شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

كىم بىلەن توي قىلسا ئوخشاش دەپ قارامسىز؟

2019-07-02 08:33:15 -0400 مەزمۇن تۈرى:
توي دېگەن بىر ئۆمۈرلۈك ئىش، شۇنىڭغا قىزلار توينى توي قىلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەختلىك بولۇش ئۈچۈن قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز!

كىم بىلەن توي قىلسا ئوخشاش دېگەن گەپكە ئىشەنمەڭ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ خېلى چوڭ پەرقى بار.



01

ناچار تۇرمۇش سىزنىمۇ ناچارلاشتۇرىۋېتىدۇ

تۇرمۇش بىر ئادەمنىڭ بارلىقى بولمىغاندىن كېيىن، ئۆمۈرلۈك بەختنىڭ ھەممىسىنى تۇرمۇشقا باغلاپ قويماسلىق كېرەك.

لېكىن ئېتىراپ قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، كىم بىلەن توي قىلىش ئومۇمەن كېيىنكى كۈنلەرنىڭ بوران - چاپقۇنلۇق ياكى ئىللىق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ.


ئەگەر تۇرمۇشتا خاتا ئادەمگە ئۇچراپ قالسىڭىز، ئائىلىدىكى ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار ئۇرۇشۇشنىڭ پىلتىسى بولۇپ قالىدۇ.

مۇنداق بىر گەپ بار، تۇرمۇش مۇھەببەتكە ئوخشىمايدۇ، مۇھەببەت يېڭىلىدۇ ، تۇرمۇش يېڭىلمەيدۇ.

بۇ گەپ يالغان ئەمەس .

ئەگەر مۇھەببەتتە خاتا ئادەملەرگە يولۇقۇپ قالسا ئايرىلىپ كەتكىلى بولىدۇ،لېكىن ، ئەخلەت تۇرمۇشقا يولۇققاندا، نۇرغۇن ئادەم ئامالسىز قېلىپ ئۆمرىنى ئىسراپ قىلىدۇ .

02

ياخشى تۇرمۇش سىزنى يۈكسەلدۈرىدۇ

توغرا ئادەمگە يولۇققاندا ، دۇنيادىكى ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارمۇ كۆڭۈللۈك بىلىنىدۇ. ھەر قانچە زېرىكىشلىك كۈنلەرنىمۇ خۇشال-خورام ئۆتكۈزۈپ كېتەلەيسىز. توغرا ئادەمگە يولۇققاندا، بوران - چاپقۇنلاردىنمۇ قورقماس بولۇپ كېتىدۇ.



03


ھەممە ئىشقا ئالدىرىساقمۇ تويغا ئالدىرىساق بولمايدۇ

مۇھەببەت باشلىنىشتا بىر رومانتىك ئىش بولغىنى بىلەن، توينىڭ سالمىقى ئېغىر!

30 ياشقا كىرىپ تېخى توي قىلمىغان بىر دوستۇم ماڭا مۇنداق دېگەن ئىدى:

ئەگەر توينىمۇ خالىغانچە ئەپلەپ - سەپلەپ قىلساق ، كىشىلىك ھاياتتا يەنە قانداق چوڭ ئىش بىزنىڭ تەنتەنىلىك كۈتۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ ؟ ھەقىقەتەن شۇنداق .

ئەگەر سىز پورەكلەپ ئېچىلسىڭىز ، مەيىن شامال ئۆزلۈكىدىن كېلىدۇ . ئەگەر توغرا ئادەم تېخى ئۇچرىمىغان بولسا، ئالدىرىماسلىق كېرەك.

سىز قانداق ئويلايسىز ، ئىنكاس رايونى سىزگە قالدى....……
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى