شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئۆتمۈشتىكى ھېكايە

2020-02-07 12:47:52 -0500 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر
بىر چوڭ توي زىياپىتى بولۇپ نۇرغۇن ئادەملەر يىغىلىپتۇ، كىشىلەر ئارىسىدىن بىرسى تۇيۇقسىز باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىسىنى يىراقتىن كۈرۈپ ئالدىغا سالامغا كىلىپتۇ، ۋە ناھايىتى چوڭقۇر ئېھتىرام بىلەن سالام بىرىپ بولۇپ مۇنداق دەپتۇ: ئۇستاز مىنى تۇنۇدىڭىزمۇ ؟.
- ياق، تۇنۇمۇدۇم ، دەپتۇ.
- ئۇستاز قانداقسىگە تونۇمايسىز ؟ مەن ھېلىقى سىنىپتا باللارنىڭ بىرىنىڭ سائىتىنى ئوغرىلىۋېلىپ، سائەت ئىگىسى بالا يىغلاشقا باشلىغاندىن كىيىن سىز باللارنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇردىغانلىقىڭىزنى ۋە ھەممىمىزنى ئورنىمىزدىن تۇرۇشقا بۇيرۇق قىلغان ئىدىڭىز. مەن شۇ ۋاقىتتا ئۈزۈمنى ساۋاقداشلار ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىم ئارىسدا رەسۋا بۇلىدىغان بولدۇم، مەسخىرىگە قېلىپ ھاياتىم بۇيى ئوغرى – ئاتىلىپ كىشىلىكىمنى يوقىتىدىغان بولدۇم دەپ قورقۇنۇچتىن تۈگەشكەن ئىدىم. سىز ھەممىمىزنى تامغا قاراپ تۇرۇشقا ۋە كۆزىمىزنى تامامەن ئېتىپ تۇرۇشىمىزغا بۇيرۇق قىلدىڭىز.
ئارقىدىن ھەربىرىمىزنى بىر بىرلەپ ئاختۇرۇپ نۆۋەت ماڭا كەلگەندە يانچۇقۇمدىن سائەتنى ئېلىپ بولۇپمۇ يەنە ئاختۇرۇشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇردىڭىز .
سىز ھەممىمىزنى ئولتۇرۇشقا بۇيرۇق قىلدىڭىز ۋە ئوغرى كىم ئىكەنلىكىنى دىمەستىن سائەتنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئىلان قىلىپ ئىگىسىگە بەردىڭىز. مىنىڭ يۈرىكىم قورقۇنۇچتىن يېرىلىپ كېتەي دەپ قالغانتى، ئەمما سىز مېنى ۋە سائەت ھېكايەمىنى ساۋاقداشلار - ئۇقۇتقۇچىلىرىمدىن ھىچبىرىگە سۆزلىمەستىن ئىشنى تۈگىتىۋەتتىڭىز .

ئەمدى تۇنۇدىڭىزمۇ؟ ئىسىڭىزگە كەلدىممۇ؟
- ياق.
- ئۇستاز قانداقمۇ ئىسىڭىزگە كەلمىگۈدەكمەن، مەن ئۇقۇغۇچىڭىز ۋە ھىكايەم شۇنداق ئېچىنىشلىق تۇرسا ؟
ئوقۇتقۇچى مۇنداق دەپ جاۋاب بىرىپتۇ:
- مەن سىنى ئەسلا ئەسلىيەلمەيمەن، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ئاختۇرغان ۋە شۇ چاغدا ئۆزۈممۇ ئىككى كۆزۈمنى تېڭىۋېتىپ تۇرۇپ ئاقتۇرغانتىم. ئۈزۈم سىلەرگە قېرىندىشىڭلارنىڭ ئەيبىدىن كۆزىڭلارنى يۇمۇڭلار دەپ ئۈزۈم ئەمەل قىلمىسام بولمايدۇدە.

تەربىيە دېگەن ھىكمەتلىك بولسا تەربىيەدۇر.
تەربىيە ساپاغا موھتاج .ئۇ شارائىتلارنى ياخشى تاللاشقا موھتاج ·
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى