شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

خارلانمىسۇن ئاتلار

2018-04-06 18:44:41 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر
خارلانمىسۇن قېيىن ئ‍اتلار

✖✖✖✖✖✖✖✖✖✖✖✖✖✖✖
‏ياتقان ئىدى سەكراتتا بوۋاي،
يالغۇزلىقتىن چايمۇ ئىچەلمەي.
تەنھا قالدى كونا كەپىدە،
ئۇ ئالەمگە ياكى كېتەلمەي.

كېلىن بالا كىردى<دوق>قىلىپ،
بىر چىنە ئاش قويدى ئالدىغا.
ئەھۋال سوراش ئۇياقتا تۇرسۇن،
ئالايغىنىچە ماڭدى ئارقىغا.

خىقىرىغانچە ئۈندىدى بوۋاي،
كېلىن بالام كۆپ رەھمەت ئېيتاي.
يىيەلمىدىم ، ئۆتمىدى بۇ ئاش،
"ئىچەي" دىگەن ئىسسىققىنە چاي.

كېلىن بالا ماڭدى غۇدۇراپ،
دوق قىلىپلا ماڭدى ئارقىغا.
بوۋاي ساقلاپ كۈنمۇ چۈش بولدى،
كۆزلىرىگە كەلدى لىق يىغا.

كېلىن بالا كەلدى غۇدۇرلاپ،
قوللىرىدا كۈتۈرۈپ چايدان.
پىيالىگە قۇيماستىن چاينى،
چىقىپ كەتتى دىگەنچە "ۋايجان".

بوۋاي كېسەل بولغاچقا ئەمما،
قوللىرىنى ئۇزارتالمىدى.
شۇنچە كۈچەپ باقسمۇ يەنە،
"ئۇھ!!"دىگەنچە ئولتۇرالمىدى.

كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ بوۋاي،
چوڭ قىپتمەن توققۇز بالىنى.
دىگەن ئىككەن كونىلارمۇ ھەق،
ئوتتۇز بالا، باقماس دادىنى.

ئاغرىنمىدى ئەمما بۇ بوۋاي،
كەلمىسە ئۆز، ئوغلۇم يېنىمغا.
كېلىن بالام قالدى جاپادا،
قاراپ كەلدى ئاجىز جېنىمغا.

بايۋەتچىدۇر بالامنىڭ چۇڭى،
ئوتتۇرانچى بالام سودىگەر.
قىينالمايدۇ ئۇنىڭ كىچىكى،
ساخاۋەتچى بولدى دۇرىگەر.

يەنە بىرى كىتىپ ئىچكىرگە،
ئىككى يىلدا ئاران بىر كېلۇر.
يەنە بىرى بولدى سېكىرىتار،
ئەڭ كىچىكى بولدى ئېنجىنېر.

كېلىنلىرىم پەزىلەتلىكتۇر،
ھېچ بولمسا ئايدا بىر كېلۇر.
بىر-بىرىدىن قىزغىنىپ مېنى،
ئېلىپ سوۋغات ھالىمغا يېتۇر.

يۈتەلگىنىچە قېقىلىپ بوۋاي ،
خەپۈرۈك باسقان گېلىنى قىرىپ .
قىينالغىنىچە چىقسىچۇ جېنىم ،
"ياشايمەن"-دەپ، قالغاندا قېرىپ .

ئۆز - ئۈزىنى بەزلەپ بۇ بوۋاي،
مومىيىنى ئالدى ئېسىگە.
رەھمەتلىكىم بولساڭ يېنىمدا،
يېلىنمايتتىم باشقا بىرسىگە.

ئەمما بوۋاي ئېسەدىگەنچە،
يىيەلمىسەم ھەتتا بىر زاغرا.
بۇنداق جاننىڭ نىمە كېرىكى،
مومىيىمغا بولايمەن ھەمرا.

خىرەلەشتى بوۋاينىڭ كۆزى،
ياتقىنچە ئويلارغا چۆمدى .
چاقىراتتى مومىيى يانغا ،
ئاستا-ئاستا كۆزىنى يۇمدى .

يازما يارسا كۆڭلۈڭىزنى بىلۈرەسىز

*********************
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى