاتتى. تاغام ئۇنىڭ يۈزلىرىنى سىيلاپ تۇرۇپ ماڭا؛
-ئوغلۇم،ئاپاڭ ماڭا ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى ،ئۇزۇن بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيىتقان.ئۇ سېنى ماڭا تاپشۇرغان.ئۇ شۇ گەپلەرنى دەۋاتققىنىدا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇللۇشقا باشلىدى.شۇ ۋاقىتتا كىچىككىنە مۇشتتەك يۈرۈكۈم يېرىلىپ كەتكىلى قىل قالدى.ئەمما ئۆزۈمنى شۇنچىلىك تۇتىۋالدىم،شۇنچىلىك يىغلىغىم كەلدى ،ئەمما ئاپامنىڭ ‹بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇققاندا قەيسەر بولغىن،ھەرگىز يىغلىمىغىن، ئاللاھ ساڭا مەڭگۈ مەدەتكار بولىدۇ ›دېگەن سۆزلىرىنى ئېسىمگە ئېلىپ توختاپ قالدىم .ئاپامنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ چاچلىرىنى،قوللىرىنى سىيلاشقا باشلىدىم.ئۇنىڭ قوللىرى مۇزلاپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇنىڭ قانلىرىدىكى ئىللىق ئانا مىھرىنى يۈرۈگۈم تۇيۇۋاتاتتى.
ئەتىسى سەھەردە ئاپامنى يەرلىككە قويدۇق .شۇ ۋاقىتتا كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولدى .دادامنىڭمۇ كۆڭلىنىڭ قانچىلىك يېرىم بولغانلىقىنى بىر كۆرگەنلا كىشى بىلەلەيتتى.لېكىن مېنىڭ دادامغا بولغان نەپرىتىم مەڭگۈ ئۆچمەيدىغاندەك قىلاتتى.ئەگەر ئۇ مەن چاقىرغاندا ئورنىدىن تۇرغان بولسا،ئاپامنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپارغان بولسا بەلكىم ئاپام ئۆلۈپ كەتمەسلىكى مۇمكىن ئىدى.شۇ ئاچچىغىمدا ئۇنى يەنە بىر قېتىم ‹دادا› دەپ چاقىرىشىم مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى.ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن تاغام مېنى دادامنىڭ ئالدىغا ئاپاردى ۋە دادامدىن؛
-مەردان مەن بىلەن تۇرسۇنمۇ ياكى سىز بىلەن تۇرىۋېرەمدۇ؟ دەپ سورىدى .دادام گەپ قىلىپ بولغۇچە مەن ۋارقىرىدىم؛
-تاغا ،سىز بىلمەيسىز ،ئۇ دائىم ئاپامنى ئۇرىدىكەن ،تۆنۈگۈنمۇ ئۇ مەن چاقىرغاندا تۇرۇپ ئاپامنى دوختۇرخانىغا ئاپارغان بولسا ئاپام ئۆلۈپ كەتمەيتتى .مەن بۇرۇن ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك پەخىرلىنەتتىم.ئۇنى شۇنچىلىك ھۆرمەتلەيتتىم،ئائىلەمنىڭ بەخىتلىكلىكىدىن ،دادام ئاپامنىڭ ماڭا كۆيۈنۈشلىرىدىن پەخىرلىنەتتىم ،دادامنى دۇنيادىكى ئەڭ كۆيۈمچان ،ئەڭ مېھرىبان دادا دەپ ئويلايتتىم .ئۇنىڭسىز ياشىيالمايدىغاندەك ھېس قىلاتتىم .ئەمما ھازىرئۇنىڭ مېنىڭ دادام بۇلۇپ قالغىنىدىن نۇمۇس قىلىۋاتىمەن.بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ دادام يىغلاپ كەتتى.تاغاممۇ ئاچچىقلىنىپ ۋارقىرىدى؛
-مەردان بولدى قىل ،ئۇ دىگەن سېنىڭ داداڭ.
-مېنىڭ ئۇنداق دادام يوق،ئۇ مېنىڭ دادام بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەس ،دەپ ۋارقىرىغىنىمچە كېتىپ قالدىم.
شۇ كۈندىن باشلاپ تاغامنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدىم.كۈندە ئاپامنىڭ قەبرىسىنى يوقلايمەن دەپ مەكتەپكىمۇ بارمىدىم.بىر كۈنى قەبرىستانلىقتىن قايتىۋېتىپ يىراقتىن كېلىۋاتقان بىر قىزنى كۆرۈپ قالدىم.ئۇ دەل ئائىشە ئىدى.ئەتىسى كەلگىنىمدە ئۇ مېنى ساقلاپ تۇرغانىكەن.مەن ئۇنىڭغا گەپمۇ قىلماستىن ئۇدۇل ئاپامنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كەلدىم،تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئاللاھتىن ئاپامنىىڭ ئۇ دۇنيادىكى بەختىنى ،خاتىرجەملىكىنى تىلىدىم. دۇئادىن يېنىپ كەينىمگە بۇرۇلغىنىمدا ئائىشەمۇ ئاپاممغا دۇئا قىلىۋاتقانىكەن.ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ مەندىن؛
-سىز ھەقىقەتەن ۋاپادار،كۆيۈمچان بالا ئىكەنسىز،كۈندە ئاپىڭىزنىڭ قەبرىسىنى يوقلايدىكەنسىز،خالىسىڭىز بىز دوست بولۇپ قالساق بولامدۇ؟ دەپ سورىدى.مەن سەل خىجىل بولۇپ قالغان بولساممۇ ھازىرقىدەك كۆڭلۈم يېرىم ،تەسەللى بەرگۈدەك بىرمۇ يېقىن دوستلۇرۇم يوق ئەھۋال ئاستىدا،ماڭا ئەڭ مۇھىم بولۇۋاتقىنى مېنى چۈشىنىدىغان،ماڭا تەسەللى بېرىدىغان بىر دوستۇمنىڭ بولىشى ئىدى.شۇڭلاشقا مەنمۇ تېزلا ماقۇل بولدۇم.ئۇ يەنە ماڭا؛
-بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم باشقا بىرسى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىشىم،رەت قىلمىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت،دېدى.
مەن كۈندە ئاپامنىڭ قەبرىسىگە كەلگىنىمدە ،ئائىشە مېنى ساقلاپ تۇراتتى.ئاندىن ئاپامغا مەن بىلەن بىللە دۇئا قىلاتتى.ئاندىن بىز ئۇنىڭ ئۆيى ئالدىدىكى سازلىقلاردا سۇ چۆمۆلەتتۇق،ياۋا غازلارنىڭ تۇخۇملىرىنى ئوغىرىلاپ قۇمۇشلاردا ئوت قالاپ كۆمۈپ پۇشۇرۇپ يەيتتۇق،قىش كۈنلىرى ئۇنىڭ ئۆيى ئەتراپىدىكى دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىغا قۇشلارغا ئاتاپ ئۇۋا ياساپ بېرەتتۇق .
ئائىشە دائىم مېنى ئۆيىگە ئەكىرەتتى.ئۇنىڭ داداىسى دادامنىڭ بۇرۇنقى ئاغىنىسى بولغاچقىمىكىن ماڭا بەكمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى.دائىم ئۆيىدىكى ياخشى نەرسىلەرنى ماڭا بېرەتتى.ئەمما ئائىشەنىڭ ئاكىسى سادىر مېنى پەقەتلا ياقتۇرمايتتى.ئۇنىڭ جىدىلى دائىم مەن بىلەنلا قالاتتى.
بىر كۈنى ئاپامنىڭ قەبرىسىگە دۇئا قىلىپ بۇلۇپ ئائىشەنى ساقلىدىم .ئەمما ئۇ كەلمىدى ،ئۇنى ئىزدەپ ئۆيىگە كەلدىم.ھويلىغا كىرگىنىمدە سادىر ھويلىدا ئويناۋاتقانىكەن.ئۇ مېنى كۆرۈپلا ؛
-ھەي يىتىم ئوغلاق ،يەنە نېمىگە كىردىڭ ؟ دەپ ۋارقىرىدى.بۇنداق گەپنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم بولغاچقىمىكىن شۇنچىلىك ئاچچىغىم كەلدىكىن،يەردىكى بىر تال ياغاچنى ئېلىپ ئۇنىڭغا زەردە بىلەن ئاتتىم.ياغاچ ئۇنىڭ يۇزىگە تەگكەن بولسا كېرەك ئۇ يۈزىنى تۇتقىنىچە قاتتىق ۋارقىرىدى.مەن ئارقامغىمۇ قارىماستىن ئۇدۇل ئۆيگە كەلدىم . ئەتىسى سەھەردە ئۆيدىن چىقىۋىتىپ تاغام بىلەن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ سوزلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.؛
-دادىسى ،ئەسلىدە مەرداننىڭ داداسى ھاراق –تاماكىدىن باشقا قىمارمۇ ئوينايدىكەن ھە؟
-بۇ گەپلەرنى دىيىشمەسلىكىمىز كېرەك ئىدى ،ئەگەر مەردان ئاڭلاپ قالسا چاتاق بولىدۇ. بۇ تاغامنىڭ ئاۋازى ئىدى،‹ ئۇ ئەسلىدە مەندىن يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى يۇشۇرۇپتىكەندە›دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
-سەن دىگەندەك ئۇ قىمارمۇ ئوينايتتى،ئەمما ئۇ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئاندىن قىمارغا ئۆگىنىپ قالغان،ئۇ قىمارغا ئۆگىنىپ قېلىپ قەرزگە بۇغۇلۇپ كېتىپ يېڭىلا سېتىۋالغان ئۆيىنى قەرىز قايتۇرۇش ئۈچۈن سېتىۋەتكەن،ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى ۋەيرىن قىلغان قاتناش ۋەقەسى ئەمەس بەلكى قىمار . ئۇ بۈگۈن مېنى ئىزدەپ كەپتىكەن ،ئۇ تۇرۇۋاتقان ئۆينىمۇ سېتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتىپ ماڭا مەردانغا بېرىپ قويۇڭ دەپ بىر سومكىنى بېرىپ كېتىپ قالدى .ئۇ باشقا يەرگە بېرىپ ئىشلەپ كېلىدىغىنىنى ئېيتقانىدى .ئەگەر مەردان داداسىنىڭ قىمار ئويناپ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلغىنىنى،ئۆزىنى تاشلاپ باشقا يەرگە كەتكىنىنى بىلىپ قالسا ئۇنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدۇ.شۇڭا ئۇ بۇ ئىشلارنى ھەرگىز بىلىپ قالمىسۇن.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ خۇددى يەرگە قېقىپ قويغان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم. بۇ مۇمكىنمۇ؟ ئۇ راستىنلا مىنى تاشلاپ كەتكەنمىدۇ ؟ مەن ئۆز-ئۆزۈمدىن سوئال سورايتتىم ،ئەمما سۇئالىمنىڭ جاۋابىنى مۇقۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆيگە بىر قېتىم بېرىپ كېلىشىمگە توغرا كېلەتتى.ئارقامغا بۇرۇلۇپلا شۇ مېھرىبان ئاپامنىڭ سىيماسى ساقلانغان ،كونا بولسىمۇ ئىللىقلىق كەتمىگەن ئۆيىمىزگە قاراپ ماڭدىم.بۇ يەرگە كەلگىنىمدە ئۆيدەباشقا كىشىلەر ئولتۇرشاتتى،ئۇلار ماڭا؛
- داداڭ بۇ ئۆينى بىزگە سېتۋەتتى،سەن ئەمدى باشقا يەردە تۇر.بۇ يەرگە كېلىۋېلىپ بىزنى ئاۋارە قىلما!!! دىيىشتى.مەن شۇنچىلىك ھەيران قالدىم.شۇنداق بىر ۋاپاسىز ئىنساننىڭ مېنىڭ دادام بولۇپ قالغىنىدىن يەنە بىرقېتىم نۇمۇس قىلدىم،ئۇ نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ؟ ھاراق ،تاماكا ۋە قىمارنىڭ شەيتان بىزنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ھھىيلە –مىكىرلىرى ئىكەنلىكىنى ئۇ بۇرۇن ماڭا ئېيتقانىدىغۇ،ئەمدى ئۇ يەنە نېمىشقا بۇ گۇناھلارنى بىلىپ تۇرۇپ سادىر قىلىدىغاندۇ؟ئۇ مېنىڭ ئۆزى قىلغان گۇناھلىرىنى كەچۈرمەيدىغىنىمنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە نېمىشقا مېنى تاشلاپ كېتىدۇ؟ ئاپامنىڭ ئىزنالىرى ،مىھرىبان سىيماسى مۇجەسسەملەنگەن ئۆيىمىزنى سېتىۋىتىدۇ؟ ...... تالاي سۇئاللار دادامنىڭ جاۋاب بېرىشنى ساقلايتتى.ئەمما ئۇ ھازىر نەدىدۇ؟
شۇ كۈندىن باشلاپ تاغامنىڭ ئۆيىگىمۇ كىرمىدىم، كېچنى بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا ئۆتكۈزدۈم.ھەر كۈنى ئاپامنىڭ قەبرىسىگە كەلگىنىمدە ئائىشە ماڭا تاماق ئاچىقىپ بېرەتتى.بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئائىشە مېنى ئۆيىگە باشلاپ كىردى ، ۋە مەن ئائىشەگە سۆزلەپ بەرگەن ئىشلارنى دادىسىغا سۆزلەپ بەردى.ئۇ ماڭا ئىچ ئاغرىتتىمۇ ياكى دادامنىڭ ئاغىنىسى بولغاچ ياردەم قىلماقچى بولدىمۇ بىلمىدىم،ئىشقىلىپ ماڭا:
-ئوغلۇم داداڭ ھامان بىر كۈن قايتىپ كېلىدۇ،ئۇنىڭغىچە سەن بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇپ تۇرغىن .بىز سېنى ئۆز بالىمىزدەك كۆرىمىز،دېدى.
شۇ كۈندىن باشلاپ مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدىم .ئەمدىلىكتە سادىر بىلەن ياخشى ئۆتمىسەم بولمايتتى.باشتا ئۇ ئازراق مەزگىل مېنى بوزەك ئېتىپلا يۈردى.كېيىنچە بىز چىقىشىپمۇ قالدۇق .ئۇ بوزەك ئەتسىمۇ مەن ئۇنىڭغا مەندە بار ياخشى نەرسىلەرنى بەرگەنلىكىم ئۈچۈن مېنىڭ بۇرۇن قىلغانلىرىمنى كەچۈرۋەتكەنىدى.بارغانسىرى ئۇنىڭ بىلەن ئۆز ئاكا –ئۇكىدەك ئۆتىدىغان بولدۇق.
ئائىشەنىڭ ئۆيىدە تۇرىۋاتقىنىمغا نەچچە بولغاندا سادىر سودا قىلىمەن دەپم شەھەرگە بارماقچى بولدى ۋە ماڭا بىللە بېرىش تەۆلىپىنى بەردى،ئەمما مەن بۇ يەردىن ئايرىلىشنى خالىمىغاچقا ئۇنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدىم.بىز بىر –بىرىمىزگە قىيمىغان ھالدا خوشلاشتۇق. بىر كۈنى تاغام بىلەن ئايالى بىر سومكىنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى ، ئۇلاربۇرۇن كۆپ قېتىم كەلگەن بولسىمۇ مەن ئۇلار بىلەن قايتىشقا ئۇنىمىغانىدىم.تاغام مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ:
-ئوغلۇم سەن ھازىر 19 ياشقا كىرىپ قالدىڭ،يەنە بۇلارنىڭ ئۆيىدە تۇرساڭ تازا قاملاشماسمىكىن ،شۇڭا بىز بىلەن قايتىپ كەتكىن ،داداڭ قايتىپ كەلگەندە سېنى تىنىچ – ئامان ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇراي،بولامدۇ؟ ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ دادامنىڭ قىلىغان ئەسكىلىكلىرى كۆز ئالدىمغا كەلدى ،ئەمما چوپچوڭ بولغاندىمۇ بۇلارنىڭ ئۆيىدە تۇرىۋېرىشنى ئۆزۈممۇ تازا توغرا كۆرمەيتتىم.شۇڭلاشقا تاغاملار بىلەن ئۆيگە قايتىشنى قارار قىلدىم.قىيىن كۈندە قالغىنىمدا ياردەم قىلغان نىجاتكارلىرىمغا رەھمەت ئېيتىپ ئائىشەگە كۆزۈم قىيمىغا ھالدا ئۇلار بىلەن خوشلاشتىم.يولدا تاغام ماڭا بىر سومكىنى بەردى.ھەمدە؛
-مەردان،داداڭ بۇ يەردىن كېتىش ئالدىدا بۇ سومكىنى ساڭا بېرىپ قويۇشۇمنى ئېيتقانىدى،ئەسلى بۇرۇنلا ساڭا بەرمەكچىدىم،لېكىن سەن كىچىك بولغاچقا سەل چوڭ بولغاندا بېرەي دەپ ئويلىدىم، ئەمدى ۋاقتى كەلدى،سېنى يەنىلا قايتقىلى ئۇنىمىسا بېرىپ قۇيارمەن دەپ ئالغاچ كەلگەنىدىم.دېدى.دە قولىدىكى سومكىنى ماڭا سۇندى.ئۆيگە كېلىپ ئېچىپ قارىسام ئىچىدە بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ سۈرىتى،مېنىڭ كىچىك ۋاقىتلاردىكى كىيىملىرىم يەنە ئاپام ماڭا ئېلىپ بەرگەن كىچىككىنە پۇل قاپچۇقى تۇراتتى.پۇل قاپچۇقىنى ئېلىپ يانچۇقىمغا سالدىم دە سومكىدىكى نەرسىلەرنى ئائىشەگە ساقلىغىلى بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قېشىغا قاراپ ماڭدىم ،ئۇنىڭ قېشىغا كەلگىنىمدە ئۇ مېنى ساقلاپ تۇرغانىكەن،ئۇ مېنىڭ سومكا كۆتۈرۋالغىنىمنى كۆرۈپ مەندىن سورىدى:
-بىر يەرگە ماڭدىڭىزمۇ ؟ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن مېنىڭ ئۇنى تاشلاپ كېتىشىمدىن ئەنسىرەۋاتقىنى ئېنىقلا ئىدى.مەنمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىمنى ئاللىبۇرۇن ھېس قىلغانىدىم.
-بۇ يەردىن قانداقمۇ كېتەلەيمەن،سەنمۇ مۇشۇ يەردە ،ئاپام بىلەن ئۆتكەن گۈزەل ئەسلىمىلەرمۇ مۇشۇ يەردە تۇرسا. ئۆزۈمنى تۇتۇۋۋالالماي دەپ سالغا سۆزلىرىمدىن سەل خىجىل بولغان بولساممۇ تۇنجى قېتىم ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئېيتىۋالغنىمدىن خۇشال ئىدىم.ئۇ بولسا بويۇنلىرىغىچە قىزىرىپ كەتكەنىدى،ئەمما ئۇنىڭ قانچىلىك خۇشال بولىۋاتقىنىنى بىلىپ تۇراتتىم.
-ئۇنداقتا ئۇ سومكا ؟ ئۇ يەنىلا مەندىن ئېنىق جاۋاپقا ئېرىشمەكچىدەك قىلاتتى.مەن ئۇنىڭغا:
-بۇنىڭ ئىچىدە بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ سۈرىتى،ۋە دادام ماڭا قالدۇرغان نەرسىلەر بار ،ھازىرچە لازىملىقىنى ئېلىپ قالدىم ،قالغىنىنى ساقلاپ بېرەمدىكىىن دەپ سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىشىم،دېدىم،ئۇنىڭ ئەنسىرىشى سەل بېسىقتى بولغاي ،ھەيران قالغاندەك بولۇپ:
-مەردان،بۇ نەرسىلەرنى داداڭ ساڭا قالدۇرغان تۇرسا،يەنىلا ئۆزۈڭ ساقلىساڭ ياخشىمىكىن ،دېدى.
-دادامنىڭ شۇ قىلغا گۇناھلىرى ئېسىمگە كەلسە ئۇنىڭ دادام بولۇپ قالغىنىدىن نۇمۇس قىلىمەن ،ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك نەپرەتلىنىمەن ئائىشە،شۇ تىراگىدىيەنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان بۇ نەرسىلەر يەنىلا سەندە تۇرۇپ تۇرسۇن،ھامان بىر كۈنى قايتۇرۋالىمەن،ئورنۇمدا ياخشى ساقلىغىن. مەن ساڭا ئىشىنىمەن.گەپلىرىمنى تۈگىتىىپ سومكىنى بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلۇشۇپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.
تاغامنىڭ بالىسى بولمىغاچ ماڭا بەكمۇ كۆيىنەتتى،ئۇنىڭ ئايالىمۇ مېىنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرەتتى.مەن بولسام ئەتىگىنى چىقىپ كەتسەم كەچتە كىرەتتىم،ۋاقتىمنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاپامنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ ،ئائىشە بىلەن پىكىرلىشىپ ئۆتكۈزەتتىم،ئۇنىڭ يېنىدىكى ۋاقتىمدا ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەخىتلىك ھېس قىلاتتىم. كېچىلىرى ئۇنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرىنى،كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا تەسەللى بېرىشلىرىنى،ئاللاھ ،ئىمان ھەققىدە ماڭا ھارماي مىسال سۆزلەشلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ ئۇخلاپ قالاتتىم.
بىر كۈنى بەكلا كەچ ئۇخلاپتىمەن،ئەتىسى بەكلا كېيىن تۇردۇم.يۈزۈمنى يۇيۇش ئۈچۈن مېڭىپ ئەمدىلا ئىشىك بۇسۇغىسىدىن ئاتلىشىمغا تاغام بىلەن ئايالىنىڭ ئاشخانا ئۆيدىكى پارىڭى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.
-دادىسى،مەردان بۇ ئۆيدە قاچانغىچە تۇرماقچتىكەن،يا بىرەر ئىش بىلەن كارى يوق،يا كەچتە ئۆيگە بالدۇر قايتمىغان،دادىسىمۇ تاشلاپ كەتتى بۇ يىتىم ئوغلاقنى ،بىز قاچانغىچە باقىمىز!؟ ئالدىمدا خۇددى ئۆزئوغلىنى كۆرگەندەك قىلىپ كېتىدىغان بۇ ئايالنىڭ سۆزلىرى مېنى ھەيران قالدۇرماقتا ئىدى.
-بولدى قىل،-دېدى تاغام ئايالىنى توختىتىۋالماقچى بۇلۇپ،-مەردان ئاڭلاپ قالىدۇ.ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئاپىسى ئەينى ۋاقىتتا بىزگە ئاز ياردەم قىلغانمۇ؟بىز ئۇلارغا قەرىزدار،ئۇنىڭ ئۈستىگە.....
-ۋاي بولدى،دەيتتى ئايالى بىشەملىك بىلەن،تېخىمۇ چالۋاقاپ-ئۇنىڭغا ھېلىمۇ نۇرغۇن ياردەم قىلدۇققۇ،نەچچە يىللاپ ئوقۇتتۇق،ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن يالغۇز بىزلىمىتۇق،ئۇ يىتىم ئوغلاققا دەڭ ئەمدى بۇ ئۆيدىن يوقالسۇن ،سىز دىيەلمىسىڭىز ئۆزۈم دەيمەن!!! داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم،ئۇ مېنىڭ كۆزۈمگە شۇنچە ئاق كۆڭۈل ،خۇددى ئاپامدەك مېىرىبان،گويا رىۋايەتلەردىكى پەرىشتىلەردەكلا كۆرۈنەتتى.ئۇنى ئۆز ئاپامدەكلا كۆرەتتىم،مانا ئەمدى ئۇ مېنى ‹يىتىم ئوغلاق› دەپ ھاقارەتلەۋاتاتتى.شۇنچىلىك ئاچچىقىم كەلدىكى ئىشىكنى قاتتىق ئىتتىرىپ كىردىم.تاغام مېنى كۆرۈپ ،چىرايىمدىن بايىقى گەپلەرنى ئاڭلاپ قالغىنىمنى پەملىدى بولغاي،بىر نىمىلەرنى دىمەكچى بولۇپ ماڭا قارىدى،مەن ئۇنى توختۇتۇپ قويدۇم:
-بولدى تاغا گەپ قىلماڭ،توغرا مەن ھەممىنى ئاڭلىدىم. تاغام ‹مانا ئوبدان بولدىمۇ› دىگەننى قىلىپ ئايالىغا قارىدى.ئۇ بولسا مېنىڭ بۇنداق تۇيۇقسىز كىرىپ قېلىشىمنى ئويلىمىغا بولسا كېرەك، خۇددى قېقپ قويغان قۇزۇقتەك داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالغانىدى.ئۇنىڭ ئالدىغا دىۋەيلەپ كەلدىم،ئەسلى ئۇ قانداقلا بولمىسۇن ماڭا ئۆز ئاپامدەك كۆيۈنۈپ كېلىۋاتاتتى،شۇڭا ئۇنىڭغا بۇنداق ئەدەپسىزلىك قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرساممۇ ئاچچىقىمنى باسالمايلا قالغانىدىم.
-توغرا ،مەن يىتىم،-بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ ئۇ تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتى.-ئۇنىڭ دىۋەيلەپ كەلدىم ،ئاندىن ئۇنىڭغا: توغرا،مەن يىتىم،ئەمما مېنىڭ دىلىم سۇنۇق ئەمەس،،ئاپام ئۆلۇپ كەتتى.داداممۇ يوقاپ كەتتى.لېكىن مەندە ھاياتقا بولغان ئىشەنچ نۇرى ئۆچكىنى يوق.مەن ئېشەنچىمنى يۇقاتمىدىم، دېدىم دە كەينىمگە بۇرۇلۇپلا ئاپامنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كەلدىم.بىلگەندەك ئائىشە مېنى ئۇ يەردە ساقلاپ تۇرغانىكەن.ئۇدۇللا ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم ۋەئۇنىڭغا:
-ئائىشە ،مەن سىزنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن،خالىساڭ بىز توي قىلايلى،مەن بىلەن يىراق – يىراقلارغا كەتكىن.سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي.دېگەن گەپلەرنى ئاران –ئاران دىيەلىدىم.ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئېقىشقا باشلىدى.ئۇنى باغرىمغا باستىم.ئۇمۇ مېنى چىڭ قۇچاقلىدى.ئۇنى مەڭگۈ مۇشۇنداق باغرىمغا بېسىپ تۇرسام مەڭگۈ قويىۋەتمىسەم نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى دەپ ئويلىدىم.ئەمما ئۇ مېنى ئىتتىرۋەتتى.بۇنىڭدىن ھەيران بولۇپ سورىدىم:
-نېمە بولدىڭىز ئائىشە ،ئەجىبا سىز مېنى ياخشى كۆرمەمسىز؟
-كەچۈرۈڭ ،مەن ئەسلى بۇنداق قىلمىسام بولاتتى،ئاللاھ بۇنداق ئىشلارنى راۋا كۆرمەيدۇ. مەردان ،راستىنى ئېيتسام مەنمۇ سىزنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن،ئەمما دادام ئاپام بىزنىڭ ئىشىمىزغا قوشۇلامدۇ يوق بۇنى بىلمەيمەن،ئەمما مەن ئاتا –ئانامنى تاشلاپ بۇ يەردىن كېتىپ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولۇپ قېلىشنى خالىمايمەن.شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ئاللاھ ئىگەم بىزنى ھامان ئۆز پاناھىدى ساقلايدۇ،مەن سىز بىلەن ماڭالمايمەن،كەچۈرۈڭ. ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىدىن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالغىنىمدا،ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولۇپ قالغان ئائىشەنىڭ دادىسى خىيالىمنى بۇزدى،ئۇ بىزگە نەچچە قەدەم يىراقلىقتا توختىدى ۋە ئائىشەنى ئۆيگە ماڭدۇرۋەتكەندىن كېيىن ماڭا:
-مەردان ئوغلۇم،گېپىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىدىم، سەنغۇ مېنىڭ ئالدىمدىلا چوڭ بولدۇڭ ،مەن ساڭا بەك ئامراق ،ئەمما ئائىشە سېنىڭ تەلىپىڭگە قۇشۇلدىمۇ دەيلى،.ئاپاڭ ئۆلۈپ كەتتى،داداڭمۇ يۇقاپ كەتتى،ئائىلەڭلار ۋەيران بولدى ،سەن يەنە ئۇنى بەخىتلىك قىلالارسەنمۇ؟مەن سەن ئېغىر كۈنلەرگە قالغاندا بېشىڭنى سىلىغان ،تامىقىنى يەۋېلىپلا قازاننى چاقساڭ قاملاشماس. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولدى،تېخى يىراقلاپ كەتمىگەن ئائىشەگە قاراپ ۋارقىرىدىم:
-ئائىشە،سېنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم. شۇنداق دېدىمدە كەينىمگە بۇرۇلغىنىمچە يۈگۈرۈشكە باشلىدىم.قانچىلىك يۈگۈردۈم بىلمەيمەن،كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم.بىر ۋاقىتلاردا ھاردىم بولغاي توختاپ يۇمشاق توپا يولغىلا ئۆزۈمنى ئاتتىم.بىر ۋاقىتلاردا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام،بۇرۇنقى ئۆيىمىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتىمەن.ئەمما ئۆيگە كىرەلمەيتتىم.ئاستا قەدەملەر بىلەن ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدىم،توساتتىن ئۆينىڭ ئالدىدىكى مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا شاخلىرىغا چىقىۋېلىپ ئوينايدىغان سۆگەتنىڭ تۈۋىدىن كۆكلەپ چىققان كىچىككىنە بىر تال نوتىنى كۆرۈپ قالدىم.كاللامغا بىر ئەقىل كەلدىدە بارلىق قايغۇنى ئۇنتۇپ ئۇ نوتىنى كولاشقا باشلىدىم.بىر ھازا ھەپىلىشىپ ئۇنىڭ يىلتىزلىرىنى زەخمىگە ئۇچراتماي توپىسى بىلەن قۇمۇرۇپ ئالدىمدە ئۇدۇل ئاپامنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا كەلدىم.قەبرىگە نەچچە غۇلاچ يەردىكى يۇمشاق توپىنى قوللىرىم بىلەن كولاپ ئەكەلگەن كۆچەتنى ئۇ يەرگە تىكتىم.كېيىنچە بۇ سۆگەتنىڭ چوڭ بولۇپ ئاپامنىڭ قەبرىسىگە سايە تاشلايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم.
نەچچە كۈننى بۇ كۆچەتنى سۇغۇرۇش ۋە ئاپامنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش ئۈچۈن ئۆتكۈزدۈم،ئاندىن شەھەرگە بېرىپ ئىشلەش ئۈچۈن يولغا چىقتىم.تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئايرىلىپ باقمىغان يۇرتۇمدىن ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيمىسىمۇ ،تەقدىرىمنىڭ رەھىمسىزلىكى تۈپەيلىدىن بۇ يەردىن ئايرىلمىسام بولمايتتى.ماشىنىغا چىقىپ بولۇپ ئاددى ئۆيلەر جايلاشقان ئەمما كىشىلىرى مېھماندوست كوچىلىرىمىزغا،غەمسىز ھالدا بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئوناۋاتقان كىچىك بالىلارغا،يول بويلىرىدا ئۆز-ئارا قىن –قىنىغا پاتماي پاراڭلىشىۋاتقان بوۋاي –مومىلىرىمىزغا،قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرىدا سوزايلىنىپ ياتقان كەڭ ئېتىزلارغا تويماي قارىۋەتكەندىن يولغا چىقتىم.
شەھەرگە كەلگىنىم بىلەن نېمە ئىش قىلىشىمنى بىلمەيتتىم،تاغامنىڭ قېشىدىنمۇ چىقىپ كەتكەچكە يېنىمغا كۆپ پۇلمۇ سېلىۋالمىغاچقا بۇ يەردە تۇرۇشۇم ئۈچۈن تېزرەك بىر ئىش تېپىپ قىلىشىم كېرەك ئىدى.ئەتىسى تۇرۇپ خىزمەت ئىزدەپ بېقىش ئۈچۈن ياتاق ئېلىپ بالدۇرلا يېتىپ قالدىم.ئەتىسى سەھەردە خىزمەت ئىزدەپ شەھەرنى ئايلىنىشقا باشلىدىم. ئەمما ئوقۇش سەۋىيەرىم باشلانغۇچ،كىچىكىمدىن بىرەر ھۈنەر ئۆگەنمىگەچكە بىر كۈن ئايلىنىپمۇ خىزمەت تاپالمىدىم.مېڭىۋەرگەچكە پۇتلىرىم سىيقىراپ ئاغرىپ ،پۈتۈن بەدىنىمدە جان قالمىغانىدى.ئۆزۈمنى كارۋاتقا تاشلاپ ئاپام بىلەن خۇشال ئۆتكەن كۈنلەرنى، ئائىشەنى،مېھرى ئىسسىق يۇرتۇمنى خىيال قىلىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن.ئەتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرغىنىمدا ئەتراپ تېخى توللۇق يۇرۇمىغانىدى.مەن تاھارەت ئېلىپ ئائىشەنىڭ دەپ بەرگىنى بويىچە ناماز ئوقۇشقا كىرىشتىم.راستىنى ئېيتقىنىمدا بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ناماز ئوقۇشۇم ئىدى،تۇنجى سەجدىگە باش قويغىنىمدا ئۆزۈمنى خۇددى بارلىق گۇناھلىرىمدىن قۇتۇلغاندەك يەڭگىللەپ قالدىم،نامازدىن كېيىن ئاپامنىڭ ئۇ دۇنيادا خاتىرجەم ياشىشىى،ئائىشەنىڭ خۇشاللىقىنى،شۇ رەھىمسىز دادامنىڭ تېزرەك قايتىپ كېلىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئۇنىڭغا مەغفىرەت ئاتا قىلىشىنى تىلىدىم.
ياتاقتىن چىقىپ باشقا بىر رايونغا خىزمەت ئىزدەپ باردىم.ئەمما بۇ يەردىنمۇ ئوخشاش خىزمەت تاپالمىدىم.قايتىپ كېلىۋاتقىنىمدا يول بويىدىكى بىر پارچە ئېلان قەغىزىگە كۆزۈم چۈشتى.بۇ مەلۈم تىرانسىپورت شىركىتىگە مال چۈشۈرگۈچى قۇبۇل قىلىدىغانلىق ئېلانى ئىدى. مەن بۇ شەھەرگە ناتۇنۇش بولغاچ ئۇ شىركەتنى تاپمىقىم تەسكە توختايتتى. شۇڭا يېنىمدىكى پۇلنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئېلىپ يېقىن ئەتراپتىكى تېلىفۇن بازىرىغا كىرىپ بىر دانە ئادەتتىكى يانفۇن ،بىر دانە سۆزلىشىش كارتىسى سېتىۋالدىم.كارتىنى تېلىفۇنغا كىرگۈزۈپ سىرتقا قاراپ ماڭغىنىمدا ئالدىمغا يەردىن ئۈنگەندەكلا بۇرۇن مېنى ئىنتايىن ئۆچ كۆرىدىغان،كېيىنچە مەن بىلەن ققىيامەتلىك ئاغىنىلەردىن بولغان ،كېيىن سودا قىلىمەن دەپ شەھەرگەكەتكەن ،ئائىشەنىڭ ئاكىسى سادىر پەيدا بوپ قالدى.ئۇنى كۆرۈپ ھەيرانلىقىمدىن سورىدىم؟
-ئاسماندىن چۈشتۇڭمۇ،يەردىن چىقتىڭمۇ ئاداش ؟سېنى بۇ يەردە ئۇچرىتىپ قالارمەن دەپ ئويلىماپتىكەنمەن. سادىر مېنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولغانىدى.مەنمۇ بۇ يەردە ئەڭ يېقىن دوستۇمنى ئۇچرىتىپ قالغىنىمدىن ئىنتايىن خۇشال ئىدىم. مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يىگەچ پاراڭلاشماقچى بولۇپ ،بىر ئاشخانىغا كىردۇق.ئۇ ئولتۇرۇپ تاماق بۇيريتقاندىن كېيىن مەندىن سورىدى:
-مەردان ئاداش ،ئۆتكەندە بىللە بارايلى دېسەم ئۇنىمىغانىدىڭ ،ئەمدى ئۆزۈڭ كەپسەن ،ساڭا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ ئۇنىڭ بۇ سوئالىغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشىمنى بىلمەيۋاتاتتىم.ئاخىرى چىدىماي ھەممىنى دەپ بەردىم.تاغاملارنىڭ قىلغانلىرىنى،ئائىشەنى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ماڭا نېمە دېگىنىدىن تارتىپ ھەممىنى دەپ بەردىم،بىر ھېساپتا ئىچىدىكى دەردىنى باشقا بىرسىگە تۆكۈپ بېرىشمۇ بولىدىكەن.دەردىمنى ئۇنىڭغا تۆكۈپ بېرىپ ئۆزۈمنى بۆلەكچە يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.ئۇ ماڭا تەسەللى بېرىپ:
-مەن سېنىڭ سىڭلىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا بىلەتتىم ، ئۇمۇ بۇرۇنلا سېنى ياخشى كۆرەتتى،ئۇھەم بەك تارتىنچاق،ھەم كىچىكىدىن ئاللاھنى ئۇلۇغ بىلەتتى،شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ بۇ گەپلەرنى قانداقمۇ ساڭا دىيەلىسۇن،ئۇنىڭ سېنى رەت قىلىشتىكى سەۋەبى يەنىلا دادام ـ ئاپامنىڭ يۈزىنى ئايىغان گەپ .ئۇنى خاتا چۈشەنمە ،دادام بولسا ئاشۇنداق دۇنياپەرەسرەك ئۇنى چوقۇم قايىل قىلالايمىز،ئاۋال تاماق يەيلى ،ھازىر پىشىن ناماز ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ،ئاندىن مېنىڭ ياتىقىمغا كىرىپ ناماز ئوقۇيلى، قالدى ئىشلارنى ئۇنىڭدىن كېيىن مەسلىھەتلىشەمىز.
ئۇنىڭ ياتىقى يېقىن ئەتراپتا بولغاچقا ،ئۇنىڭ ياتىقىغا كىرىپ ناماز ئوقۇدۇق .سادىرنىڭمۇ بۇنچە تېز نامازغا كىرىشىپ كەتكىنىدىن ھەيران ئىدىم. نامازدىن كېيىن ئاللاھنىڭ ھىدايىتىمىزنى قۇبۇل قىلىشىنى،ئىشلىرىمىزنى ئوڭۇشلۇق قىلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلدۇق.
-ئەمدى نېمە ئىش قىلاي دەۋاتىسەن ؟ دەپ سورىدى سادىر مەندىن.
-ماڭا بۇ يەردە قىلغىدەك ئىش نەدە تۇرۇپتۇ ئاداش، ئالدىمغا كەلگەننى تاللىماي قىلسام ئىگەم بىر يەردىن رىزقىمنى بېرەر .دېدىم مەن ئېغىر ئۇھسىنىپ.ئۇ ماڭا:
-مەيۈسلەنمەئاداش،ياراتقان ئىگىمىز ساڭىمۇ بىر يەردىن چىقىش يولى بېرىپ قالار،بولسىغۇ بىز بىرلكتە سودا قىلساق بولاتتى،مەن تېلىفۇن سودىسى قىلىۋاتاتتىم،ئەمما دادام مېنى يۇرتقا قايتىپ كەل دەپ ئالدىرتىۋاتىدۇ،خالىساڭ سېنىمۇ دوستلىرىم بىلەن تونۇشتۇرۇپ قۇياي سەنمۇ تىرىشىپ باققىن قانداق!؟
-سەنمۇ بولغان بولساڭ ياخشى بولاتتى ئاداش،بولىدۇ مەن سىناپ باقاي ،پىشانەمگە پۈتۈلگىنىنى كۆرەرمەن.كۈنلەرنىڭ بىرىدە باي بوپ كېتىپ قالسام دۇنياپەرەس داداڭ ئائىشەنى قوشقوللاپ ماڭا تۇتقۇزۇپ قويامدۇ تېخى. دېدىم. سادىر ئۇ ئىشلارنى ئۆزىنىڭ ھەل قىلىدىغىنىنى ئېيتتى ۋە مېنى دوستلىرىغا تۇنۇشتۇرۇپ قويۇپ سودىسىنى بىر قۇر تۈگەتكەندىن كېيىن يۇرتقا قايتماقچى بولۇپ ماڭدى.مەن ئۇنىڭغا ئائىشەدىن كەچۈرۈم سوراپ قۇيۇشىنى،پات-پات تېلىفۇن قىلىپ تۇرۇشىنى ئېيتىپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويدۇم.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن سادىر ماڭا تېلىفۇن قىلىپ دادامنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ،مەندىن كەچۈرۈم سورىغانلىقىنى ،مەن ئائىشەگە بەرگەن سومكىنى دادامغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. مەن دادامدىن نەپرەتلەنگەچكە ،ئۇنىڭ ئىشلىرىغا تازا كۆڭۈل بۆلمىدىم.
بۇ يەردىكى سودا ئىشلىرىم بارغانسىرى راۋاجلاندى، سودىگەر دوستلار بىلەن سۆزلىشىپ مەن ئىچكىرىدىن مال يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئۇلار بۇ يەردە تارقىتىپ بېرىدىغان بولدى.شۇنداق ئۈچ يىلنى ئىچكىرىدە ئۆتكۈزدۈم.بىر كۈنى سادىر يەنە تېلىفۇن قىلىپ ماڭا؛
-مەردان،ساڭا دەيدىغان بىر گەپ بار.ئەمما ئۆزىڭنى تۇتىۋالغىن.داداڭ تۇگەپ كەتتى.نەچچە كۇننىڭ ئالدىدا.مەن ئەسلى ساڭا خەۋەر قىلماقچى ئىدىم.دادڭنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى سېنى بىر تەرەپ قىلسۇن دىگەنىدىم،ئەمما داداڭ ئۇنىڭغا ئېيتماڭلار ،ئۇ نىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزماڭلار دىگەنىدى.
كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولدى،قانداقلا بولمىسۇن ئۇ مېنىڭ دادام ئەمەسمۇ.ئەمما يۇرتقا ھازىرقايتالمايتتىم،ئۇنىڭغا بولغان ھېسداشلىقىمنى يەنىلا غەزەپ – نەپرىتىم بېسىپ كېتىۋاتاتتى.مەن سادىرغا:
-دادامنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى مېنىڭ ئورنۇمدا ببىر تەرەپ قىلغىنىڭغا رەھمەت،مەن كېيىنچە قايتىپ بارىمەن .ھازىرچە قايتىپ بارالمايمەن،دېدىم.ئۇ يەنە ماڭا:
-مەن داداڭغا بەرگەن نەرسىلەرنى داداڭ ساڭا بېرىپ قۇيۇشۇمنى تاپىلاپ يەنە ماڭا بەرگەنىدى،ئۇ يەنە سەندىن كەچۈرۈم سوراپ بىر پارچە خەتمۇ يازغانىكەن.ئۇنداقتا مەن ئۇنى ساقلاپ قويۇپ تۇراي ،سەن قايتىپ كەلگەندە كۆرەرسەن،ھە راسىت داداڭ ئۆيۈڭلارنى قايتۇرۋالدى،تېزراق قايتىپ كەلگىن ،دېدى.
ئىچكىرىدىكى ئىشلىرىمنى ھازىر تاشلاپ قويسام،ئائىلمىزنىڭ ئىگىلىكىنى قايتا تىكلىيەلمەيلا قالماستىن،ئائىشەنىڭ پۇلپەرەز دادىسىنى قايىل قىلىپ ئائىشە بىلەن توي قىلمىغىممۇ قىيىن ئىدى. شۇڭا مەن ئىشلىرىمنى بۇ يەردە تاشلاپ قويسام ھەرگىز بولمايتتى.شۇڭلاشقا ئىشلىرىمنى داۋاملاشتۇرىۋەردىم.توپتوغرا ئىككى يىلدىن كېيىن ئىچكىرىدىكى ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ شەھرىمىزگە قايتىپ كەلدىم.بۇيەردىكى ئىشلارنى تۈگىتىپ يۇرتقا قايتماقچى بۇلۇپ تۇراتتىم ،سادىر يەنە تېلىفۇن قىلىپ:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداش،قاچان قايتىپ كېلىسەن؟ ئائىشە سېنى بەك ساقلاپ كەتتى ،ئۇ سەندىن رەنجىپ قالغاندەك قىلىدۇ.تېزراق كەلگىن.
-خاتىرجەم بولغىن ، پات يېقىندا قايتىپ بارىمەن ،دېدىم .
ئۇ يەردىكى ئىشلارنىمۇ بىر قۇر تۈگىتىپ بىر ماشىنا سېتىۋالغاندىن كېيىن،مەن بىردىنبىر سۆيگەن قىز ئائىشەنىڭ قېشىغا،ئاپامنىڭ ئىللىق،مېھرىبان سىيماسى ساقلانغان ئۆيىمىزگە قاراپ يولغا چىقتىم. مېنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم ۋە قورقۇدىغىنىم ئائىشەنىڭ مېنى كەچۈرمەسلىكى ئىدى.
يولدا كېلىۋېتىپ يۇرتىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، توۋا،بەش يىل كۆرمىگەنگە بىر يۇرت دېگەن مۇشۇنچىۋالامۇ ئۆزگىرىپ كېتەمدۇ. ئۇلار نىڭ تۇرمۇشى خېلىلا ياخشىلىنىپ قالغان بولۇپ،نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىرەيلەن بىر نىمكەش ماشىنىنى ھەيدەپ كەلگىنىدە،ئۇلار ھەيران بولغىنىدىن :‹سەن قارىغاندا بىرەر باي خېنىمغا ئۆيلەنگەن ئوخشىمامسەن،ياق، ياق سەن چوقۇم بىرەر يەرگە باشلىق بوپسەن ،ماشىناڭنى قارا ،نېمىدىگەن پەيزى ،بەك راھەتتۇ ھە›دېيىشكىنىچە ئۇنىڭ ماشىنىسىنى ئايلىنىپ سىيلاپ كەتكەنىدى.ئەمدىلىكتە مېنىڭ بۇ ئاخسا نىسسان ماركىلىق ماشىنامغىمۇ كۆز قىرىنى سالماي ئۆز ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل ئىدى.مەن دادام قايتۇرۋالغان ئۆيىمىزگە كېلىپ ماشىنىنى توختۇتۇپ قۇيۇپ ،ئۇدۇللا ئاپامنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا كەلدىم.ئاپامغا ئۇزۇن دۇئا قىلغاندىن كېيىن ،ئۆيگە قايتىپ كېلىپ تۇراتتىم،سادىر مېنى بۇ يەرگە باشلاپ كەلدى .قالغان ئىشلارنى سىلەرمۇ ئوبدان بىلىسىلەر، ئائىلىمىزنى دادام ۋەيران قىلغانىدى،مەن ئۆز كۈچۈمگە تاينىپ قايتا قۇرۇپ چىقتىم،ئەگەر بۇ قىلغانلىرىمنى ئاپام كۆرگەن بولسا مەندىن چوقۇم پەخىرلەنگەن بۇلاتتى.شۇنداق دەپلا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتىم ،ئائىشە بىلەن سادىر ،ۋە مېنىڭ باشقا تەڭتۇشلىرىممۇ يىغامغا جۆر بولدى. يىغىدىن ئۆزۈمنى ئاران تۇتىۋېلىپ ئائئىشەنىڭ دادىسىغا قارىدىم،ئۇ خىجىل بولدىمۇ قانداق كۆزىنى چىڭ يۇمغىنىچە بىر نېمىلەرنى خىيال قىلىۋاتاتتى،مەن ئۇنى خىجىللىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن:
-تاغا ، سىز خىجىل بولماڭ،ئاللاھ ئىگەم بىر ئىنساننى ياخشى- يامان ئىشلار بىلەن سىنايدۇ.سىز مېنىڭ ئۆزۈمنى سىنىشىمغا ياردەم قىلدىڭىز،ئەمدى سىزگە شۇنداق ۋەدە قىلالايمەنكى مەن ئائىشەنى بەخىتلىك قىلالايمەن،ئۇ مېنىڭ بەختىم.ئىشىنىمەنكى ئۇمۇ شۇنداق ئويلايدۇ.
ئائىشەنىڭ دادىسى ماڭا قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىرىدى ۋە مېنىڭ يىنىمغا كېلىپ بېشىمنى سىيلاپ تۇرۇپ :
-مەردان ئوغلۇم،مەن بۇرۇنلا ساڭا ئۇ گەپلەرنى قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلغانىدىم.ھازىر ساڭا دەيدىغىنىم ئائىشە بىلەن ئىككىڭلارنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇپ ئۆلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق،خالىساڭ تويۇڭلارنى نەچچە كۈن ئىچىدە قىلىۋېتەيلى،مەنمۇ ئارزۇيۇمغا يېتەي ، سىلەرمۇ بەختىڭلارنى تېپىڭلار دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ بارلىق دوست-بۇرۇدەر ،ئۇرۇق-تۇغققانلار تەڭلا‹مۇبارەك بولسۇن ›دەپ ۋارقىرشتى ، ئائىشەگە قارىسام يۈزلىرى قىزىرىپ كېتىپتۇ. سادىر ماڭا بەرگەن سومكىنى ئېلىپ ئۇلار بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن قايتىپ چىقىپ ئۇدۇل ئاپامنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كەلدىم ۋە ئۇزۇنغىچە تىزلىنىپ ئولتۇردۇم.بىر ۋاقىتلاردا ئائىشەمۇ مېنىڭ قېشىمغا قېشىمغا كەلدى ،ئۇ بىر پارچە قەغەزنى ماڭا سۇنۇپ:
-بۇ دادىڭىز ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا سىزگە يېزىپ، ئاكام بىلەن ماڭا سىزگە بېرىپ قۇيۇشۇمىزنى ئېيتىپ، بەرگەن خەت. ئۇقۇپ بېقىڭ.دېدى .ئۇنىڭ قولىدىكى خەتنى ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدىم،خەتكە مۇنۇلار يېزىلغانىدى:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوغلۇم مەردان، قانداق ئەھۋالىڭ، بەلكىم سەن بۇ خەتلەرنى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭدا مەن بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان بولۇشۇم مۇمكىن،سېنىڭ ئائىشەنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى،سادىر بىلەن ياخشى ئۆتىدىغانلىقىڭنى بىلگەچكە بۇ خەتنى ئۇلارغا تاپشۇرۇشنى قارار قىلدىم.مەندىن ‹ئائىشەنى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى قانداق بىلدىڭ؟›دەپ سورىساڭ سادىردىن ئاڭلىدىم،مەن يۇرتقا كەلگىلى نەچچە يىل بولدى، سالامەتلىگىم ناچار بولغاچ ئائىشە بىلەن سادىر مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالدى. ئائىشە بەك ياخشى قىز ،ئۇنى ھەرگىز قولدىن بەرمىگىن،سادىرمۇ ياخشى يىگىت ئۇمۇ ساڭا سىرداش دوست بۇلۇشقا مۇناسىپ ،ئۇنىمۇ قەدىرلىگىن.
ئۆزگېپىمىزگە كەلسەم سەن بەلكىم ھېلىقى كۈندىكى ئىشلارنى مەندىن كۆرىسەن،مېنى ئاپامنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولدى،ئائىلىمىزنى پۇتۇنلەي ۋەيران قىلدى دەپ ئويلايسەن،مەنمۇ بۇ ئىشلاردىن بەك خىجىل ،ئەمما قايسى بىر دادا ئائىلىسىنىڭ ئۆز قولىدى ۋەيران بولىشىنى ،ئۆيىدىكىلەرنىڭ جاپا مۇشەقەتتە ياشىشىنى خالايدۇ دەيسەن. سەن بىلمەيسەن ،مەن دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن داۋالىنىشقا بەك كۆپ چىقىم كەتكەچكە ئائىلىمىز خېلىلا ھالسىزلىنىپ قالدى.ئاپاڭمۇ ئائىلىنى قامداش ئۈچۈن كۈچەپ كېتىپ سالامەتلىگى ناچارلاپ كەتتى،كېيىنكى بىر قېتملىق قايتا تەكشۈرۈشتە قۇلۇمنىڭ ئوپراتسىيە قىلغان جاينىڭ تازا ياخشى ساقايماي ياللۇغلىنىپ قالغانلىقىنى،بىر يىل ئىچىدە قايتا ئوپراتسىيە قىلىنمىسا ،سالامەتلىكىمگە چوڭ تەسىرى بولىدىغانلىقىنى ،تېزدىن پۇل تەييارلاپ ئوپراتسىيە قىلدۇرشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى.ئەمما بۇ چاغدا بىزدە پۇل يوق ئىدى.شۇڭلاشقا يېڭىلا سېتىۋالغان ئۆيىمىزنى سېتىۋېتىپ كونا ئۆيگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولدۇق. مېڭىپ يۈرگىنىم بىلەن كېسىلىم بەك ئېغىر بولغاچ ئۆينى ساتقان پۇلمۇ يېتىشمەيۋاتاتتى ، ئىشلەپ پۇل تاپاي دېسەم مېنىڭ بۇ ھالىتىمدە ئىشلەپ پۇل تېپىىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى. سېنىڭ ماڭا تەلمۇرۇپ قاراشلىرىڭغا ،ئاپاڭنىڭ جاپا تارتىپ ئىشلەشلىرىگە قاراپ ئۆزۈمنى خۇددى گۇناھكاردەك ھېس قىلاتتىم،مەن مۇشۇنداق بولۇپ قالمىغان بولسام ئۇلار جاپادا قالمايتتى دەپ ئۆزۈمنى ئەيىپلىدىم،ھەم ئاچچىقىمغا ھەم قولۇمنىڭ ئاغرىقىغا چىدىماي ھاراق ئىچىش ۋە تاماكا چېكىشكە ئۆگىنىپ قالدىم. بىر كۈنى بىر ئاغىنەم بىلەن قىمار سورۇنىغا بېرىپ قالدىم .باشقىلار مېنى ئويناشقا زورلىدى.مەن ئويناشنى خالىمادىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى:
-ئاداش ئويناپ باقمامسەن،خۇدايىم بېرىپ قالسا ئۇتۇۋالامسەن تېخى دېدې،مەنمۇ ئاخىرى مۇشۇ بىر قېتىملا ئويناپ بېقىش ،ئەگەر يېنىمدىكى پۇللارنى ئۇتتىرۋەتسەم ئىككىنجى قىمار سورۇنىغا دەسسىمەسلىكنى نىيەت قىلىپ ئويناپ باقتىم،تەللىيىم ئوڭ كېلىپ بىرىنچى قېتىمدا نۇرغۇن پۇل ئۇتىۋالدىم،كېيىنكى قېتىمدىمۇ نۇرغۇن پۇل ئۇتىۋالدىم ،ئاپاڭ سورىسا ئۇنڭغا ئىشلەۋاتىمەن دەپ قۇياتتتىم .ئويناۋېرىپ قىمار ئويناشنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەنىدىم،كېيىنچە تەلىيىم ئوڭدىن كەلمەي،ئۇتتۇرۇشقا باشلىدىم،ئاخىرى يېنىمدىكى پۇللارنىڭ ھەممسىنى ئۇتتۇرۋەتتتىم.ئەسلىدە مەن ئائىلىمىزنىڭ باياشات كۈنلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ،سىلەرنى خاتىرجەم كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانىدىم،ئەمما مەقسىدىمگە يەتمەكتە يوق بارغانسىرى ئۇتتۇرۇشقا باشلىدىم. كۈندە ئېلىپ بارغان پۇللىرىمدىن سىرت باشقىلاردىن قەرىز ئالغاننىمۇ ئۇتتۇردۇم. بارغانسىرى قەرزگە بۇغۇلۇپ كەتتىم.بىر كۈنى بىرسىدىن پۇل سوراپ يەنە باردىم، خىيالىمدا ئۇتتۇرغان پۇللىرىمنى قايتۇرۋېلىشلا بار ئىدى. بىر كۈنى كەچ ئاچچىغىمدا ھاراقنى بەك كۆپ ئىچىۋاپتىمەن . ئۆيگە بەكلا كەچ قايتتىم ،يولدا سېنىڭمۇ ئالدىراپ ئۆيگە قاراپ ماڭغىنڭىڭنى كۆرۈپ، بۇنچە كەچ قالغىنىڭدىن ھەيران بولۇپ سېنى چاقىردىم ،ئەمما سەن قاراپمۇ قويماي يۈگۈرگىنىڭچە كېتىپ قالدىڭ ،كۆڭلۈم تېخىمۇ يېرىم بولدى.ئۆيگە ئارانلا بېرىپ يېتىپلا ئۇخلاپ قاپتىمەن. خۇدۇمنىمۇ بىلمىگەچ نېمە ئىشلارنىڭ بولغىنىنى ،ھەتتا سېنىڭ مېنى چاقىرىغىنىڭنىمۇ تۇيماپتىمەن.ئەتىسى ئاپاڭنى يەرلىككە قويدۇق .شۇ ۋاقىتلاردا كۆڭلۈمنىڭ قانچىلىك يېرىم بولغىنىنى ،ئۆزۈمدىن قانچىلىك نەپرەتلەنگىنىمنى بىلمەيسەن ئەمما ‹كېيىنكى پۇشايمان ،ئۆزۈڭگە دۈشمەن›دېگە ھەقىقەتەن توغرا گەپكەن.بۇ پۇشايمانلىرىم ماڭا ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمەيتتى،سەنمۇ مەندىن نەپرەتلىنىدىغىنىڭنى ئېيتىپ مېنى تاشلاپ كەتتىڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەرىز ئىگىلىرى قەرزنى سۈيلەۋەردى،ئاخىرى مېنى ۋەيران قىلغان شۇ قىمار سورۇنىغا ئەمدى دەسسىمەسلىكنى نىيەت قىلىپ،نۇرۇغۇن ئەسلىمىلىرىمىز ساقلانغان شۇ ئۆۇىمىزنى سېتىپ قەرىزنى قايتۇردۇم ،ۋە ئاشقان ئازغىنە پۇلنى ئېلىپ باشقا يەرگە ئىشلەش ئۈچۈن كەتتىم.نۇرغۇن جايلارنى ئايلىنىپ ئۆزۈمگە ماس كەلگىدەك ئىش تاپالمىدىم، نىمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرغان كۈنلىرىمىڭ بىرىدە بىر يېزىدا كۆتىرەگە بېرىدىغان باغ بارلىقىى ئاڭلاپ قالدىم.ئۇ يېزىنى ئىزدەپ بارغىنىمدا بۇ باغنىڭ ئىگىسى دەل مېنىڭ بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكى سودا ھەمراھىم ئىدى. ئۇ مېنىڭ بۇ ھالىمنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران قالدى.ۋە ماڭا ياردەم قىلىپ ئۇ باغنى ئەرزان باھادا ھۆددە بەردى ۋە مېى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى.مەنمۇ تىرىشىپ ئىشلىدىم،ئاللاھ ئىگەم تىرىشچالىقلىرىمنى يەردە قويمىدى،تۇنجى يىلىلا نۇرغۇن پايدا ئالدىم.نەچچە يىللىق تىرىشىشتىن كېيىن،ئاخىرى مەقسەت قىلغان نىشانىمغا يېتىپ ،نۇرغۇن پۇل تاپتىم،ئەمما يۇرتقا قايتىپ كەلگىنىمدە سەن بۇ يەردىن كەتكەنىدىڭ، سېنى خېلى ئىزدىدىم لېكى ھېچ يەردى تاپالمىدىم، كېيىن سادىردىن سېىڭ دىرىكىڭنى بىلدىم ،بۇ ۋاقىتتا سالامەتلىگىم ناچارلىشىپ كەتكەنىدى. سادىر بىلەن ئۆينى رىمۇنىت قىلغۇزۇپ قويدۇم،بۇ ئۆيدە بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كۆڭۈللۈك ئەسلىمىلىرى ساقلانغان ،مۇشۇ ئۆيدە سەن تۇغۇلغان ،مەن ئىگىلىك تىكلەشنى مۇشۇ ئۆيدىن باشلىغان ،مەن قىيىچىلىققا يولۇققاندا مۇشۇ ئۆيگە دەردىمنى ئېيتقان،بۇ ئۆيگە بىزىڭ مېھىر-مۇھاببىتىمىز مۇجەسسەملەنگەن.مەن ساڭا باشقا نەرسە قالدۇرالمىدىم،ساڭا قالدۇرالىغىنىم مۇشۇ ئادەتتىكى بىر كەپە،ئەگەر سەن قايتىپ كەلگەندە ،بۇ دۇنيادىن خوشلىشىپ بولغان بولسام،قايغۇرمىغىن،راستىنى ئېيتسام مەنمۇ بۇ رەھىمسىز دۇنيادىن تېزراق خوشلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن.مەن سەندىن مەڭگۈ رازى ئوغلۇم،سەنمۇ مەندىن رازى بولغىن،ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم،مېنى كەچۈرگىن،سەن رەھىمسىز دەپ ئويلايدىغان ئەمما ئاجىز داداڭنى كەچۈرگىن، ئۇ ئىشلاردا ھەقىقەتەن مېنىڭ سەۋەنلىكىم بار ،سېنى ھەم مېنى كەچۈر دەپ زورلىمايمەن . ئەمما مەنمۇ بىر ئاجىز بەندىدۇرمەن،خاتالاشمايدىغا ئىنسان بولمايدۇ ،قىلغانلىرىمدىن نۇمۇس قىلىمەن. مەن ئاپاڭنىڭ يېنىغا كەتتىم،مەندىن نەپرەتلەنمىگىن............ئوغلۇم.
مەن زادى بىلمەيۋاتاتتىم،ئەمدى كىمگە نەپرەتلىنەي، دەردىمنى كىمگە ئېيتاي، دادام بىلەن ئاپامى مەندىن ئايرىغان رەھىمسىز تەقدىرگە ئېيتايمۇ؟ۋە ياكى نۇرغۇن ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلغان شۇ قىمار ،نۇرغۇنلىغان ياشلارنى گۇناھقا باشلاپ كىرگەن ھاراققا،سانسىزلىغان قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆلۈم گىردابىغا ئاپىرىپ تاشلىغان تاماكا، زەھەرلەرگە ئېيتايمۇ؟ مەن دەردىمنى ھېچكىمگە ئېيتالمايتتىم.پەقەت يېنىمدا تۇرغان مۇشۇ سەبىي،ئاقكۆڭۈل،مېھرىبان ،گويا ئاپامغىلا ئوخشايدىغان قىز ئائىشەگە ئېيتالايتتىم.ئۇمۇ مېنىڭ ئۈنسىز يىغلاشلىرىمدىن ھەممىنى بىلگەن بولسا كېرەك باشلىرىمنى مېھرىبانلىق بىلەن سىيلايتتى. مەن بولسام دادامنى خاتا چۈشەنگىنىمگە ،ئۇنىڭ دەردىنى بىلمەي تۇرۇپ ،ھەممىنى بىزنى دەپ قىلغىنىنى ئويلاپمۇ باقماي ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنگىنىمگە ،ئۇنڭغا ‹سەن مېنىڭ دادام ئەمەس›دېگىنىمگە،ئۇنىڭ نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ ئالام بىلەن خوشلاشقىنىنى بىلىپ تۇرۇپ ،ئۇنىڭ قەبرىسىنى بىرەر قېتىممۇ يوقلاپ قويمىغىنىمغا پۇشايمان قىلىۋاتاتتىم. ئائىشە مېنىڭ قولۇمدىن سۆرىگىنىچە ئاپامنىڭ قەبرىسى يېنىدىكى بىر قەبرىنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى،ئۇنىڭ بۇ قىلغىنىدىن ھەيران قالدىم،ئۇ ھەيران قالغىنىمنى بايقاپ:
-بۇ دادىڭىزنىڭ قەبرىسى، ھەر قانداق ئادەم گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنالمايدۇ،بىر دادا ئوغلىنىڭ ئالدىدا كەچۈرگۈسىز گۇناھ ئۆتكۈزگەن تەقدىردىمۇ دادىسىنى كەچۈرۋېتىشى كېرەك مەردان ،داداڭ سىزنى كىچىكىڭدىن باشلاپ بەك ئەركە ئۆگىتىۋەتكەچكە،كىچىك ئىشلاردىمۇ ئۆزىڭىزنىڭكىنى راست دەپ ئۆگىنىپ قاپسىز ،دادىڭىز ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدىڭ،ئەمدىمۇ بولسا ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراپ ئۇنىڭغا رازىلىق بەرگىن ،ئۇ ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ خاتىرجەم ياتسۇن. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئالدىمدىكى قەبرىگە زەن سالدىم،قەبرە ئۈستىگە ھەرخىل ئوت چۆپلەر قۇيۇق ئۈنۈپ كەتكەن بولۇپ ،سىنچىلاپ قارىمىسا توپىسىنىمۇ پەرىق ئەتكىلى بولمايتتى. مەن نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تىكىپ قويغان سۆگەتكە قاراپ تېخىمۇ ھەيران قالدىم.تىككەندە دىققەت قىلمايلا تىككەنىدىم،ئالدىنقى قېتىمدىمۇ دىققەت قىلماپتىكەنمەن ،ئەمدى قارىسام خېلىلا يوغىناپ قالغان بۇ سۆگەت دەرىخى دەل دادام بىلەن ئاپامنىڭ قەبرىسىنىڭ دەل ئوتتۇرسىغا سېلىنغانىدى.ئۇنىڭ يېتىلگەن شاخلىرىنىڭ يېرىمى دادامنڭ قەبرىسىگە سايە تاشلاپ تۇرسا ،قالغان يېرىمى ئاپامنىڭ قەبرىسىگە سايا تاشلاپ تۇراتتى. مەن ئىگەمنىڭ بۇنچە ئادىل ۋە مېھرىبانلىقىدىن ئۇنىڭغا كۆپلەپ رەھمەت ئېيتتىم. دادامنىڭ قەبرىسىگە يېقىن كېلىپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ:
-دادا مەن سەندىن شۇنچىلىك نەپرەتلىنىپ يۈرۈپتىمەن، يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سەندىن كۆرۈپ يۈرۈپتىمەن.ئەسلىدە سەنمۇ باشقا دادىلارغا ئوخشاش بىر ئۆينىڭ ئېغىر يۈكىنى زىممەڭگە ئالغانىكەنسەن. بىز ئۈچۈن بارلىق ئازاپلارنى ئىچىڭگە يۈتۈپ يۈرۈپتىكەنسەن،ئاللاھ سەندىن رازى بولسۇن،مەن سېنى مەڭگۈ سۆيىمەن دادا!!!!
ئۇ يەردە تىزلىنىپ قانچىلىك ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن،كۆزلىرىمدىن ياش ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس،كۆزلىرىمدىن ئاققان ياش تامچىسى كەچكى شەپەق نۇرىدا يالتىراپ چۈشۈپ ،شور توپىلارغا سىڭىپ كېتىۋاتاتتى.ئالدىمدىكى دەرەخنىڭ يۇپۇرماقلىرى كۈزنىڭ سەلكىن شاماللىرىدا يېنىككىنە شىۋىرلايتتى.ئېسىمنى يىغىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم دە يېنىمدا تۇرغان ئائىشەنىڭ قولىدىن تارتقىنىمچە ئاپامنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كەلدىم،ۋە ئاپامنىڭ قەبرىسىگە قاراپ:
-ئاپا جېنىم ئاپا ،مەن سېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن،سەن بۇ دۇنيادىن ئايرىلغان بولساڭمۇ يۈرۈگىمدىكى ئورنىڭنى ھېچكىم باسالمايدۇ. ئەمما بۈگۈنگە كەلگەندە پەقەت سېنىلا ياخشى كۆرگەن يۈرۈكىمنى،باشقا بىرسىگە بېرىدىغان بولدۇم، ئاپا مېنى كەچۈرەرسەنمۇ ؟ مېنىڭ نەچچە كۈندىن كېيىن تويۇم بولىدۇ،ماڭا بەخىت تىلە ئاپا،مەن سېنى مەڭگۈ سۆيىمەن ، سەندەك مېھرىبان ،كۆيۈمچان ئاپامنىڭ بولغىنىدىن پەخىرلىنىمەن ئاپا !!!! سۆزلىرىمنى تۈگىتىپ دادام -ئاپامنىڭ بەختىنى ،روھىنىڭ جەننەتتە بولىشىنى تىلەپ ئۇزۇن دۇئا قىلىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.
ئەتراپ يەنىلا شەپەق نۇرىدا يالقۇنجاپ تۇرغان ئوتتەك قىپقىزىل ئىدى، مەن ئائىشە بىلەن كۆزۈم قىيمىغان ھالدا خوشلىشىپ ئۆيگە قايتتىم.
نەچچە كۈندىن كېيىن تويۇم بولىدۇ،ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتۈشتىن ئارتۇق بەخىت بارمۇ دۇنيادا،مېنى يوقتىن بار قىلغان، بەخىتلىك كۈنلەرگە ئۇلىشىشقا نىسىپ قىلغان ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى يىگانە ئاللاھقا ھەمدۇ- سانالار بولسۇن.


يازغۇچى:ئەخمەتجان قاسىم


تېما تەستىقلىغۇچى : anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2014-07-27, 06:15











يازما باھالاش ساقلاپ قويۇش يېڭى ئىش باش بەت تەۋسىيەسى:0
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى