شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

بۇ ھەقىقىي مەن

2020-01-16 14:39:34 -0500 مەزمۇن تۈرى: بەس-مۇنازىرە
نۇرغۇن ئىشلاردا:

مەن گەپ قىلمىدىم، بىراق گەپ قىلمىغىنىم مېنىڭ بىلمىگىنىمنى بىلدۇرمەيدۇ. بەزى ئىشلارنى مەن بىلىپ تۇرۇپ سورىمىدىم، بىراق بۇ مېنىڭ دۆت ئىكەنلىكىمنى بىلدۇرمەيدۇ



گەپ قىلسام نۇمۇس قىلىپ قالمىسۇن، سورىسام خىجىل بولۇپ قالمىسۇن دىدىم، ئەكىسچە بۇنى بەزىلەر بىلمىدى دەپ چۈشەندى.







مەن ئادەتتە بەك گەپتان ئەمەس، شۇڭا شىرىن شىكەر گەپلەرنى قىلىشنى ئۇقمايمەن. مېنىڭ كۆڭلۈمدە ھېچكىمگە يامانلىق يوق، شۇڭا مېنى بەزىلەر يوۋاشكەن دەپ بوزەك قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باقىدۇ.

مەن ھەممىنى بىلىپ تۇرىمەن، بىراق ھېچكىمنىڭ يۈزىگە سالمايمەن. چۈنكى ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ. بەزىلەرنىڭ دۇنياسىدا پۇل بايلىق ھەممىدىن ئۈستۈن

تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھەقىقى قەلىپ ساراڭلىق ھېساپلىنىدۇ. بىراق ئۇلار پۇل مالنىڭ يوقالسا يەنە تاپقىلى بولىدىغىنىنى، قەلىپنىڭ ئازار يىسە ئەسلىگە كەلمىكىنىڭ بەسى مۈشكۈللىكىنى ئۇنتۇيدۇ.







تۇرمۇشتا مېنى ساراڭ چاغلاپ قالغان دوسلۇرۇمغا شۇنى دىگۈم كېلىدۇ:



مېنى ئەخمەق قىلدىڭىز - مەن رەنجىمىدىم،

ماڭا يالغان سۆزلىدىڭىز - مەن ئاڭلاپ بەردىم،

مېنى بوزەك قىلماقچى بولدىڭىز - مەن ئۆچ ئېلىشنى ئويلۇشۇپ باقمىدىم.

مېنىڭ يامان گېپىمنى باشقىلارغا قىلدىڭىز - مەن ھەممىنى پەقەت كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويدۇم، يۈزىڭىزگەسالمىدىم.







بىراق قەدىرلىك دوستۇم :

ھەرگىزمۇ مېنى ساراڭكەن دەپ قالماڭ،

گەپ قىلمىغىنىم : مېنىڭ تەربىيە كۆرگىنىمدۇر!



ھاياتتا ھېچكىم ساراڭ ئەمەس، ئەسكىلىك ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدۇ. بىراق مەن باشقىلارغا يامانلىق قىلىپ كۆنمىگەن! مەن ھەربىر دوستۇمغا چىن مۇھەببىتىم بىلەن مۇئامىلە قىلسام دەيمەن. ھېچكىمنىڭ دىلىنى ئاغرىتمىسام دەيمەن.







مېنى ساراڭ چاغلاپ قالغان دوستۇم، ئوبدان ئاڭلاڭ:



ئۆتكۈگەن خاتالىقىڭىزنى مەن كەچۈرەلەيمەن. ماڭا بەرگەن ئازارلىرىڭىزنى مەن ئۇنتۇپ كېتەلەيمەن. مەن بىلەن دوست بولسىڭىز چىن سەمىمىيىتىڭىز بىلەن دوست بولۇڭ، بولمىسا مەن بىلەن تونۇشمىغان بولۇڭ.
بۇ مەن بىلسەڭ
ئاخىرنى ئىنكاس رايۇندىن كۈرەيلى
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى