شوخ ناخشا بېسىڭ |
|
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ
TEL:13779765476
ھاياتقا سۆز
2020-01-16 14:20:44 -0500 مەزمۇن تۈرى:
بەس-مۇنازىرە
ھاياتقا سۆز
نېمىدېگەن قىسقا بۇ ھايات،
سەھەر بىلەن گوگۇم ئارىسى.
كۆزنى يۇمۇپ يەنە ئاچقۇچە،
تارتىلاركەن كۆزنىڭ قارىسى.
نېمىدېگەن قىسقا بۇ ھايات،
نەپەسلەرگە نەپەسقىسىلغان.
بىر نەپەسنى ئېلىپ بولغۇچە،
يەنە بىرى ئاستا يىقىلغان.
نېمىدېگەن قىسقا بۇ ھايات،
تارغاق سالماي چاچلار ئاقارغان.
يارغا قۇچاق ئېچىپ بولغۇچە،
نەۋرە كېلىپ قىلىق چىقارغان.
نېمىدېگەن قىسقا بۇ ھايات،
بۈگۈن مانا مىنگەنغۇ ئاتقا.
ئاخشام يارغا بەرگەنغۇ كۆڭۈل،
ئايلاندۇردى ئەتىكى ياتقا.
نېمىدېگەن قىسقا بۇ ھايات،
بۈگۈن ئۆتمەي ئەتە كېلەمدۇ؟
ئەتە يەنە ياشىساق ئەگەر،
يىللار ساڭا ئازار يىتەمدۇ؟
نېمىدېگەن قىسقا بۇ ھايات،
قىرىق ياشتا ئادەم ئاتالغان.
ئەتىلەرنى بەرسەڭچۇ يىللار،
گۈزەل دۇنيا بۈگۈن يارالغان.
بۇ ئىلان ئۇرنى
سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home
يىڭىلىقلار
| ئەگىشىش
|
باشقۇرۇش
|
ياردەم
|
EN