شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

مەڭگۈ باشقىلارغا ئۆزىڭىزنى چۈشەندۈرمەڭ

2020-03-27 21:59:30 -0400 مەزمۇن تۈرى: بەس-مۇنازىرە


مەڭگۈ باشقىلارغا ئۆزىڭىزنى چۈشەندۈرمەڭ



مەڭگۈ باشقىلارغا ئۆزىڭىزنى چۈشەندۈرىمەن دېمەڭ، ھەر قانداق ئىشنى ۋە مۇناسىۋەتنى زورلاپ تاڭغىلى بولمايدۇ. سىزگە ئىشىنىدىغان ئادەم، شەرتسىز ھالدا سىز تەرەپتە تۇرىدۇ، سىز چۈشەندۈرمىسىڭىزمۇ ئۆزى چۈشىنىپ بولىدۇ؛ سىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم، ئۆزىنى سىزنىڭ ئورنىڭىزغا قويۇپ ئويلايدۇ، چۈشەندۈرىمەن دېيىش ئارتۇقچە بولۇپ قالىدۇ. ئەمما بەك مۇھىم ھېسابلانمايدىغان ئۇ كىشىلەر، پەقەت سىزنىڭ كىشىلىك ھاياتىڭىزدىكى ئۆتكۈنچى مېھمانلاردۇر، ئۇلار ھەتتا بەزىدە سىزدىن بىزارلىق ھېس قىلىدۇ، سىز بۇنداق ئادەملەر ئۈچۈن چۈشەندۈرىمەن دەپ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىپ نېمە قىلىسىز؟



ئامېرىكىلىق داڭلىق كارخانىچى روكفېللىر مۇنداق دېگەن: ئادەم قانچە بەك ئەقىللىك بولغانسېرى، شۇنچە بەك سۈكۈت قىلىشنى بىلىدىغان كېلىدۇ، خۇددى پىشقان شال باشاقلىرىنى ئەگكەنگە ئوخشاش، ئىشىنىش ئىشەنمەسلىك كىشىنىڭ قەلبىدە بولىدۇ. كۆڭلىدە سىز بولمىغان ئادەمگە چۈشەندۈرىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ، بۇنداق ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلغاندىن ئۆزىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغىنىڭىز ياخشى.



گەپ قىلىش بىر خىل سەنئەت، ئادەم بولۇش بىر خىل ئىلىم؛ بىزنىڭ كۆزلىرىمىزگە چۈشكىنىنىڭ ھەقىقىي بولۇشى ناتايىن، كۆڭلىمىزدە ئويلىغانلىرىمىز بولسا، كۆپىنچىسى سوبىكتىۋلىق بولىدۇ.



ئاز سۆزلەپ كۆپ ئىش قىلىش، بىر ئادەمنىڭ ئىچكى ساپاسى، ئۇ ھەمدە باشقىلارغا قارىتا بولغان ئەڭ چوڭ ياخشى نىيەت، كەمتەرلىك، كەڭ قورساقلىق ۋە ھۆرمەت. تۆۋەنلىك بىلەن ياشىماڭ، باشقىلارنىڭ قانداق ئويلىشىغا بەك پىسەنت قىلىپ كەتمەڭ. سۆز-چۆچەكلەرنى بىتچىت قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆزىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كەينىمىزدىن گەپ تاپقان ئاشۇ كىشىلەر مەڭگۈ يېتەلمەيدىغان ئېگىزلىككە يېتىپ، ئۇلارغا قاراپ كۈلۈپ قويۇش.

ئېسىڭىزدىن مەڭگۈ چىقمىسۇنكى، دۇنيادىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر سىزنى مەسخىرە قىلغان ئۇ كىشىلەرنىڭ قولىدا ئەمەس، بەلكى مەسخىرىلىك كۈلكىلەرگە ۋە ئەيىبلەشلەرگە بەرداشلىق بېرىپ داۋاملىق ھالدا ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ قولىدا.

ئابىدە سالۇندىن ئېلىندى

«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى