شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

بۇ يىلقى پىلانلار

2018-12-31 02:13:56 -0500 مەزمۇن تۈرى:
2019. يىلنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى

1. ئېرىشىش توغرىسىدا:
ھەرگىز بىرلا كىرىمڭگە تايىنىۋالما، ئۇ ئارقىلىق يەنە بىر پۇرسەت يارىتىشقا تىرىشقىن.

2. سەرپ قىلىش توغرىسىدا:
ئېھتىياجىڭ يوق نەرسىلەرنى ئېلىۋەرسەڭ، كېرەكلىك نەرسىلىرىڭنى سېتىشقا مەجبۇر بولىسەن.

3. تېجەش توغرىسىدا:
خەجلەپ ئېشىپ قالغاننى تېجىمەي، تېجەپ ئېشىپ قالغاننى خەجلە.

4. پەخەس بولۇش توغرىسىدا:
دەريانىڭ چوڭقۇرلۇقىنى بىر پۇتۇڭنى قىرغاققا قويۇپ ئۆلچىگىن.

5. مەبلەغ ھەققىدە:
ھەممە تۇخۇمىڭنى بىر سېۋەتكە سالما.

6. ئۈمىد قىلىش توغرىسىدا:
سەمىمىيەت بەكمۇ قىممەتلىك سوۋغا، ئۇنى چاكىنا ئادەملەردىن كۈتمە.

7. ۋاقىت توغرىسىدا:
ئۆتمۈش ئىشلىتىپ بولۇنغان قەغەز، بۈگۈن بولسا گېزىت، ئەتە بولسا سوئال قەغىزى. ئۆتمۈشۈڭنى تاشلا، بۈگۈنۈڭنى چىڭ تۇت، كېلەچەكنى ئىگەللە.

8. تاللاش توغرىسىدا:
ھاياتىڭدا كۆڭۈلسىزلىك بولغاندا، مۇنداق ئۈچ خىل تاللىشىڭ بار: تەن ئېلىش، چۈشكۈنلىشىش ياكى كۈچلىنىش.

9. نەزەر توغرىسىدا:
كۆزۈڭنىڭ ئالدى تەرىپىڭدە بولۇشى ئالدىڭغا جىقراق قارا دېگەنلىكتۇر.

10. سەۋەنلىك توغرىسىدا:
كىچىكىمىزدە قېرىنداش، چوڭ بولغاندا قەلەم ئىشلىتىشىمىزدىكى سەۋەب، بالىلىقتىكى خاتالىقىمىزنى ئۆچۈرمەك ئاسان، ھازىر مۇمكىن ئەمەس.
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى