شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

گۈزەل ھېكايە

2020-02-06 10:46:33 -0500 مەزمۇن تۈرى: بەس-مۇنازىرە
گۈزەل ھىكايەت

باغۋەن بوۋاي بېغىنىڭ يەل يېمىشلىرىدىن پات پات قوشنىلىرىغا سۇنۇپ تۇرار ئىدى.

ئارىدا بىر ئايال قوشنا سەل ئىنساپسىز چىقىپ قالدىمۇ قانداق، بوۋاينىڭ رۇخسىتىسىز ، مېۋىلەرنى كۆرمەستە ئۈزۈپ ، شاخلىرنى سۇندۇرۇپ خاپا قىلدى …

نىھايەت، بىر كۈنى بوۋاي مەي باغلاپ پىشقان مېۋىلەردىن بىر سېۋەت تەييارلاپ ، ئاشۇ ئايالنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدى .…

دەل شۇ چاغدا ئايال ئوغلى بىلەن باغدىن ئۈزگەن توڭ پىششىق مېۋىلەرنى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتاتتى …

بوۋاي :

رەنجىمەڭ سىڭلىم ، قوشنىدارچىلىق ھەققىنى ئادا قىلىپ بولالمىدىم .
سىزنى ئاۋارە قىلماي ئۆزۈملا ئەكىرىپ بەرسەم توغرا بولاتتى .
ئالدىراشلىقتا توڭ مېۋىلەرنى ئۈزۈپ ساپسىز مۇنۇ مەي باغلىغانلىرىنىمۇ تېتىپ كۆرۈڭ .…

ئايال تۇرۇپلا قالدى .

لەۋلىرى تىترەپ گەپكە كەلمەيتتى .
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن باغۋەننىڭ رۇخسىتىسىز باغدىن بىر تال يوپۇرماقمۇ ئۈزمىدى …

خۇلاسە كالام …

ئەيىب ـ نۇقسانلارنى تۈزەش ، تەنبىھ بېرىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل يەنىلا مېھىر مۇھەببەت، كۆيۈنۈشتۇر …..
باشقىلارنىڭ سىزدىن قورقۇپ سۆزىڭىزنى ئاڭلىشى بىلەن ، ھۆرمەتلەپ ، قايىل بولۇپ بويسۇنۇشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق بار .…
مېھرى ـ مۇھەببەت ھەممىمىزگە يار بولسۇن !ھەممىنىڭ دورىسى مىھىر ـ مۇھەببەت
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
----Comments(1)----
بەس بەس (@basbas) | @ at 2020-02-06 10:54:
ناھايىتى ياخشى تەربىيۋى ئەھمىيتى زور بولغان ھېكايە
شەخسنىڭ دوسلار چەمبىرىكدىن ئېلىندى .
ياخشى مەزمۇنلار بولسا ماڭا يوللاپ بىرىڭلا ،ھەممىز تەڭ ئورتاقلىشايلى .
ئۈنداردىكى ئىسمىم xarpim
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى