مۇڭلۇق ناخشا ئازار بەرمىگىن ئەمدى بەس بېسىڭ |
    مۇڭلۇق ناخشا چىدا يۈركۈم چىدا بېسىڭ |
ئىلان ئۇرنى

ئەتە كىم بار؟

2019-01-11 09:56:55 -0500تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر
ئەتە كىملەر بار


سىناق ئۈچۈن يارالدۇق بىزلەر،

بۇ دۇنيادا كىم ئەزىز كىم خار؟

قەدىرلىمەي ئۆتسەك بۈگۈننى،

كىم بىلىدۇ ئەتە كىملەر بار؟


جان ئامانەت بىزلەرنىڭ ئەمەس.

يۈز ياشلارنى قىلساقمۇ ھەۋەس.

بۇ ھاياتقا جاۋاب بەرمەك تەس.

كىم بىلىدۇ ئەتە كىملەر بار؟


بۇ دۇنيانى سورغانمۇ كەتتى.

بۇ دۇنيادىن تويغانمۇ كەتتى.

كىم ئۇنتۇلۇپ كىمنى ياد ئەتتى.

كىم بىلىدۇ ئەتە كىملەر بار؟



بۈگۈن تىلىپ بىراۋ قەلبىنى.

ياۋاشلارغا بېرىپ زەربىنى.

ئالساقمۇ گەر ئەڭ چوڭ غەلبىنى.

كىم بىلىدۇ ئەتە كىملەر بار ؟


بۈركۈت كەبى قاقساڭمۇ قانات.

سەبرى بىلەن گۈزەلدۇر ھايات.

كۈلكەڭ بىلەن دىلنى ئەيلە شاد.

كىم بىلىدۇ ئەتە كىملەر بار؟


دوستلار ئارا سەن پەن دېمەيلى.

يول قويايلى گۈلدەك ئۆتەيلى.

كەتسە دوستقا كېتىپتۇ دەيلى.

كىم بىلىدۇ ئەتە كىملەر بار؟؟؟

«Newer      Older»
ئىلان ئۇرنى
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2019 بەس بەس مۇنازىرە تورى