شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

دادام شۇنداق دىگەن

2018-03-16 00:00:58 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر

دادام شۇنداق دىگەن

دادام شۇنداق دېگەن ...
原创 2018-03-15 شىرئەلى pishikam

Pishikam2018-03-16

بىر دادىنىڭ ئوغلىغا قالدۇرغانلىرى
ئۆزلەشتۈرگۈچى: پاكيولدىن شىرئەلى ھاكىم

بۇ بىر شياڭگاڭدىكى رادىئو-تېلېۋىزىيە دىكتورى لىڭ شۈ جاڭ ئەپەندىمنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا ئوغلىغا يازغان بىر پارچە خېتى. بۇ يېزىلغان خەت ئادىيغىنا، بىراق مەزمۇنى مول بولغان خەت. بەلكىم دادىلاغا ياكى دادا بۇلۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقان كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرشى مۇمكىن.
ئوغلۇم ساڭا بۇ خاتىرنى يېزپ قالدۇرۇشتا مۇنداق ئۈچ پىرىنسىپنى ئاساس قىلدىم:

1. ھاياتتا بەخىت ۋە ئاپەتنى، كىمنىڭ ئۇزۇن ياشايدىغىننى بىلىپ بولغىلى بولمايدىكەن، شۇڭا بەزى ئىشلارنى بالدۇراق دېگەنمۇ ياخشىكەن.
2. مەن سىنىڭ داداڭ، بۇ سۆزلەرنى مەندىن باشقا ھېچكىم ساڭا دېمەيدۇ.
3. بۇ خاتىرىگە قالدۇرۇلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى مېنىڭ مەغلۇبىيىتىمدىن توپلىغان يەكۈنلەر، بۇ سىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئەگرى-توقاي يوللارنى ئازراق بېسىشىڭغا ياردىمى بولۇپ قالار.
نۆۋەتتە دەيدىغىنىم ھاياتىڭدا ئېسىڭىدە چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىشلار :

1. ساڭا ياخشى بولمىغان كىشىلەردىن ئاغرىنىپ يۈرمىگىن. بۇ ئۆمرۈڭدە مەن ۋە ئاپاڭدىن باشقا كىشىلەرنىڭ ساڭا ياخشى مۇئامىلدە بولۇش مەجبۇريىتى يوق. ساڭا ياخشىلىق قىلغان كىشىلەرنى قەدىرلىگىن، مىننەتدار بولغىن.
2. بىر ئادەم بىر ئادەمنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، سەن ئىگىدارلىق قىلالايدىغان بىرمۇ نەرسە بولمايدىكەن. مۇشۇ نۇقتىنى چۈشىنىۋالساڭ، كەلگۈسدە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بارلىقىڭدىن ئايرىلىپ قالساڭمۇ، ئۇنچىۋالامۇ چوڭ ئىش ئەمەسلىكىنى چۈشۈنۈپ يىتسەن.

3. ئادەمنىڭ ھاياتى بەك قىسقا بولىدىكەن، بۈگۈن ھاياتىڭنى شۇ مىنۇتلىرىڭنى ئىسراپ قىلغىنىڭدا، ئەتىسى بۇ ھاياتنىڭ سەندىن ئايرىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدىكەنسەن. شۇڭا ھاياتىڭنى قەدىرلىگىن، ھايات ئۆتكەن ھەربىر كۈنۈڭنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشقىن. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ئۈمىد قىلغاندىن كۆرە، مۇشۇ كۈنلىرىڭدىن ھوزۇرلىنىشنى بىلگىن.
4. مۇھەببەت بولسا سەزگۈ ئەزالىرىمىز ھېس قىلغان بىر خىل تۇيغۇ، بىراق بۇ خىل ھېس-تۇيغۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، قەلبىڭىزدە ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلىدىكەن. ئەگەردە سىز ئەڭ سۆيىدىغان ئادەم سىزدىن ئايرىلغان چاغدا، سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈڭ، ۋاقىت ئاستا-ئاستا ھەممىنى يۇيۇپ تاشلاپ، قەلبىڭىزنى تىنىچلاندۇرۇپ، ئازابلىرىڭىز بارا-بارا سۇسلۇشۇپ بارىدۇ. مۇھەببەتنىڭ گۈزەل تۇيغۇلىرىغا مەسخۇش بولۇپ كەتمىگىن، ھىجران ئازابلىرىغا چۈمۈلۈپ قېلىپ چىقالماي يۈرمىگىن.

5. گەرچە نۇرغۇن ئۇتۇق قازانغان كىشىلەر كۆپ تەربىيەلىنىشىنى قوبۇل قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ تىرىشىپ ئوقۇمىسىمۇ ئۇتۇق قازانغىلى بولىدۇ دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ. سەن ئۆگەنگەن بىلىملەر، سىنىڭ پايدىلىنىش ئامبىرىڭ. ئادەم قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ، بىراق قولدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقىمۇ بولماسلىققا بولمايدۇ، چىڭ تۇتۇش كېرەك.
6. مەن سىنىڭ مېنى قېرىغاندا باقسۇن دەپ تەلەپ قىلمايمەن، ئوخشاشلا سىنى بىر ئۆمۈر بېقىپمۇ يۈرمەيمەن. سەن چوڭ بۇلۇپ مۇستەقىل بولغاندا، مېنىڭ ۋەزىپەم ئادا بولغان بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پىيادا قالامسەن ياكى ئېسىل ماشىنىلاردا ئولتۇرامسەن، گۆش يەمسەن ياكى قۇرۇق نان يەمسەن ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ ئىگە بولىسەن.
7. ئۆزۈڭدىن ۋەدەڭدە تۇرۇشنى تەلەپ قىلساڭ بولىدۇ، بىراق سەن باشقىلارنىڭمۇ سەندەك ۋەدىسىدە تۇرىشىنى تەلەپ قىلىپ بۇلالمايسەن؛ سەن ئۆزۈڭدىن باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلساڭ بولىدۇ، بىراق باشقىلارنىڭ ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى ئۈمىد قىلمىغىن؛ سىنىڭ باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىڭ، باشقىلارنىڭمۇ ساڭا شۇنداق مۇئامىلە قىلىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەگەر سەن مۇشۇ نۇقتىنى تۇنۇپ يەتمىسەڭ، ئۆزۈڭگە بىھۇدە كۆڭۈل ئازابلىرنى يۈكلىۋالىسەن.

8. مەن 26يىل لاتارىيە ئوينۇدۇم، بىراق يەنىلا قۇرۇق قول قالدىم، ھەتتا ئۈچىنجى دەرىجىلىك مۇكاپاتمۇ چىقىپ باقمىدى، مانا بۇ شۇنى ئسىپاتلاپ تۇرىدىكى ئۇتۇق قازىنىمەن دەيدىكەنسەن، چوقۇم تىرىشىپ خىزمەت قىلىشىڭنى بىلدۈرىدۇ، دۇنيادا بىكارلىق تاماق يوق.
9. قېرىنداشلار ئارا پەقەت بىرلا قېتىم مۇشۇنداق قېرىنداش بولۇش پۇرسىتى بولىدۇ، گەرچە بۇ ئۆمۈرىمىزدە سەن بىلەن مەن قانچىلىك ئۇزۇن بىللە تۇرايلى، ئاشۇ ھەربىر مىنۇتلىرىمىزنى قەدىرلىگىن، ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بۇنداق پۇرسەتلەر ئىككىنجىلەپ كەلمەيدۇ.
!

مەنبە: pishikam سالۇنى

ساغلام پىسخىكىڭىز پاكيولدىن باشلىنىدۇ




写留言
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى