شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئۈزڭىزنى چاغلاپ ئىش قىلىڭ

2018-03-16 11:09:16 -0400 مەزمۇن تۈرى: پايدىلنىش ئۇچۇرى

ئۈزڭىزنى چاغلاپ يۈرۈڭ

1. تاشپاقا يەردىكى چاغدا توشقاندىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ، لېكىن سۇدا چوقۇم توشقاندىن تېز ئۈزىدۇ.
___ئورنىڭىزنى خاتا تاللىۋالماڭ.

2. قاغا بۈركۈتنى دوراپ قوي تۇتماقچى بولۇپتۇ، ئاقىۋەتتە تىرنىقى قوينىڭ يۇڭىغا ئىلىشىپ قېلىپ پادىچى تەرىپىدىن تۇتۇۋىلىنىپتۇ.
_____قۇشنىڭ ھەممىسى بۈركۈت ئەمەس، ئۆزىڭىزنى تونۇغاندىلا سىز ئۇزاق ياشىيالايسىز.

3. بىر كۈنى چۈمۈلە بىلەن پىل كۈچ سىنىشىپتۇ، چۈمۈلە پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقى ئۆزىدىن يۈز ھەسسە كېلىدىغان نەرسىنى كۆتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، بۇ ۋاقىتتا پىل ئۈستىدىكى توپىلارنى قېقىپتىكەن، چۈمۈلىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ.
_____باشقىلار بىلەن بەسلەشكەندە ئۆزىڭىزنىڭ چاغلاڭ، بولمىسا بەك ئېچىنىشلىق ئۆلۈپ كېتىسىز.

4. ئات قۇملۇقتا تۆگىگە ئۇچراپتۇ، ئات تۆگىنىڭ دۈمبىسىنى مەسخىرە قىلىپ:« ئاداش، سېنىڭ دۈمبەڭ بەكلا سەت ئىكەن» دەپتۇ، تۆگنىڭ كارى بولماي يولىنى داۋام قىلىپتۇ. ئاخىرىدا تۆگە قۇملۇقتىن چىقىپتۇ، لېكىن ئات چىقالماپتۇ، ئاتنىڭ جەسىتىگە قاراپ تۆگە كۈلۈپلا قويۇپتۇ.
_______باشقىلارنىڭ سىرتقى قىياپىتىنى مەسخىرە قىلماڭ، بولمىسا بىر كۈنلەردە ئۇلارنىڭ مەسخىرىسگە قالىسىز.

5. بىر توشقان بولۇپ ،ئۇ بەك ھورۇن ئىكەن، داۋاملىق ئۆزىنىڭ ئۇۋىسىنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتنى يەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوۋچى تەرىپىدىن تۇتۇۋىلىنىپتۇ.
____ئۇۋىڭىزنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتنى يىگەندە بەكرەك ئويلىشىڭ، يىيەلىسىڭىز يەڭ، يىيەلمىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى يىمەڭ.

6، ئورمانلىقتا گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپتۇ، توز بىرىنچى بولۇپ تىزىملىتىپتۇ ۋە مەن چوقۇم چىمپىيون بولىمەن دەپ ئويلاپتۇ، نەتىجىدە ئۇ دەسلەپكى مۇسابىقىدىنمۇ ئۆتەلمەپتۇ. ئۇ قاتتىق ئاچچىقلىنىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆچكىنى ئىزدەپتۇ. ئۆچكە :« توز سەن گەرچە قانىتىڭنى يايغاندا ناھايىتى چىرايلىق بولساڭمۇ لېكىن كاسساڭنى ئوچۇق قويىدىكەنسەن» دەپتۇ. توز خىجىل بولۇپ كېتىپ قاپتۇ.
____ئەينەككە قارىغاندا ئالدىڭىزغىلا قارىماي، ئارقىڭىزغىمۇ قاراپ قويۇڭ.

7. ياز ناھايىتى ئىسسىق بولۇپ، تاغىل ئات دەريا بويىغا سۇ ئىچىشكە بېرىپتۇ، ھەمدە شۇ كالىسىنىڭ دەريادا ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىچىدە ئويلاپتۇ، ئۇ ئوينىيالايدىكەن ،نېمىشقا مەن ئوينىيالمىغۇدەكمەن؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇ سۇغا سەكرەپتۇ، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەيلا تىمساق ئۇنى چىشلەپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ.
_______ئەمەلىي كۈچىڭىز بولمىسا ئوينىماڭ، يېڭىلىپ قالىسىز.

8. بىر ئۆردەك ئاققۇنىڭ كۆكتە ناھايىتى ئەركىن ئۇچۇپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپتۇ، ھەمدە ئۆزىنى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ مەندىمۇ ھېچنىمە كەم ئەمەسقۇ دەپ ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر تىك قىيانىڭ ئالدىغا كېلىپ سەكرەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېخى قاناتلىرىنى يېيىشكە ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا چۈشۈپ كېتىپتۇ.
______تەييارلىقىڭىز پۈتمەي تۇرۇپ نامەلۇم ساھەنى سىنايمەن دەپ ئويلىماڭ.

9. شىر يولۋاسنى ئوۋغا تەكلىپ قىلىپتۇ، ھەمدە ئوۋنىڭ يېرىمىنى ئۇنىڭغا بېرىشكە ۋەدە قىلىپتۇ، يولۋاس ئويلاپ بېقىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىپتۇ. تاغ باغرىغا كەلگەندە شىر يولۋاسنىڭ يولىنى توسۇۋىلىپ ئۇنى يەۋىتىپتۇ.
__________كۈچلۈك دۈشمەن بىلەن ھەمكارلاشقاندا چوقۇم چېكىنىش يولىڭىزنى ئويلاپ قويۇڭ.

10. بىر تاشپاقا قۇملۇقتا ئاپتاپسىنىپ ياتسا بىر قېرى بۈركۈت كېلىپتۇ، تاشپاقا ئۆزىچە مېنىڭ قېپىم ناھايىتى مۇستەھكەم، بۇ قېرى بۈركۈت مېنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ دەپ ئويلاپتۇ. نەتىجىدە بۈركۈت تاشپاقىنى تۇتۇۋىلىپ، ئېگىز كۈتۈرۈلۈپ، بىر تاشلىقتىن ئۆتكەندە ئۇنى يەرگە تاشلاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن تاشپاقىنىڭ ئۈچەي-باغرى چۇۋۇلۇپ كېتىپتۇ.
_________ئۆزىڭىزگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كەتمەڭ، سىزنى باشقۇرالايدىغان ئادەمنىڭ ئويلايدىغىنى سىزدىن كۆپ بولىدۇ.
سالۇندىكى ئاۋازلىق مەزمۇنى چۈشرۈش.apk (0.33 MiB, Version 1.0) | Browse | Meta | +

Orignal Name: ناخشا چۈشۈرگۈچ

Version: 1.0

8 Permissions Required +

  • Allows the app to view
    information about network connections such as which networks exist and are
    connected. More
  • Allows the app to create
    network sockets and use custom network protocols. The browser and other
    applications provide means to send data to the internet, so this
    permission is not required to send data to the internet. More
  • Allows the app to view information
    about Wi-Fi networking, such as whether Wi-Fi is enabled and name of
    connected Wi-Fi devices. More
  • Allows the app to connect to and
    disconnect from Wi-Fi access points and to make changes to device
    configuration for Wi-Fi networks. More
  • Allows the app to write to the USB storage. More
  • Allows the app to format removable storage. More
  • Allows the app to mount and
    unmount filesystems for removable storage. More
  • Allows the app to read the contents of your USB storage. More

ID:izqut.nahxa.quxur

«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى